تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرايلى

 ــــ مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا(5)

  خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

  يېڭى دەۋردىكى دۆلىتىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى − يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىش باسقۇچىدىن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باسقۇچىغا ئۆتۈش. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىقتىسادىي قانۇنىيەت بويىچە تەرەققىي قىلىشقا ئەمەل قىلىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپىگە ئايلاندى.

  مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا ئىقتىسادنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەت ئومۇملۇقىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش كۆزدە تۇتۇلۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنىڭ سىياسەت يۆنىلىشى ۋە نۇقتىلىق ۋەزىپىسى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم تاشلاشقا يېتەكلەش مۇھىم مىزانغا ئىگە قىلىندى.

  يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇشتا، ئەڭ ئەلا سىياسەت بىرىكمىسى ۋە ئەڭ چوڭ ئومۇمىي ئۈنۈمنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات − خەلقنىڭ كۈندىن- كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى ناھايىتى ياخشى قاندۇرالايدىغان تەرەققىيات، سىياسەت يۆنىلىشى جەھەتتە ماس ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، دىققەتنى ئاساسىي زىددىيەتكە مەركەزلەشتۈرۈپ، رىتىم ۋە سالماقنى ياخشى ئىگىلەش كېرەك. ماكرو سىياسەت جەھەتتە تەتۈر دەۋرىيلىك تەڭشەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تېخىمۇ چوڭ كۆلەمدىكى باج كېمەيتىش- ھەق تۆۋەنلىتىشنى يولغا قويۇپ، ئېقىشچانلىقنىڭ مۇۋاپىق، يېتەرلىك بولۇشىنى ساقلاپ، مالىيە چىقىم قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، غورىگىل تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، ئادەتتىكى چىقىمنى قاتتىق قىسىش كېرەك. قۇرۇلمىلىق سىياسەت جەھەتتە تۈزۈلمە- مېخانىزم قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىسلاھاتتىن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت مۈلكى- دۆلەت كارخانىلىرى، مالىيە- باج، پۇل مۇئامىلە، يەر، بازار ئىجازىتى، جەمئىيەت باشقۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رىقابەت سىياسىتىنىڭ ئۇللۇق ئورنىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئادىل رىقابەتلىشىدىغان تۈزۈم مۇھىتى يارىتىپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تېز ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئىلھام بېرىش كېرەك. ئىجتىمائىي سىياسەت جەھەتتە تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش فۇنكسىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قۇرۇلمىلىق ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش تۆۋەن چېكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئاممىنىڭ ئاغرىش نۇقتىسى، قىيىن نۇقتىسى، دىققەت نۇقتىسى مەسىلىلىرىنى ۋاقتىدا پەرقلەندۈرۈش ۋە ھەل قىلىش كېرەك.

  يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇشتا، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى داۋاملىق ياخشى قىلىش كېرەك. بۇ يىل ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدىكى تۇنجى جەڭدىن غەلىبە خەۋىرى كەلدى، ماكرولۇق پىشاڭ نىسبىتى مۇقىملىشىشقا يۈزلەندى، ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشى كۈچلۈك ئالغا سىلجىتىلدى، كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، پاكىز تۇپراقنى قوغداش جېڭى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى. ئەمما بىز بوشاشساق بولمايدۇ، كېلەر يىلى بېكىتىلگەن ھەرىكەت لايىھەسى بويىچە، گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتا نۇقتىلىق جەڭنى ياخشى قىلىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلىشىمىز كېرەك. زور خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىشتا، يېقىندىن كۆزىتىپ، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇپ، لايىھە تۈزۈپ، سىستېمىلىق خەۋپ- خەتەرنىڭ يۈز بېرىشىدىن قەتئىي ساقلىنىشىمىز كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىشتا، 2020- يىللىق نىشان- ۋەزىپىنى تاماملاشقا پەقەت ئىككى يىللا ۋاقىت قالدى، بىر غەيرەت بىلەنلا، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشتا دۇچ كەلگەن گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق ياخشى ھەل قىلىپ، «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست» قاتارلىق ئېغىر نامرات رايونلارنى ۋە ئالاھىدە نامرات كىشىلەر توپىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش سالمىقىنى زورايتىشىمىز كېرەك. بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىشتا، بازىنى چىڭ ساقلاپ، نەتىجىنى مۇستەھكەملەپ، دىققەتنى كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭىدە غەلىبە قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، خىزمەت ۋە سېلىنما سالمىقىنى زورايتىشىمىز كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەڭ ئېتىبار بېرىپ، بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرلىرىنىڭ ئاددىي، يىرىك بولۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىشىمىز كېرەك.

  يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇشتا، كېلەر يىلىدىكى نۇقتىلىق خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ياسىمىچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، كارخانىلارنىڭ ياخشىلىرىنى تاللاش، ناچارلىرىنى شاللاشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ياسىمىچىلىقنىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ تەننەرخ يۈكىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىش؛ كۈچلۈك دۆلەت ئىچى بازىرى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەڭ ئاخىرقى ئېھتىياجنى تىرىشىپ قاندۇرۇپ، سېلىنمىنىڭ ئاچقۇچلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ بىر پۈتۈن سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش؛ يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكى، بولۇپمۇ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ياخشىلاپ، يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يېتەكچى قىلىش ئارقىلىق يېزا ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىش؛ رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رايونلارنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي گەۋدە ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ھەرقايسى رايونلارنىڭ سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئورۇن بېكىتىشى ئېنىق، ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە رايونلار ماس تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈش؛ ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى تېزلىتىپ، ئاساسىي قۇرۇلما خاراكتېرىدىكى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مىكرو سۇبيېكتلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئالاقىدار ئىسلاھاتنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش؛ ئومۇميۈزلۈك سىرتقا ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولۇپ، يېڭى ۋەزىيەتكە ماسلىشىپ، يېڭى ئالاھىدىلىكنى ئىگىلەپ، تاۋار ۋە مۇھىم ئامىل ئېقىش تىپىدىكى ئېچىۋېتىشتىن قائىدە قاتارلىق تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشكە ئۆزگىرىشكە تۈرتكە بولۇش؛ خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنى كۈچەيتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ياخشى ھەل قىلىپ، تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى خىزمەتلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئىشلەش كېرەك.

  يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئۇيغۇنلىشىش ۋە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، بىر تۈرلۈك ئۇزاق مۇددەتلىك، ئەگرى- توقاي، جاپالىق سىستېمىلىق قۇرۇلۇش ۋە تارىخىي ۋەزىپە. بىز ھەم بۇنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا جەزمەن بېسىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك داۋان ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇشىمىز، ھەم بۇ داۋاندىن چوقۇم ئۆتۈش ئىرادىمىزنى، بۇ داۋاندىن چوقۇم ئۆتۈپ كېتىش ئىشەنچىمىزنى چىڭىتىشىمىز كېرەك. نىشاننى كۆزلەشتە بوشاشماي، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلىگەندىلا، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى جەزمەن تېخىمۇ پارلاق ئىستىقبالنى كۈتۈۋالالايدۇ.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12- ئاينىڭ 26- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى