تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم 11- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 6- ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى

  مۇخبىرىمىز جاۋ چۈنخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 12- ئاينىڭ 25- كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 11- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 6- ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى شۈ خەيرۇڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  2018- يىلى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 300 مىليارد يۈەنلىك چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى، يەرلىك مالىيە كىرىمى 80 مىليارد يۈەندىن ئاشتى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا قەدەم قويدى، ئاسمىنى تېخىمۇ كۆك، يېرى تېخىمۇ يېشىل، سۈيى تېخىمۇ سۈزۈكلىشىپ، زامانىۋىلاشقان خەلقئارا چوڭ شەھەر شەكىللىنىۋاتىدۇ.

  يىغىندا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: قىلچە تەۋرەنمەي شەھەرلىك پارتكومنىڭ «دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، <ئۈچ چوڭ ئىش>نى ياخشى تۇتۇپ، <ئالتە مەركەز> قۇرۇش» خىزمەت تەسەۋۋۇرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پائال تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىجادىي تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، پەن- تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش؛ شەھەر- يېزىلارنىڭ ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى تۇتقا قىلىپ، شەھەر- يېزا ئامىلىنىڭ مۇۋاپىق يۆتكىلىشىگە تۈرتكە بولۇش؛ كەسىپلەرنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، ئوچۇق تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. پورت ئىقتىدارىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش، كەسىپ توپى شەكىللەندۈرۈش؛ يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. بۇلغىنىشنىڭ ئېشىش مىقدارىنى قاتتىق كونترول قىلىپ، بۇلغىنىشنىڭ ساقلىنىش مىقدارىنى ئازايتىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تۈزەش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، «كۆك ئاسمان»، «زۇمرەت سۇ»، «پاكىز تۇپراق»، «پاكىز شەھەر» ھەرىكىتىنى پائال ئالغا سىلجىتىش؛ ھەمبەھرە تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىدىغان سىياسەت سىستېمىسى، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش پىكرى، سودا ۋە سېلىنمىنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىغان كونكرېت چارىلەرنى يولغا قويۇپ، پۈتۈن شەھەرنىڭ ئورگان ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك قوزغىتىپ، ئىسلاھاتنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىدىغان قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى