تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

بېيدوۋ سىستېمىسى يەرشارىۋى دەۋرگە رەسمىي قەدەم تاشلىدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12- ئاينىڭ 27- كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلار لى گولى، جاڭ چۈەن). جۇڭگو سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، بېيدوۋ سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى رەن چېڭچى 12- ئاينىڭ 27- كۈنى بېيجىڭدا بېيدوۋ 3- نومۇرلۇق ئاساسىي سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتۈپ، شۇ كۈنى يەر شارىۋى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشكە باشلىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  رەن چېڭچى گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: بۇ، بېيدوۋ سىستېمىسى مۇلازىمەت دائىرىسىنىڭ رايوندىن پۈتۈن يەر شارىغا كېڭىيىپ، بېيدوۋ سىستېمىسىنىڭ يەر شارىۋى دەۋرگە رەسمىي قەدەم قويغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  بېيدوۋ سىستېمىسى جۇڭگو ئۆز ئالدىغا قۇرغان، مۇستەقىل ئايلىنىدىغان بولۇپ، دۇنيادىكى باشقا سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىلىرى بىلەن ماسلاشتۇرۇلۇپ ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان يەر شارىۋى سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى، ئۇ پۈتۈن يەر شارى دائىرىسىدە ھاۋا رايى چەكلىمىسىگە، ۋاقىت چەكلىمىسىگە ئۇچرىماي، تۈرلۈك ئابۇنىچىلارنى ئېنىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى، ئىشەنچلىك ئورۇن بەلگىلەش، يول باشلاش، ۋاقىتتىن خەۋەرلەندۈرۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  «2012- يىلىدىكى بۈگۈنكى كۈندە، بېيدوۋ سىستېمىسى ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونىنى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشكە يۈزلەنگەنىدى؛ ئالتە يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، بېيدوۋ سىستېمىسى پۈتۈن يەر شارىغا يۈزلەنگەن مۇلازىمەتنى باشلىدى». رەن چېڭچى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە، بېيدوۋ سىستېمىسىنىڭ ئوربىتىدىكى سۈنئىي ھەمراھلىرى ۋە يەر يۈزى سىستېمىلىرىنىڭ خىزمىتى مۇقىم بولماقتا، پۈتۈن يەر شارى دائىرىسىدە سىناپ باھالاشتا، سىستېمىنىڭ ئىقتىدارى كۆزلىمىنى قاندۇردى، يەر شارىۋى مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ھازىرلىدى.

  ماس قەدەمدە ئېلان قىلىنغان يېڭى بېيدوۋ سىستېمىسىنىڭ ئاشكارا مۇلازىمەت ئىقتىدارى ئۆلچىمى(2.0 نۇسخىسى)دە بېيدوۋ سىستېمىسىنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارى: سىستېما مۇلازىمەت رايونى: پۈتۈن يەر شارى؛ ئورۇن بەلگىلەش ئېنىقلىق دەرىجىسى: گورىزونتالى ئون مېتىر، ئېگىزلىكى ئون مېتىر(ئىشەنچلىك دەرىجىسى %95)؛ سۈرئەت ئۆلچەش ئېنىقلىق دەرىجىسى: سېكۇنتىغا 0.2 مېتىر(ئىشەنچلىك دەرىجىسى %95)؛ ۋاقىتتىن خەۋەرلەندۈرۈش ئېنىقلىق دەرىجىسى: 20 نانو سېكۇنت(ئىشەنچلىك دەرىجىسى %95)؛ سىستېما مۇلازىمىتىنىڭ قوللىنىشچانلىقى: %95تىن يۇقىرى ئىكەنلىكى كۆرسىتىلدى.

  رەن چېڭچى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇنىڭ ئىچىدە، بېيدوۋ سىستېمىسىنىڭ ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئورۇن بەلگىلەش ئېنىقلىق دەرىجىسى گورىزونتالى بەش مېتىر، ئېگىزلىكى بەش مېتىر(ئىشەنچلىك دەرىجىسى %95). «بىر بەلباغ، بىر يول» دۆلەتلىرى ۋە رايونلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ھەرقايسى جايلار بېيدوۋ سىستېمىسى مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ.

  2018- يىلى 12- ئايغىچە، بېيدوۋ سىستېمىسىنىڭ ئوربىتىدا خىزمەت قىلىۋاتقان سۈنئىي ھەمراھلىرى 33 بولۇپ، بېيدوۋ 2- نومۇرلۇق سۈنئىي ھەمراھتىن 15نى ۋە بېيدوۋ 3- نومۇرلۇق سۈنئىي ھەمراھتىن 18نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. رەن چېڭچى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2019- يىلىدىن 2020- يىلىغىچە، دۆلىتىمىز يەنە بېيدوۋ 3- نومۇرلۇق سۈنئىي ھەمراھتىن 11نى، بېيدوۋ 2- نومۇرلۇق سۈنئىي ھەمراھتىن بىرنى قويۇپ بېرىپ، ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونىدىكى مۇلازىمەتنى مۇستەھكەملەش بىلەن بىللە، يەر شارىۋى مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرىدۇ.

  پىلانغا ئاساسەن، دۆلىتىمىز 2020- يىلى بېيدوۋ 3- نومۇرلۇق يەر شارىۋى تور تەشكىللەش قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملاپ، 2035- يىلى بېيدوۋ سىستېمىسىنى يادرو قىلغان، تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك، تېخىمۇ يۇغۇرۇلغان، تېخىمۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق دۆلەت ئۇنىۋېرسال ئورۇن بەلگىلەش، يول باشلاش، ۋاقىتتىن خەۋەرلەندۈرۈش(PNT) سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىقىدۇ.

  رەن چېڭچى مۇنداق دېدى: جۇڭگو دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بېيدوۋ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ نەتىجىسىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى خالايدۇ، بېيدوۋ تېخىمۇ كۈچلۈك فۇنكسىيەگە، تېخىمۇ ئەلا ئىقتىدارغا ئىگە بولۇپ، پۈتۈن يەر شارىغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئىنسانىيەتكە بەخت يارىتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى