تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

يېڭى يىللىق تىياتىر كېچىلىكى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن كۆرۈشكە قاتناشتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12-ئاينىڭ 29-كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلار ۋۇ جىڭ، شى يۈسېن). 2019- يىللىق يېڭى يىللىق تىياتىر كېچىلىكى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى كەچتە دۆلەت چوڭ تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار پايتەختتىكى 1000غا يېقىن ئامما بىلەن بىرلىكتە ئويۇننى كۆرۈپ، يېڭى يىلنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى خۇشال كۈتۈۋالدى.

  دۆلەت چوڭ تىياتىرخانىسىدا رەڭگارەڭ پانۇسلار كۆزنى چاقنىتاتتى، تىياتىرخانا لىق تولغان، ئىللىق كەيپىياتقا چۆمگەنىدى. سائەت 19دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى كېچىلىك نەق مەيدانىغا كېلىپ، ئويۇننى كۆرگىلى كەلگەن پېشقەدەم سەنئەتكارلار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۇلاردىن ئەھۋال سورىدى، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

  شاقىلداق، تارىلىق چالغۇلار تەڭكەش قىلىنغان ناخشىدا يېڭى يىل تەبرىكلەندى، قەدىمىي كۈيلەردە تىنچ- ئاسايىشلىق زامان مەدھىيەلەندى. خۇشاللىق، ئىناقلىققا تولغان «بارچە كۈيلەر يېڭى يىلنى تەبرىكلەر» دېگەن تىياتىر خورى بىلەن پۈتۈن كېچىلىك باشلاندى. ياڭجۈ تىياتىرى كىچىك كونسېرتى «ئەر- خوتۇن قاراۋۇللار» بىلەن چيەنجۈ تىياتىرى «تيەنچۈ ئۆستىڭى»دىن ئارىيەدە، ئارال ساقلاش قەھرىمانى ۋاڭ جىسەي، «زامانىمىزدىكى يۈگۇڭ» خۇاڭ دافا ۋەكىللىكىدىكى يېڭى دەۋر كوممۇنىستلىرىنىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش»تەك ئالىيجاناب پەزىلىتى ئىپادىلەندى. «لۈ بۇنىڭ ئات سىنىشى»، «پېڭ جۈئېرنىڭ كەپىدە تۇرۇپ ئانىسىنىڭ نەسىھەتىنى ئاڭلىشى»، «تەستە تېپىشقان بىر جۈپلەر»، «ئاسماندىن چۈشتى لىن سىڭىل» قاتارلىق كىلاسسىك ناخشىلاردا قەلەم ماھارىتى بىلەن ئەلەم ماھارىتى بىرلەشتۈرۈلۈپ، چامباشلىق بىلەن تىياتىر بىرلەشتۈرۈلۈپ «جەڭ مەيدانى»دا ئەسكەرلەرنى چېنىقتۇرۇۋاتقان جەسۇر قىياپەت ئىپادىلەندى، جىڭجۈ تىياتىرى، كۇنجۈ تىياتىرى، خېبېي باڭزى تىياتىرى، خۇاڭمېيشى تىياتىرى، خۇجۈ تىياتىرى، يۆجۈ تىياتىرى(越剧)، چۇجۈ تىياتىرى، يۆجۈ تىياتىرى(粤剧)، چىنچياڭ تىياتىرى، يۈجۈ تىياتىرى قاتارلىق كۆپلىگەن ۋەكىل خاراكتېرلىك تىياتىر تۈرلىرىدە چوڭقۇر تارىخ بىلەن ئۆزگىچە جەلپكارلىق نامايان قىلىندى. «سەھەر تۇرۇپ قانداق ئەينەككە قارايمىز»، «بۈگۈن ئۇتۇقنى تەبرىكلەش شارابىنى قانغىچە ئىچەيلى» قاتارلىق ئۆسمۈر- بالىلار تىياتىر چاتما ناخشىلىرىدا، تىياتىر سەنئىتىگە ۋارىسلىق قىلىدىغان ئادەم بولۇشتەك خۇشاللىنارلىق كەيپىيات نامايان قىلىندى. جىڭجۈ تىياتىرى «قىزىل ئارمىيە ھەققىدە ھېكايە. يېرىم يوتقان»دىن ئارىيەدە، ئۇزۇن سەپەر يولىدا ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ بېلىق بىلەن سۇدەك يېقىن تەسىرلىك ھېكايىسى بايان قىلىنغان بولۇپ، تاماشىبىنلارنىڭ قىزىل ئارمىيە روھى، ئۇزۇن سەپەر روھىغا بولغان ھۆرمىتى ۋە سېغىنىشى ئويغىتىلىپ، خەلقنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئۇزۇن سەپەر يولىدا ياخشى مېڭىش جەسۇر ئىرادىسى ئۇرغۇتۇلدى. سەنئەتكارلارنىڭ كامالەتكە يەتكەن ئويۇنى تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. «جۇڭخۇا ئوغۇل-قىزلىرى شۇنچىلىك ئىرادىلىك، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ ئاچىدۇ يېڭى دەۋر»... «كەلگۈسىگە يۈزلىنىش» ناملىق تىياتىر ناخشىسى جۇشقۇن ھەم جاراڭلىق بولۇپ، مىليونلىغان خەلقنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىدىغان چىڭ ئېتىقادى مەدھىيەلەندى.

  پۈتكۈل كېچىلىكتە داڭلىق سەنئەتكارلار يىغىلىپ، مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى تىياتىرلار يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىجاد قىلىنغان نادىر ئەسەرلەر بىلەن ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلۈپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو تىياتىر سەنئەتكارلىرىنىڭ دىققەتنى رېئال تېمىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش ۋە خەلقنى مەركەز قىلىشتەك يۆنىلىش گەۋدىلەندۈرۈلدى.

  بېيجىڭدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىدىكى قىسمەن رەھبىرىي يولداشلار، دۆلەت كومىسسارلىرى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشتىكى قىسمەن رەھبىرىي يولداشلار، مۇناسىۋەتلىك تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار ئويۇننى كۆردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.