تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرەيلى

  ــــ مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا (6)

  خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

  پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ بىر چوڭ ئەۋزەللىكى، ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تۈپ كاپالىتى.

  مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش شەرت. بۇ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىنىڭ مەۋقەسى بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەمەلىيىتى كۆزدە تۇتۇلۇپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئېنىق تەلەپ. جايلار، تارماقلار جەزمەن مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تەدبىرىدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىياتنى پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، قەدەمنى بىردەك قىلىپ خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

  كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە پەن- مەدەنىيەتتىن ئىبارەت ھەر تەرەپ، ھەر ساھەلەردە، پارتىيە ھەممىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداش دۆلىتىمىز تۈزۈم ئەۋزەللىكىنىڭ ئاساسى. جۇڭگو ئىقتىسادى بىر غايەت زور پاراخوت، ھەجىم قانچە چوڭ بولغانسېرى بوران- دولقۇنغا شۇنچە بەك ئۇچرايدۇ، رولچىنىڭ يول باشلىشى شۇنچە مۇھىم بولىدۇ. ۋەزىيەت قانچە مۇرەككەپ، خىرىس قانچە كەسكىن بولغانسېرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنىڭ كۈچلۈك مۇقىملاشتۇرغۇچلۇق رولىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇش كېرەك. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، چىگىش، مۇرەككەپ تاشقى مۇھىت ئالدىدا، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ يېڭى نورمال ھالەتكە قەدەم قويۇشى قاتارلىق بىر قاتار چوڭقۇر ئۆزگىرىش ئالدىدا، بىزنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىش جەھەتتە تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرەلىشىمىز، تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش قىلالىشىمىزدىكى ئاچقۇچ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە. بۇ يىل ئىككى ئارىدا قالىدىغان ياكى كۆپ ئارىدا قالىدىغان نۇرغۇن تاللاشقا دۇچ كەلگەن ئەھۋالدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىي ۋەزىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، توغرا تەدبىر قوللىنىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئىلگىرىلىشىگە قەتئىي تۈرتكە بولدى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرى تامامەن توغرا، بىزنىڭ پارتىيەمىز مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان ۋەزىيەتتە سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنى باشقۇرۇشتا پىشقان ئىقتىدار ۋە يۇقىرى ئەقىل- پاراسەتكە ئىگە. بىر يىلدىن بۇيان، بىز ئەمەلىيەت داۋامىدا يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ قانۇنىيەتلىك تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇردۇق، بۇنىڭدا ئەڭ مۇھىمى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش شەرت.

  كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. كېلەر يىلى دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى دۇچ كېلىدىغان مۇھىتنىڭ تېخىمۇ مۇرەككەپ بولىدىغانلىقىنى، ئېنىقسىزلىقنىڭ تېخىمۇ چوڭ بولىدىغانلىقىنى، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشىدا مۇقىملىق ئاساسىدا ئۆزگىرىش بولۇۋاتقانلىقىنى، ئۆزگىرىش جەريانىدا ئەندىشە بولۇۋاتقانلىقىنى، خەۋپ- خەتەر ۋە قىيىنچىلىقنىڭ كۆرۈنەرلىك كۆپىيىۋاتقانلىقىنى كۆرۈشىمىز كېرەك. قانچىكى مۇشۇنداق ۋەزىيەت بولغانسېرى، پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى شۇنچە ئۆستۈرۈپ، جۇڭگو ئىقتىسادىدىن ئىبارەت غايەت زور پاراخوتنىڭ دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. جەزمەن شۇنى تونۇپ يېتىش كېرەككى، پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ھەممىنى ئۈستىگە ئېلىش دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى چوڭ ئىشلارنى باشقۇرۇپ، چوڭ ئىشلارنى كېڭىشىپ، يۆنىلىشنى ئىگىلەش، ئومۇمىي ۋەزىيەتنى باشقۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش رولىنى جارى قىلدۇرۇش دېگەنلىكتۇر. بىز ۋەزىيەتنى ئانالىز قىلىش ئاساسىي ئۇسۇلىنى ئىگىلەپ، ئۇزاق مۇددەتلىك چوڭ يۈزلىنىشتىن ھازىرقى ۋەزىيەتنى تونۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى چىڭىتىشىمىز؛ ماكرولۇق تەڭشەش- تىزگىنلەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ماكرولۇق تەڭشەش- تىزگىنلەش سالمىقىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالدىن تەڭشەش، مىكرو تەڭشەش، سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشىمىز؛ جەمئىيەتنىڭ پىسخىك كۆزلىمە ئۆزگىرىشىنى توغرا ئىگىلەپ، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇپ، قاراتمىلىق ھالدا تەشەببۇسكارلىق بىلەن بازار كۆزلىمىسىنى يېتەكلىشىمىز؛ ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى يېڭىش ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادكارلىقىنى قوزغاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئومۇمىيەت خىزمىتىنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك.

  كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ فاڭجېن، سىياسەتلىرى ۋە خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىجادىي ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ۋەزىيەت مۇرەككەپ بولغانسېرى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇيرۇقىغا شۇنچە بويسۇنۇش كېرەك. جايلار، تارماقلار «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، بۇيرۇقنى قەتئىي ئىجرا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك، ئۆز بېشىمچىلىق قىلىشقا بولمايدۇ. كادىرلارنى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئىجادىي ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، قۇرۇق سىياسىي شوئار توۋلاشتەك شەكىلۋازلىقتىن ساقلىنىشى، ئاددىي، قوپال بۇيرۇقۋازلىقتىن ساقلىنىشى كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەرىكىتى ئاستا بولۇش، يېتىشەلمەسلىك ھادىسىسىنى تۈگىتىشى كېرەك. دۆلەت ئىچكى- تاشقى ۋەزىيىتى ئىنتايىن مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان بولماقتا، يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەر ئۈزلۈكسىز كۆرۈلمەكتە، ئۆگىنىش ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىش ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ مۇھىم يولى. گاڭگىرىغانسېرى، ئۆگىنىش ۋە ئەمەلىيەت جەريانىدا تەپەككۇر يولىدا شۇنچە ئىزدىنىپ، ئۇسۇل- چارە ئويلاپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايدىغان ماھىر بولۇشقا تىرىشىش كېرەك.

  «شەمشەر بىلىگەنسېرى ئۆتكۈرلىشىدۇ، مېيخۇا گۈلى قەھرىتاندا ئېچىلىدۇ». پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى- تۆۋەندىكىلەر بىر نىيەتتە بولۇپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، تىرىشىپ مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرگەندىلا، جۇڭگو ئىقتىسادىدىن ئىبارەت بۇ غايەت زور پاراخوت جەزمەن تېخىمۇ كەڭ سۇ دائىرىسىگە قاراپ ئاتلىنىپ، تېخىمۇ شانلىق تەرەققىيات ئىستىقبالىنى كۈتۈۋالالايدۇ.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12- ئاينىڭ 27- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى