تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ئېكولوگىيەسى ياشاشقا باب كېلىدىغان گۈزەل يېزا-كەنتلەرنى ياخشى قۇرۇپ چىقايلى

——«1000 كەنتتە ئۈلگە كۆرسىتىش، 10 مىڭ كەنتنى تۈزەش قۇرۇلۇشى»دىن شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى ۋە دۇنياۋى ئىنكاسىغا نەزەر

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى خې لىڭلىڭ، خې يۈشىن، فاڭ ۋېنيۈ

    «مەن جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ مەلۇم كەنتىدىن، 15 يىلنىڭ ئالدىدا، كۈندە لىق بىر چېلەك يۇندىنى كۆتۈرۈپ ناھايىتى يىراق جايغا ئېلىپ بېرىپ تۆكەتتىم. ئەينى چاغدا، ئۆيىمىزنىڭ ئاشخانىسىدا يۇندى تۇرۇبىسى يوق، كەنتتە ئەخلەت ساندۇقى يوق ئىدى، دەريا بۇلغانغان بولغاچقا، سۈيى قارا ھەم سېسىق ئىدى. بۈگۈن، رەئىس شى جىنپىڭ ئۆزى بىۋاسىتە تۈرتكە بولغان «1000 كەنتتە ئۈلگە كۆرسىتىش، 10 مىڭ كەنتنى تۈزەش قۇرۇلۇشى» كەنتىمىزنى گۈزەل كارتىنىغا ئايلاندۇردى.

    ئامېرىكا نيۇيورك مانخاتتان، شۇ يەر ۋاقتى 2018-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى كەچتە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇكاپات تارقىتىش سەھنىسىدە، جېجياڭنىڭ ئەنجى ناھىيەسىدىن كەلگەن دېھقان چيۇ لىچىن ئاددىي تىل بىلەن كۈندىلىك تۇرمۇشىدىكى ھېكايىلەرنى سۆزلىدى، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

بۇنىڭ ئارقىدىكىسى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتتىكى مىڭلىغان- ئونمىڭلىغان دېھقاننىڭ قول تۇتۇشۇپ گۈزەل يۇرت- ماكانىنى ئورتاق قۇرغانلىقىدىن ئىبارەت ئېكولوگىيە ئۆزگىرىشى ئىدى.

    15 يىلنىڭ ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ جېجياڭدا «1000 كەنتتە ئۈلگە كۆرسىتىش، 10 مىڭ كەنتنى تۈزەش قۇرۇلۇشى»غا ئۆزى بىۋاسىتە تۈرتكە بولغانىدى. 15 يىلدىن بۇيان، ئۇ بۇ قۇرۇلۇشنى ئىزچىل ئېسىدىن چىقارمىدى، ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلدى ھەم كۆپ قېتىم يوليورۇق بېرىپ تۈرتكە بولدى. 15 يىلدىن كېيىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇھىت يىرىك پىلانى مەھكىمىسى يىللىق «يەر شارى مۇھاپىزەتچىسى مۇكاپاتى»نىڭ «رىغبەتلەندۈرۈش ۋە ھەرىكەت مۇكاپاتى»نى بۇ قۇرۇلۇشقا بەردى.

    ئەمەلىيەت داۋامىدا بارلىققا كەلگەن ھەم ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ بېيىغان شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسى يېڭى دەۋردە يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ كارتىنىسىنى سىزىپ بېرىپلا قالماي، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇشنى كۈچلۈك يېتەكچىگە ئىگە قىلىپلا قالماي، يەنە تاغ ۋە دېڭىزلاردىن ھالقىپ، جۇڭگونىڭ يەر شارى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم قاتناشقۇچىسى، تۆھپىكارى، باشلامچىسى بولۇشىغا تۈرتكە بولدى.

    (1) شەنچۈەننىڭ يېڭى قىياپىتى

    شاۋقۇنلۇق شەھەردىن ئايرىلىپ، جېجياڭنىڭ گۈزەل تاغ- دەريالىرىنى ئارىلىغاندا كۆپلىگەن كىچىك كەنتلەر كەشتىلەنگەن گۈلدەك كۆرۈنىدۇ. بۇ كىچىك كەنتلەرگە بارغاندا، بۇ كەنتلەر كىشىگە «ۋەنخۇاتۇڭ(رەڭدار دۇنيا)»غا كىرىپ قالغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ——

    ئەنجىنىڭ لۇجيا كەنتىدە ياۋا چايگۈلى، كۆكتاتلىق، باغ، دورا ماتېرىياللىرى قاتارلىق 18 ئائىلىۋى دېھقانچىلىق مەيدانى يۇلتۇزلاردەك تارقالغان بولۇپ، بالىلار چۆچىكى تۈسىگە ئىگە بىر رەڭلىك كىچىك پويىز توختىماي قاتناپ، دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنى بىر- بىرىگە تۇتاشتۇرۇپ، ساياھەتچىلەرنى يېزا تۇرمۇشىدىن زوقلاندۇرىدۇ.

    شاۋشىڭنىڭ تاڭدى كەنتىنىڭ ھەممە يېرىدە گۈل ئۆستۈرۈلىدۇ، ھەممە ئادەم گۈل ساتىدۇ، شۇ يەردىكى كەنت ئاھالىلىرى لەنخۇا گۈلى ئۆستۈرۈشكە ماھىر، ئۇنىڭ بازىرى پۈتۈن مەملىكەتكە تارقالغان بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەميېنى تومپىيىپ، كىشىلەرنىڭ چېھرى گۈلدەك ئېچىلىپ كەتتى؛

    كەيخۇانىڭ ياڭسۈن كەنتىدىكى نۇرغۇن ئائىلە خۇشبۇي چوشقا باقىدۇ، لېكىن، كەنت رەتلىك، پاكىز بولۇپ، يەنە «كىچىك چوشقا مەدەنىيەت باغچىسى»نى ئىجادىي بەرپا قىلىپ، باقمىچىلىق بىلەن ساياھەتنى يۇغۇرما تەرەققىي قىلدۇردى؛

    ...

    ھالبۇكى، ۋاقىتنى 15 يىل ئارقىغا سۈرسەك، جېجياڭنىڭ يېزىلىرى باشقىچە بىر قىياپەتتە ئىدى.

    ئىقتىسادىي تەرەققىياتى كۆپ يىل ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇۋاتقان جېجياڭمۇ ئالدى بىلەن مۇھىت بۇلغىنىش ئېلىپ كەلگەن ئاغرىنىشلارغا دۇچ كېلىپ، يېزا قۇرۇلۇشى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى كۆرۈنەرلىك ئارقىدا قالغانىدى، يېڭى ئۆي بولغان بىلەن يېڭى كەنت بولماسلىق، «ئۆي ئىچى زامانىۋىلاشقان، ئۆي سىرتى پاسكىنا، قالايمىقان، ناچار بولۇش»، «ئەخلەت تۆكىدىغان جاي بولماسلىق، پاسكىنا سۇ ھەممە يەردە ئېقىش» ھادىسىسى ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت ئىدى...

    2002- يىلى 10- ئاينىڭ 12- كۈنى، يولداش شى جىنپىڭ جېجياڭغا يۆتكىلىپ ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەندىن كېيىن، دەرھال توختىماي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، كۆپلىگەن كەنتتە خەلق رايىنى ئىگىلەپ، خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلاق سالدى، يېزا مۇھىتى مەسىلىسى ئۇ دىققەت قىلىدىغان مۇھىم نۇقتىغا ئايلاندى——

    ئاسمىنى كۆك بولماسلىق، سۇلىرى سۈزۈك بولماسلىق، تاغلىرى يېشىل بولماسلىقنىڭ ئەكس ئەتتۈرگىنى تەڭپۇڭ بولمىغان، ماس بولمىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولمىغان تەرەققىيات ئەندىزىسى بولۇپ، ماھىيەتلىك مەسىلە تەرەققىيات بىلەن مۇھىت ئاسراشنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى بىر تەرەپ قىلىنمىغانلىقى ئىدى.

    ئېكولوگىيە بىلەن تەرەققىياتنىڭ بۇ قوش سوئالىنى قانداق كېسىش ئېغىزىدىن يېشىش كېرەك؟

    2003- يىلى 6- ئايدا، يولداش شى جىنپىڭنىڭ بىۋاسىتە تۈرتكىسىدە، جېجياڭ «1000 كەنتتە ئۈلگە كۆرسىتىش، 10 مىڭ كەنتنى تۈزەش قۇرۇلۇشى»نى يولغا قويۇپ، يېزىلارنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ياخشىلاش، دېھقانلارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش يادرو قىلىنغان كەنتلەرنى تۈزەش قۇرۇلۇشى بويىچە كەڭ كۆلەملىك ھەرىكەتنى باشلىدى.

    بۇ، مەسىلە يۆنىلىشى، خەلق رايى يۆنىلىشى، يۈزلىنىش يۆنىلىشى، نىشان يۆنىلىشى گەۋدىلەندۈرۈلگەن كاتتا ئىش − بەش يىل ۋاقىت سەرپ قىلىنىپ، پۈتۈن ئۆلكىدىكى 40 مىڭ كەنتتىن 10 مىڭ ئەتراپىدا مەمۇرىي كەنت تاللىنىپ ئومۇميۈزلۈك تۈزەلدى، بۇنىڭ ئىچىدە 1000 ئەتراپىدىكى مەركىزىي كەنت ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يەتكەن ئۈلگە كۆرسىتىش كەنتى قىلىپ قۇرۇپ چىقىلدى.

    «كونا يولدا مېڭىشنى ئەمدى ھەرگىز ئويلاشماسلىق، ئىلگىرىكى ئاشۇ خىل تەرەققىيات ئەندىزىسىدىن يەنە مېھرىنى ئۈزەلمەي يۈرمەسلىك كېرەك. شۇڭا، بايا سىلەر ئېيتقاندەك، قەتئىي ئىرادە بىلەن بەزى كانلارنى توختىتىۋېتىش كېرەك، بۇلارنىڭ ھەممىسى دانا تەدبىر. سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق. بىز ئىلگىرى سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇشنىمۇ ھەم بايلىقنىمۇ تەكىتلىگەنىدۇق، ئەمەلىيەتتە سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق». 2005- يىلى 8- ئايدا، يولداش شى جىنپىڭ ئەنجىنىڭ يۈسۈن كەنتىگە كېلىپ خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە، كەنتنىڭ كان رايونىنى تاقاپ، يېشىل تەرەققىيات يولىدا ماڭغانلىق ئۇسۇلىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن بۇنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

    ئارقىدىن، يولداش شى جىنپىڭ جېجياڭ گېزىتىنىڭ «جىجياڭدىكى يېڭى سۆزلەر» مەخسۇس ئىستونىغا ماقالە يېزىپ مۇنداق دېدى: بىز ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناقلىقى، ئىقتىساد بىلەن جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقىغا ئىنتىلىمىز، ئاممىباب قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ دەل ھەم سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇش، ھەم بايلىقمۇ بولۇشتىن ئىبارەت.

    «سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق».

    بۇ ئىلمىي ھۆكۈم ناھايىتى تېزلا تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىشتىكى يېڭى يۆنىلىشكە ئايلاندى.

    «ھېس قىلىشىمچە، بۇ يولنى توغرا ماڭدۇق، ماڭغانسېرى چىقىش يولى تېپىۋاتىمىز ».

    كۆپ يىل GDP ئارقىدا قالغانلىقتىن ناھىيەنىڭ يىللىق خىزمەت يىغىنىدا ئارقىغا تىزىلغانىدۇق، تەكشۈرۈپ باھالاش يۆنىلىشى تەڭشەلگەندىن كېيىن، «پۈتۈن مەملىكەت بويىچە تۇنجى تۈركۈمدىكى مۇھىتى گۈزەل يېزا» بولۇپ باھالىنىپ ئالدىنقى قاتارغا تىزىلدۇق، دېدى ئەينى چاغدىكى ئەنجىنىڭ شەنچۈەن يېزىسىنىڭ يېزا باشلىقى ۋاڭ چىنيىڭ ئەسلەپ.

    ئىلگىرىكى شەنچۈەن يېزىسىدا بامبۇك زىيادە كۆپ كېسىلگەن، خېلى كۆپ تاغ جىلغىسىدا سۇ يوق دېيەرلىك ئىدى.

    دەرەخ كېسىشكە يول قويۇلمايدۇ، توك مىلتىق بىلەن بېلىق تۇتۇشقا يول قويۇلمايدۇ، كان ئېچىش، تاش قېزىشقا يول قويۇلمايدۇ... شەنچۈەن يېزىسى «1000 كەنتتە ئۈلگە كۆرسىتىش، 10 مىڭ كەنتنى تۈزەش قۇرۇلۇشى» يېتەكچىلىك قىلغان يولنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئىرادىگە كېلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيانقى تىرىكچىلىكىنى «مەنئى قىلىش تىزىملىكى»گە كىرگۈزدى ھەم يېزىلىق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قارار دوكلاتىغا كىرگۈزدى؛ سۇ مەنبەسىنى ساقلاش ئۈچۈن، يەنە ئېكولوگىيە سۇ ئامبىرى قۇردى.

    بىر قېتىملىق ئۈزۈل- كېسىل تۈزەشتىن كېيىن، شەنچۈەن يېزىسىدىكى يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ياشاش مۇھىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىپ، چايچىلىق، ساياھەتچىلىكمۇ تەرەققىي قىلىشقا باشلىدى، 2004- يىلى، بۇ كەنت «1000 كەنتتە ئۈلگە كۆرسىتىش، 10 مىڭ كەنتنى تۈزەش قۇرۇلۇشى» نەق مەيدان يىغىنىدىن كېيىن پۈتۈن ئۆلكە بويىچە تەكشۈرۈش نۇقتىسىغا ئايلاندى. بۈگۈنكى كۈندە، شەنچۈەن يېزىسىدا دەريا سۈيى سۈزۈكلەشتى، چايزارلىقلار يېشىللىققا پۈركەندى، كەنت ئاھالىلىرى گۈزەل مۇھىتتا ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، تۇرمۇش كەچۈرىدىغان بولدى.

    ئىش پۇختا قىلىندى، ھەر بىر قەدەم پۇختا بېسىلدى، پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى. جېجياڭدا خىزمەت قىلغان مەزگىلدە، يولداش شى جىنپىڭ ئىزچىل «1000 كەنتتە ئۈلگە كۆرسىتىش، 10 مىڭ كەنتنى تۈزەش قۇرۇلۇشى»نىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلەشنى ئۆزى بىۋاسىتە تۇتۇپ، ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆلكە بويىچە نەق مەيدان يىغىنى ئېچىپ، نەق مەيداندا يېتەكچىلىك قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن، بۇ، جېجياڭنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ئۆلكىلىك پارتكومىنىڭ ھەر يىلدىكى ئۆزگەرمەس ئادىتىگە ئايلاندى.

    2003- يىلىدىن 2007- يىلىغىچە ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلەش گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، 10 مىڭدىن ئارتۇق ئىشتاتلىق كەنتتە يولنى قاتتىقلاشتۇرۇش، ھاجەتخانىنى پاكىز قىلىپ ئۆزگەرتىش، دەريا- ئېقىنلاردىكى لاتقىلارنى تازىلاش قاتارلىقلار ئالغا سىلجىتىلدى؛

    2008- يىلىدىن 2012- يىلىغىچە، ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، چارۋا- قۇشلارنىڭ قىغ- ماياقلىرى، خىمىيەۋى ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىسى قاتارلىق دائىرىلىك بۇلغىنىشنى تۈزەش ۋە دېھقانلارنىڭ ئۆيىنى ئۆزگەرتىش ئاساسلىق تۇتۇلدى؛

    2013- يىلىدىن بۇيان چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، تۇرمۇش پاسكىنا سۈيىنى تۈزەش، ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىش، تارىخىي مەدەنىيەت كەنتلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىندى.

    «1000 كەنتتە ئۈلگە كۆرسىتىش، 10 مىڭ كەنتنى تۈزەش قۇرۇلۇشى» مۇساپىسىدە، جېجياڭ يېزىلىرىنىڭ تەرەققىيات پىكىر يولىدا ئۆزگىرىش بولدى، كەنتنىڭ تۇرالغۇ قىياپىتىدە ماھىيەتلىك ئۆزگىرىش بولدى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئادىتىدە زور ئۆزگىرىش بولدى، «گۈزەل ئۆزگىرىش» ھېكايىلىرى كەينى- كەينىدىن بارلىققا كەلدى:

    ئىلگىرىكى «خىرۇستال مەركىزى» − جېجياڭنىڭ پۇجياڭ ناھىيەسىدە، ھەممە ئائىلىلەر خىرۇستال دۇكىنى ئاچقان بولۇپ، نۇرغۇن كەنتتىكى دەريا سۈيى خىرۇستال سىلىقلاش پاراشوكى تۆكۈلگەنلىكتىن ئاقىرىپ كېتىپ، ئاممىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىدىن رازى بولۇش دەرىجىسى پۈتۈن ئۆلكە بويىچە ئەڭ ئارقىدا قالغانىدى.

    «دەريا- ئېقىنلارنى بۇلغىسا، يۇرت- ماكاننى ۋەيران قىلسا، ئالتۇن قاچا بولسىمۇ ئۇنى چېقىپ تاشلاش كېرەك!»

    پۇجياڭ ناھىيەسى خىرۇستال كەسپىنى تۈزەش ھەرىكىتىگە چاقماق تېزلىكىدە ئاتلىنىپ، ئاخىر «پۈتۈن ئۆلكە بويىچە ئەڭ مەينەت ناھىيە» دېگەن قارا قالپاقنى چۆرۈپ تاشلىدى، دەريا سۈيى بارغانسېرى سۈزۈلدى، بېلىقلارمۇ بارغانسېرى كۆپەيدى.

    ئىلگىرىكى «چوشقا باقمىچىلىقى چوڭ ناھىيەسى» − جېجياڭنىڭ خەييەن ناھىيەسى جېجياڭنىڭ شىمالىدىكى خاڭجياخۇ تۈزلەڭلىكىگە جايلاشقان بولۇپ، تەۋەسىدە دەريا كۆپ بولسىمۇ، ئومۇميۈزلۈك بۇلغانغانىدى، كۆپلىگەن كەنتتە «بېنچى، باۋما ئاپتوموبىللىرى چوشقا قىغى دۆۋىلىرى ئارىسىدا چېپىپ يۈرەتتى».

    شۇ يەردىكىلەر «چوشقا باقمىچىلىقىنىڭ مىقدارىنى ئازايتىش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش» ھەرىكىتىنى قوزغاپ، باقمىچىلىق ئائىلىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشنى ئۆزگەرتىش، كەسىپنى ئۆزگەرتىش، يېشىل تەرەققىيات يولىدا مېڭىشقا يېتەكلىدى، چاڭجياڭنىڭ جەنۇبىدىكى سۇ ماكانى قايتا ھاياتىي كۈچكە تولدى.

    ......

    ئاسان يولدا ماڭماي، توغرا يولدا مېڭىش كېرەك.

    يۇقىرى سۈپەت گەۋدىلەندۈرۈلدى، دەرىجە ئۆستۈرۈلدى. يېڭى دەۋرگە كىرىپ، «1000 كەنتتە ئۈلگە كۆرسىتىش، 10 مىڭ كەنتنى تۈزەش قۇرۇلۇشى»دا يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ياشاش مۇھىتى قۇرۇلۇشى مەزمۇنى يەنىمۇ بېيىتىلىپ، كېڭەيتىلىپ، يېزا- كەنتلەرنىڭ خاسلىقى بولۇشقا، مۇھىتنى تۈزەشكە، يېزا ئىستىلى مەدەنىي بولۇشقا، ياشاشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا باب كېلىشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلدى، يېزا- كەنتلەر پاكىزلىشىپ، گۈزەللىشىپلا قالماي، بەلكى ئىللىقلىققا تولدى، جەلپكارلىققا ئىگە بولدى، ھاياتىي كۈچكە تولدى.

    15 يىل بوشاشماي كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، «1000 كەنتتە ئۈلگە كۆرسىتىش، 10 مىڭ كەنتنى تۈزەش قۇرۇلۇشى» جېجياڭنىڭ يېزا رايونلىرىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن يېڭى يول ئاچتى. 2017- يىلى جېجياڭ يېزىلىرىدىكى دائىملىق ئاھالىلەرنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 24 مىڭ 956 يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.1 ئاشتى، بۇ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ 13 مىڭ 432 يۈەنلىك ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ 1.86 ھەسسىسىگە باراۋەر بولۇپ، ئۇدا 33 يىل پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلار بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇردى.

    «1000 كەنتتە ئۈلگە كۆرسىتىش، 10 مىڭ كەنتنى تۈزەش قۇرۇلۇشى»نى باش شۇجى شى جىنپىڭ باشتىن- ئاخىر كۆڭلىگە پۈكۈپ كەلدى. 2015- يىلى 5- ئايدا، ئۇ جېجياڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق دېدى: جېجياڭنىڭ تاغلىرى ياپيېشىل، سۇلىرى سۈپسۈزۈك، ئەينى يىلى «1000 كەنتتە ئۈلگە كۆرسىتىش، 10 مىڭ كەنتنى تۈزەش» ھەقىقەتەن بالدۇر تۇتۇلغان، ئالدىن كۆرەرلىككە ئىگە. جېجياڭنىڭ تېخىمۇ غەيرەتكە كېلىپ، داۋاملىق ئالدىدا مېڭىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

    (2) ئېكولوگىيەلىك ئۆزگىرىش

    جېجياڭنىڭ دېچىڭ ناھىيەسىدە شەھەر بىلەن يېزا تۇتىشىپ كەتكەنىدى.

    ئاپتوموبىللىق ماڭغاندا، شەھەر بىلەن يېزىنىڭ پاسىلىنى پەرقلەندۈرگىلى بولمايتتى، غەربىي قىسىمدا بۈك- باراقسان بامبۇكزارلىق، يېشىل تاغ، سۈزۈك سۇلار بار ئىدى؛ ئوتتۇرا قىسىمدىكى سەھرا شەھەرچىلىرى كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا، ياشاشقا باب كېلەتتى؛ شەرقىي قىسىمدىكى ئازادە قەدىمىي بازارلار 1000 يىللىق تارىخنى كۈيلىمەكتە ئىدى...

    زامانىۋىلاشقان جۇغراپىيەلىك ئۇچۇر بازىرى قىسقىغىنا ئۈچ يىلدا يوقلۇقتىن بارلىققا كەلدى، بۇ يەرگە جۇغراپىيەلىك ئۇچۇرغا مۇناسىۋەتلىك 237 كارخانا توپلاشقان بولۇپ، گۈزەل، ياشاشقا باب كېلىدىغان مۇھىتى بىلەن زامانىۋىلاشقان كەسىپلىرى بىر- بىرىنى تولۇقلاپ تۇراتتى.

    سىرتقى كۆرۈنۈشكە ئەھمىيەت بېرىلىپلا قالماي، ئىچكى مەزمۇنىمۇ بېيىتىلدى. شەھەر- يېزىلارنىڭ كۆچۈرۈلگەن نوپۇس توسالغۇسى بۇزۇپ تاشلىنىشتىن ئاممىۋى مۇلازىمەتنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقىچە، يەنە يېزا- كەنت ئامىلىغا بازار قىممىتى ئاتا قىلىشقىچە، ئادەم، بايلىق، مال- مۈلۈكلەرنىڭ شەھەر- يېزا ئارىسىدا ئەركىن ئېقىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى، شەھەر- يېزىلاردىكى ئىشچى- دېھقانلارنىڭ ئەنئەنىۋى مۇناسىۋىتىدە ئۆزگىرىش بولدى.

    ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنىڭ ۋاقىت تۈگۈنىدە تۇرۇپ، بۇنداق شەھەر- يېزا مۇناسىۋىتىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كۆزىتىش كىشىنى بارغانسېرى ئويغا سالىدۇ.

    «40 يىلدىن بۇيان، جېجياڭنىڭ شەھەرلىرى بىلەن يېزا- كەنتلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۆزئارا باغلىنىشلىق ئۈچ باسقۇچنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى، يېزا- كەنتلەرنىڭ ھالەت فۇنكسىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆزگەردى».

    گۇ يىكاڭ جېجياڭ ئۆلكىلىك يېزا خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى بولۇپ، «1000 كەنتتە ئۈلگە كۆرسىتىش، 10 مىڭ كەنتنى تۈزەش قۇرۇلۇشى»نىڭ باشلىنىشى ۋە يولغا قويۇلۇشىنى باشتىن كەچۈرگەن. ئۇنىڭ نەزەرىدە، بۇ قۇرۇلۇش يېزا- كەنتلەردىكى زور ئۆزگىرىشنىڭ كاتالىزاتورى ۋە يېتەكلىگۈچىسى ئىدى——

    يېزا- كەنتلەردە يىمىرىلمە ئۆزگىرىش بولدى، يېزا ئىگىلىكىدىكى كوللېكتىپلاشقان ئىگىلىك ئائىلە ئىگىلىكىگە ئۆزگەرتىلدى، جېجياڭدىكى قىسمەن كەنت ئاھالىلىرى ئالدىن بېيىدى، بىراق يېزا ئىگىلىكىنىڭ چەتلەشتۈرۈلۈشى، ياشانغان دېھقانلارنىڭ كۆپىيىشى، يېزىلارنىڭ بوش قېلىشى قاتارلىق مەسىلىلەرمۇ تەدرىجىي جۇغلاندى؛

    يېزا- كەنتلەردە تەدرىجىي ئۆزگىرىش بولدى، «1000 كەنتتە ئۈلگە كۆرسىتىش، 10 مىڭ كەنتنى تۈزەش قۇرۇلۇشى» تۇتقا قىلىنىپ، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ياشاش مۇھىتى ياخشىلاندى، شەھەر- يېزىلارنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى بىرتۇتاش پىلانلاندى، يېزا رايونلىرىنىڭ قىياپىتىدە ناھايىتى زور ئۆزگىرىش بولدى، شەھەر- يېزىلار بىرىكىش ۋەزىيىتى تەدرىجىي نامايان بولدى؛

    يېزا- كەنتلەردە جۇغلانما ئۆزگىرىش بولدى، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، جېجياڭ كېيىنكى سانائەتلىشىش، كېيىنكى شەھەرلىشىش دەۋرى ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى يېڭى دەۋرىگە كىرىپ، شەھەر- يېزىلار ئومۇميۈزلۈك يۇغۇرما تەرەققىي قىلىپ، يېزا- كەنت ئېكولوگىيەسى، ئادىمىيەت ئەۋزەللىكى گەۋدىلەندۈرۈلدى، تەرەققىيات بايلىقى ئامىلى يېزا- كەنتلەرگە قايتىشقا باشلىدى.

    جېجياڭنىڭ يېزا- كەنتلىرى بېسىپ ئۆتكەن يوللار يەنە جۇڭگونىڭ يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولىنى ئەكس ئەتتۈرمەكتە.

    «ئەسلىسەك، <1000 كەنتتە ئۈلگە كۆرسىتىش، 10 مىڭ كەنتنى تۈزەش قۇرۇلۇشى> ئۇزاق ئىستراتېگىيەلىك قۇرۇلۇش، ئىش يېزا- كەنتلەرنىڭ مۇھىتىنى تۇتۇشتىن باشلىنىپ، شەھەر- يېزىلارنى بىرتۇتاش پىلانلاپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى قىيىن مەسىلىلەر ھەل قىلىنىپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىلدى» دېدى گۇ يىكاڭ.

    «1000 كەنتتە ئۈلگە كۆرسىتىش، 10 مىڭ كەنتنى تۈزەش قۇرۇلۇشى» يولىنى بويلاپ مېڭىپ ھازىرغا كەلگەندە، جېجياڭنىڭ كۆپلىگەن شەھەر- يېزىلىرىنىڭ تەرەققىياتى «3.0 نۇسخا»غا يۈزلەنمەكتە: يېزا- كەنتلەرنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ساياھەتچىلىكنى گۈللەندۈرۈشتىن بايلىق ئامىلىنىڭ قايتىشى، يېزا- كەنتلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك جانلىنىشىغىچە، يەنە شەھەر- يېزىلاردىكى كەسىپلەرنىڭ بىر- بىرىنى تولۇقلىشى، يېزا- كەنتلەر ئەۋزەللىكىنىڭ بارغانسېرى گەۋدىلىنىشىگىچە....

    ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىندى، چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈلۈپ خىزمەتلەر ئىنچىكە ئىشلەندى، شۇنىڭ بىلەن «1000 كەنتتە ئۈلگە كۆرسىتىش، 10 مىڭ كەنتنى تۈزەش قۇرۇلۇشى» تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى.

    «چىرىيدىغان ئەخلەت» ساندۇقى يېشىل رەڭدە بولۇپ، ئۈستىگە ھايۋانات يىلىكى، ئىچكى ئەزالىرى، كۆكتات غول- يوپۇرماقلىرى، مېۋە شۆپىكى، مېۋە ئۇرۇقچىسى... دېگەن خەتلەر يېزىلغانىدى.

    «چىرىمايدىغان ئەخلەت» ساندۇقى كۈلرەڭدە بولۇپ، ئۈستىگە ئەينەك، سۈت قۇتىسى، مېتال، سولياۋ... دېگەن خەتلەر يېزىلغانىدى.

    ئەخلەت ساندۇقىنىڭ ئۈستىدىكى تاختىغا ئالاقىلىشىدىغان پارتىيە ئەزاسى، دېھقاننىڭ ئىسمى، تەرتىپ نومۇرى ئېنىق يېزىلغانىدى.

    مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تۈرگە ئايرىلغان ئەخلەت ساندۇقلىرىنى جېجياڭدىكى كۆپلىگەن يېزىنىڭ ھەممە يېرىدە ئۇچراتقىلى بولىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، كەنت ئاھالىلىرى ھەرقانداق كىشىنىڭ قالايمىقان ئەخلەت تاشلىشىغا ئالدى بىلەن يول قويمايدۇ. يەرلىكتە مۇنداق ھېكايە تارقالغان، سىرتتىن كەلگەن بىر ساياھەتچى بىر كەنتكە كېلىپ، شېكەرقومۇش يېگەچ پوستىنى تۈكۈرۈپ مېڭىپتۇ، شۇ كەنتتىكى بىر بوۋاي كەينىدىن سۈپۈرۈپ مېڭىپتۇ.

    يېزا ئەخلىتىنى بىر تەرەپ قىلىش قارىماققا كىچىك ئىشتەك كۆرۈنسىمۇ، بىراق كونكرېت ئەمەلىيەت داۋامىدا ھەل قىلىش ئىنتايىن قىيىن مەسىلە.

    جېجياڭدا يېزا ئەخلەتلىرىنى تۈرگە ئايرىش تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈش، بوشاشماي كۈرەش قىلىش جەريانىنى بېشىدىن كەچۈردى: كەنت كادىرلىرى باشلامچى بولۇپ، ھەر بىر كەنت ئاھالىسى بىلەن قوشماقلىشىپ مەنبەدىن تۈرگە ئايرىش خىزمىتىنى ئورتاق ياخشى ئىشلىدى؛ چىرىيدىغان ئەخلەتنى بازاردا بىر تەرەپ قىلىش، چىرىمايدىغان ئەخلەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ ناھىيەدە بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق ھەر جاينىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈشتەك بىر تەرەپ قىلىش ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدەندى؛ ئەخلەتنى تۈرگە ئايرىش توغرىسىدا نىزام چىقىرىپ، رىئايە قىلمىغانلارغا جەرىمانە قويدى؛ بايلىقلاردىن دەۋرىي پايدىلىنىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىگە ئەخلەتنى يىغىۋېلىشنىڭ پايدىسىنى ھېس قىلدۇردى...

    «1000 كەنتتە ئۈلگە كۆرسىتىش، 10 مىڭ كەنتنى تۈزەش قۇرۇلۇشى»دا ئىش يېزا ئەخلىتى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىن باشلىنىپ، ئاممىنىڭ نەزەر دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمەكتە.

    «جېجياڭنىڭ ياخشى تەجرىبە، ئۇسۇللىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ھەر جاينىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، «نەتىجە قۇرۇلۇشى» «ئوبراز قۇرۇلۇشى» قىلماي، ئىشلارنى كەينى- كەينىدىن بېجىرىپ، يىلنى يىلغا ئۇلاپ ئىشلەپ، ئېكولوگىيەسى ياشاشقا باب كېلىدىغان گۈزەل يېزا- كەنتلەرنى ياخشى قۇرۇپ، كەڭ دېھقانلارنى يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش داۋامىدا تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىغا ئېرىشتۈرۈش كېرەك». 2018- يىلى 4- ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇق بەردى.

    پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ياشاش مۇھىتىنى تۈزەشنى ئىزچىل كۆڭلىگە پۈكۈپ، «ھاجەتخانا ئىنقىلابى»نى كەڭ يېزا رايونلىرىدا ئومۇملاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى، يەنە چارۋا، ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىق تاشلاندۇقلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە بايلىققا ئايلاندۇرۇش قاتارلىقلارغا كۆڭۈل بۆلدى.

    بۇ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ جانلىق نامايەندىسى بولۇپ، جېجياڭنىڭ يېزا- كەنتلىرىدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشكە يېتەكچىلىك قىلماقتا، جۇڭگونىڭ يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلماقتا.

    كەسىپلەر گۈللەندى، ئېكولوگىيە ياشاشقا باب كېلىدىغان بولدى، يېزا ئىستىلى مەدەنىيلەشتى، تۈزەش ئۈنۈملۈك بولدى، تۇرمۇش باياشاتلىققا تولدى... پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى، جېجياڭ يېزىلىرى «1000 كەنتتە ئۈلگە كۆرسىتىش، 10 مىڭ كەنتنى تۈزەش قۇرۇلۇشى»نىڭ يېتەكچىلىكىدە ئالدىن يولغا قويغۇچى، ئالدىن سىناق قىلغۇچىغا ئايلاندى.

    بۈگۈنكى كۈندە، تېخىمۇ كۆپ ياش جېجياڭنىڭ يېزا- كەنتلىرىگە بېرىپ ئىگىلىك تىكلەپ، «گۈزەل ئىقتىساد»نىڭ غايەت زور يوشۇرۇن كۈچىنى كۆردى؛

    تېخىمۇ كۆپ يۇرتداش كەنتنىڭ كەلگۈسىنى پىلانلاشقا قاتناشتى، چۈنكى، «بۇ يەردىكى ھەر بىر پارچە تاش ئۆزىنىڭ ھاياتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى».

    تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسى ئاڭلىقلىق بىلەن كەنتنىڭ مەدەنىيەت ئەۋزەللىكىنى قېزىپ، باشقىلاردا يوق، ئۆزىدە بولۇش تەرىپىنى نامايان قىلدى؛

   ......

    مۇھىت ئىشىدا ئامما سۇبيېكت، تەرەققىيات ئاساس.

    2017- يىلى، جېجياڭنىڭ ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %61.17 كە يېتىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى؛ شەھەر- يېزا ئاھالىسىنىڭ كىرىم نىسبىتى 2.05 بولۇپ، مەملىكەت بويىچە ھەرقايسى ئۆلكىلەر ئىچىدە ئەڭ تۆۋەن بولدى؛ ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ تەڭپۇڭلاشتۇرۇلۇشىنىڭ ئىشقا ئېشىش دەرىجىسى %91.6 بولدى... يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى چوڭقۇر يىلتىز تارتتى.

    جېجياڭنىڭ ئەنجى ناھىيەسى لۇجيا كەنتى بىلەن شەنشىنىڭ لىچۈەن ناھىيەسى يۈەنجيا كەنتىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنىدىن قارىغاندا، ئىككى كەنتنىڭ بىرى جەنۇبتا، بىرى شىمالدا بولسىمۇ، بۇ ئىككىسى قوشماقلىشىپ قېرىنداش كەنت بولدى.

    لۇجيا كەنتىنىڭ يېزا- كەنتلەرنى پىلانلاش، مۇھىتنى تۈزەش، كەنت ئاھالىلىرى يېزا- كەنت قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالاھىدىلىكى گەۋدىلىك بولۇپ، يۈەنجيا كەنتى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىككى كەنت قوشماقلىشىپ تەجرىبە ئۆگىنىش، تەرەققىياتنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

    «كېيىنكى قەدەمدە بىز <100 كەنت ئىتتىپاقى>نى باشلامچىلىق بىلەن بەرپا قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئوخشاش يېزا- كەنت ئىدىيەسى، تىجارەت ئەندىزىسىگە ئىگە كەنتلەرنى ئىتتىپاققا كىرگۈزۈپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىپ ئىلگىرىلەيمىز»، دېدى لۇجيا كەنت پارتكومىنىڭ شۇجىسى جۇ رېنبىن.

    «1000 كەنتتە ئۈلگە كۆرسىتىش، 10 مىڭ كەنتنى تۈزەش قۇرۇلۇشى» تەبىئىي ئەۋزەللىكى بىر قەدەر ياخشى، ئىقتىسادىي ئاساسى بىر قەدەر كۈچلۈك جېجياڭدا باشلاندى، ئەمما ئۇنىڭ يادروسى يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش بولۇپ، بۇ يەنە ئۇنى تەقلىد قىلىشقا، كېڭەيتىشكە بولۇش ئەھمىيىتىدىن دېرەك بېرىپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى تەجرىبە ۋە ئۈلگە بىلەن تەمىنلەيدۇ.

    بىر ئېكولوگىيە يېڭى يولى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتى، ئۇنىڭدا ئۇزاققىچە بوشاشماي چىڭ تۇرۇپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد تۇتۇپ، نەتىجە- ئۈنۈم ياراتقاندىلا، ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئېشىش نۇقتىسىغا ئايلىنىدۇ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنىڭ تىرەك نۇقتىسىغا ئايلىنىدۇ، دۆلىتىمىزنىڭ ياخشى ئوبرازىنى نامايان قىلىدىغان كۈچەش نۇقتىسىغا ئايلىنىدۇ.

    (3) دۇنياۋى ئىنكاس

    «ئىلگىرىكى بۇلغىنىشى ئېغىر بولغان قارا، سېسىق دەريا- ئېقىنلار شىرىلداپ سۇلار ئېقىپ تۇرىدىغان، سۈزۈكلۈكىدىن تېگى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىلىپ، رىغبەتلەندۈرۈش ۋە ھەرىكەت تۈرى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. بۇ ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تۈرى مۇھىتنى قوغداش بىلەن ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تەڭ يولغا قويغاندا ئۆزگىرىش خاراكتېرلىك كۈچ پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى».

    بۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇھىت يىرىك پىلانى مەھكىمىسىنىڭ «يەرشارى مۇھاپىزەتچىسى مۇكاپاتى» تارقاتقاندا «1000 كەنتتە ئۈلگە كۆرسىتىش، 10 مىڭ كەنتنى تۈزەش قۇرۇلۇشى»غا بەرگەن باھاسى.

    ھالبۇكى، بىر يىلنىڭ ئالدىدا، 2017- يىلى 12- ئايدا، ئوخشاش جايدا، ئوخشاش «يەرشارى مۇھاپىزەتچىسى مۇكاپاتى»غا ئېرىشكۈچى − جۇڭگونىڭ سەيخانبا ماشىنىلاشقان ئورمانچىلىق مەيدانى ئىدى.

    ئۇدا ئىككى يىل مۇكاپاتقا ئېرىشىش − خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جۇڭگونىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئەمەلىيىتىگە بولغان كەڭ دائىرىلىك ئېتىراپ قىلىشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، يەرشارى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداشتىكى جۇڭگو مەسئۇلىيىتىنى نامايان قىلدى.

    ئىلگىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىقىغا تەيىنلەنگەن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇھىت يىرىك پىلانى مەھكىمىسىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى بولغان ئىرىك سولخېمنىڭ قارىشىچە، جۇڭگو ھەرىكىتى دەل يەرشارىۋى خىرىس ۋە تېما——تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، مۇھىتنى ئاسراش، ئاۋام ساغلاملىقىدىن ئىبارەت ئۈچتە پايدا ئېلىشنى قانداق ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك، دېگەن مەسىلىگە جاۋاب بەردى.

    بۇ يىل 4- ئايدا سولخېم جېجياڭغا كېلىپ، مۇھىتى گۈزەل كۆپلىگەن يېزا- كەنتلەرگە بېرىپ، ئىلگىرىكى يېزا- كەنتلەرنىڭ بۇلغانغانلىقىغا ئائىت سۈرەتلەرنى كۆردى. غايەت زور ئۆزگىرىشلەر ئالدىدا ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: جېجياڭدا كۆرگەنلىرىم دەل كەلگۈسىدىكى جۇڭگونىڭ قىياپىتى، ھەتتا كەلگۈسىدىكى دۇنيانىڭ قىياپىتىدۇر.

    «جۇڭگونىڭ قىسمەن رايونلىرى بىر قەدەر قىسقا ۋاقىتتا بەزى غەرب دۆلەتلىرى نەچچە ئون يىلدا ئېرىشكەن مۇھىت تۈزەش نەتىجىسىنى قولغا كەلتۈردى، بۇ، مۇھىت تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بەرپا قىلىشتىكى ئىرادە ۋە ئەقىل- پاراسەتنى نامايان قىلدى».

    تەكشۈرۈشتە بىللە بولغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەمەلدارى مۇنداق قارىدى: بۇ يەردە، يېشىل تەرەققىيات بايلىق ئېلىپ كەپتۇ، نۇرغۇن ئىش ئورنى يارىتىپتۇ، خەلق ئاممىسى تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشىپ، ئۆزىنىڭ يۇرت- ماكانىنى تېخىمۇ قەدىرلەپ، مۇھىتنى ئاڭلىق قوغدايدىغان «يەرشارى مۇھاپىزەتچىسى»گە ئايلىنىپتۇ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن ئېكولوگىيەنى قوغداش ئۆزئارا ماسلاشقان بۇنداق ئەندىزە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى خەلق ئاممىسىنىڭ بەھرىلىنىشىگە ئەرزىيدۇ.

    پۈتۈن يەرشارىغا نەزەر سالساق، «1000 كەنتتە ئۈلگە كۆرسىتىش، 10 مىڭ كەنتنى تۈزەش قۇرۇلۇشى» يېشىل تەرەققىياتىنىڭ پايدىسىدىن بەھرىلىنىۋاتقان كىشىلەر بارغانسېرى كۆپەيمەكتە——

    جېجياڭ دېچىڭدا، «چەت ئەللىكلەر ئارامگاھى» دەپ ئاتالغان يېڭىچە يېزا- كەنت ساياھىتى كەسىپ ھالىتى يامغۇردىن كېيىنكى بامبۇك نوتىلىرىدەك مەيدانغا كەلدى. چەت ئەللىكلەر ئارامگاھىنىڭ كۆپىنچىسىنى چەت ئەللىكلەر ئاچقان بولۇپ، تېخىمۇ باي لايىھەلەش تۇيغۇسى ۋە مودا تۇرمۇش پۇرىقىغا ئىگە ئائىلىۋى ياتاق ياكى ئېسىل مېھمانسارايلاردۇر. ساياھەتچىلەر دۆلەت ئىچىدىن كېلىپلا قالماي، چېگرا سىرتىدىنمۇ كېلىدۇ؛ كىشىلەر گۈزەل تەبىئىي مۇھىتتىن ھۇزۇرلىنىپلا قالماي، ئەتراپتىكى ئۆزگىچە يېزا- كەنتلەردە ئوخشاش بولمىغان يېزا تۇرمۇشىدىن بەھرىلىنىدۇ.

    دېچىڭدىلا، قۇرۇلغان ھەم تىجارەت باشلىغان چەت ئەللىكلەر ئارامگاھىدىن 64ى بار، مەبلەغ سالغۇچىلار ئايرىم- ئايرىم جەنۇبىي ئافرىقا، فىرانسىيە، ئەنگلىيە، بېلگىيە، دانىيە قاتارلىق ئون نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن بولۇپ، ھەر يىلى نەچچە يۈز مىڭ ساياھەتچىنى بۇ يەرگە كېلىپ ساياھەت قىلىشقا، دەم ئېلىشقا جەلپ قىلىدۇ. بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرى تېخى ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە خەۋەرلىرى تورىدا «سەددىچىن سېپىلىدىن باشقا چوقۇم بېرىشقا تېگىشلىك جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە 15 جاينىڭ بىرى» دەپ ئاتالدى.

    گۈزەل ئېكولوگىيەدىن گۈزەل ئىقتىسادقىچە، يەنە گۈزەل تۇرمۇشقىچە. «1000 كەنتتە ئۈلگە كۆرسىتىش، 10 مىڭ كەنتنى تۈزەش قۇرۇلۇشى» سىزىپ چىققان جۇڭگو يېزىلىرىنىڭ يېڭى كارتىنىسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030- يىلىغىچە بولغان ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات نىشانى − ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يولىغا يۈكسەك ماس كەلگەن بولۇپ، جەمئىيەت، ئىقتىساد، مۇھىتتىن ئىبارەت ئۈچ جەھەتتىكى تەرەققىيات مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ.

     2003- يىلى باشلانغان «1000 كەنتتە ئۈلگە كۆرسىتىش، 10 مىڭ كەنتنى تۈزەش قۇرۇلۇشى» بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030- يىلىغىچە بولغان قارالمىسىدىن ئاۋۋال يولغا قويۇلغان: كەنتلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ياخشىلاش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا زىيان يەتكۈزىدىغان ھەتتا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان تەرەققىيات ئەندىزىسىنى چۆرۈپ تاشلاش، كاربون (IV) ئوكسىدىنىڭ قويۇپ بېرىلىش مىقدارىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئازايتىش...

    دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو ئۆز تىرىشچانلىقى ئارقىلىق، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات مەنزىلىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن گەۋدىلىك تۆھپە قوشتى ۋە ئۈلگە كۆرسەتتى.

    «بۈگۈنكى دۇنيادا، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش بىلەن يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش ئەندىزىسىنىڭ ھەر قايسىسىدا ئۆزىگە خاس ئارتۇقچىلىق بار، لېكىن، خەلق ئاممىسى رازى بولىدىغان، تەبىئەتنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ماس كېلىدىغان ۋە ئىلىم- پەن روھىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات ئىدىيەسىلا، ئەڭ قىممەتكە ئىگە تەرەققىيات ئىدىيەسى ھەمدە ئەڭ ئەمەلىي ئەھمىيەتكە ئىگە تەرەققىيات ئەندىزىسى ھېسابلىنىدۇ». «يەرشارى مۇھاپىزەتچىسى مۇكاپاتى»نى تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشقان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىر ئەمەلدارى شۇنداق باھا بەردى.

    ئېكولوگىيە گۈللەنسە مەدەنىيلىك گۈللىنىدۇ، ئېكولوگىيە چېكىنسە مەدەنىيلىك چېكىنىدۇ.

    «بىز ئادەم بىلەن تەبىئەت ئورتاق ياشاش، ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا ھاياتىمىزغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىشىمىز، تەبىئەتتىن ئەيمىنىپ، تەبىئەتنى ھۆرمەتلەپ، تەبىئەتكە ئۇيغۇنلىشىپ، تەبىئەتنى قوغداپ، ھېچ نەرسە ئورنىنى ئالالمايدىغان يەرشارىدىن ئىبارەت يۇرت- ماكانىمىزنى ئورتاق قوغداپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ ئېغىر جاراھىتىنى ئورتاق داۋالاپ، ئىناق، ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان ئىنسانىيەتنىڭ يۇرت- ماكانىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، تەبىئەت ئېكولوگىيەسىنى ئارام ئالدۇرۇشىمىز، ھەممە كىشىنى سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغلاردىن بەھرىلەندۈرۈشىمىز كېرەك.» جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈلۈك تەرەققىياتىنى كۆزلەش، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ ئورتاق كەلگۈسىنى كۆزلەش كېرەك، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ سۆزلىرى كىشىلەرنىڭ دىلىنى يورۇتتى.

    شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، «1000 كەنتتە ئۈلگە كۆرسىتىش، 10 مىڭ كەنتنى تۈزەش قۇرۇلۇشى» يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىنىپ، 1 مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقىنىڭ يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش قەدىمى تېخىمۇ پۇختا بولدى، بۇ ھەم مۇقەررەر ھالدا ئىنسانىيەت ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى تارىخىدا تېخىمۇ زور جۇڭگو تۆھپىسىنى قوشىدۇ.

    (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12- ئاينىڭ 28- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى