تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئالدىنقى 11 ئايدا ئاپتونوم رايونىمىزدا 2 مىليون 800 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېقىن يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى

  مۇخبىرىمىز لى چۈنشيا خەۋەر قىلىدۇ: 12- ئاينىڭ 24- كۈنى، ئاقسۇ رۈنباڭ سۇ تېجەش ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا تۇردى ئېزىز ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىسىدە بىمالال مەشغۇلات قىلىۋاتاتتى. «مەن بۇ يەردە ئىشلەۋاتقىلى ئۈچ ئاي بولاي دەپ قالدى، ھازىر ئايلىق مائاشىم 3000 يۈەندىن ئاشىدۇ، ئائىلىمىزنىڭ تۇرمۇشى بۇرۇنقىغا قارىغاندا كۆپ ياخشىلىنىپ كەتتى».

  تۇردى شايار ناھىيەسىنىڭ شايار بازىرىدىكى نامرات ئاھالە، ئائىلىسىنىڭ تۆت مو يېرى بولۇپ، تۇرمۇشى قىيىنچىلىقتا ئۆتەتتى. بۇ يىل 10- ئايدا، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە، ئۇ خىزمەتكە ئورۇنلىشىپ، مۇقىم كىرىمگە ئىگە بولدى، ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى. بۇ بىۋاسىتە ھېس قىلغىلى بولىدىغان ئېرىشىش تۇيغۇسىدىن تۇردى تېخىمۇ غەيرەتكە كەلدى: «پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ماڭا خىزمەت پۇرسىتى بەردى، مەن ئۇنى قەدىرلەپ، ياخشى ئىشلەپ، كۆپ پۇل تېپىپ، نامراتلىقتىن بالدۇر قۇتۇلىمەن».

  ئىشقا ئورۇنلىشىش خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى بولۇپ، مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان ئائىلىلەرگە چېتىلىدۇ. 2018- يىلى، ئاپتونوم رايونىمىز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى باشتىن- ئاخىر بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاكتىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىغان، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىغان، ئۇزاققىچە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىغان يېڭى ۋەزىيەتنى ياراتتى. ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، بۇ يىل 11- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچى 2 مىليون 796 مىڭ ئادەم قېتىم بولۇپ، پۈتۈن يىللىق نىشان- ۋەزىپىنىڭ %103.61ى ئورۇندالغان. بۇنىڭ ئىچىدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا 1 مىليون 736 مىڭ 300 ئادەم قېتىم يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، %62.1نى ئىگىلىگەن. تېخىمۇ كۆپ يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرى تۇردىدەك خىزمەتكە ئورۇنلاشقان، تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىگە تەلپۈنىدىغان بولغان.

  نامرات ئائىلىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، بىر كىشى ئىشقا ئورۇنلاشسا، پۈتۈن ئائىلىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇڭا، نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشى ئىنتايىن مۇھىم. ئاپتونوم رايونىمىز دىققەتنى ئېغىر نامرات رايونلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئېغىر نامرات رايونلاردا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنىڭ ئۈچ يىللىق يىرىك پىلانىنى يولغا قويۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتتى، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش سۇپىسى قۇردى، «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس تەربىيەلەش يۈرۈشلۈكى»نى ئېچىشنى تاماملىدى. نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى سەۋىيەسى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ مۇقىم بولۇشىنى يۇقىرى كۆتۈردى. بۇ يىل 11- ئايغىچە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى 22 ئېغىر نامرات ناھىيە جەمئىي ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى 82 مىڭ ئەمگەك كۈچىنى تەشكىللىك يۆتكىدى، 75 مىڭ كىشى ئالتە ئايدىن يۇقىرى ئەمگەك توختامى ئىمزالىغان بولۇپ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %92كە يەتتى. «يېزا، كەنت، ئائىلە، ئادەمگىچە دەل جايىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ ھەقىقىي نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشى، نامراتلىقتىن ھەقىقىي قۇتۇلۇشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى دېھقان ئىشلەمچىلەر خىزمىتى باشقارمىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلى.

  11- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىز 25 مىڭ 378 كىشىنى تولۇق ئىشتات بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىدىكى كارخانىلارغا تەشكىللىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى. بۇ يىل 7- ئايدا، يېڭىسار ناھىيەسى ساغان بازىرى يىكەنكۆل كەنتىدىكى ئامىنەم ئابلىمىت كەنتتىكى 15 نەپەر كەنت ئاھالىسى بىلەن بىرلىكتە تىل، ماھارەت جەھەتتىن مۇناسىۋەتلىك تەربىيەلەشكە قاتناشقاندىن كېيىن، چىڭداۋدىكى بىر ئاياغ زاۋۇتىغا بېرىپ ئىشلىدى، ھازىر ئېيىغا 3000 يۈەن مائاش ئالىدۇ. يېقىندا، ئۇ ئۆيىگە بىر كىرئالغۇ سېتىۋېلىپ، كۈنبويى ئائىلە ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش ئۆتىدىغان ئانىسىنى تولىمۇ خۇش قىلىۋەتتى.

  «كىرىمىمىز يۇقىرى بولسا، تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلىنىدۇ. بەخت كۈرەش قىلىشتىن كېلىدۇ، بىز ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىنى قەدىرلەپ، ئۆزىمىزنىڭ ئىككى قولىغا تايىنىپ، تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىشىمىز كېرەك.» ئامىنەمنىڭ سۆزلىرىدە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ چىقىپ تۇراتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • خەينەن سەنيا: تيەنياخەيجياۋنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى
  • قومۇل شەھىرى: لوپنۇر كۆلى كالىيلىق تۇز كانىدىكى تۇز كاندۇكلىرى سۈرەتتەك تۈسكە كىردى
  • قىش ئايلىرىدىكى سۈرەتتەك گۈزەل قابا
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى