تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرايلى

 ــــ مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا (4)

  خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

  ئاساسلىق زىددىيەت ۋە زىددىيەتلەرنىڭ ئاساسلىق تەرىپىنى تۇتۇپ، ئىسلاھاتنىڭ بۆسۈش ئېغىزىنى توغرا تاپقاندا، تەرەققىياتنى چەكلەۋاتقان چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ. بۇ، بىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم تەجرىبىمىز.

  مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق قارالدى: دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشىدىكى ئاساسلىق زىددىيەت يەنىلا تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىدا بولۇپ، جەزمەن تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئىسلاھات چارىسىنى قوللىنىپ، بازارلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش ۋاسىتىسىنى تېخىمۇ كۆپ قوللىنىپ، «مۇستەھكەملەش، كۈچەيتىش، ئاشۇرۇش، راۋانلاشتۇرۇش»قا كۈچەش كېرەك. بۇ ئېنىق تەلەپ ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، مىزان بىلەن تەمىنلىدى.

  تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلەت ئىچىدىكى ئىقتىسادنىڭ باسقۇچلۇق ئالاھىدىلىكىنى ئومۇميۈزلۈك تەھلىل قىلىش ئاساسىدا چىقارغان ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىشنى ماھىيەتتىن تۈزەيدىغان ياخشى رېتسېپ. 2015- يىلى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى يولغا قويۇشنى قارار قىلىپ، نەچچە يىل تىرىشىش ئارقىلىق مۇھىم باسقۇچلۇق نەتىجە- ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى. پولات- تۆمۈر، كۆمۈرنىڭ «13- بەش يىل»دىكى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىش نىشانى ئاساسەن تاماملىنىپ، زور بىر تۈركۈم «تارقاق، قالايمىقان، بۇلغانما چىقىرىدىغان» كارخانىلار تازىلاندى، سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىش نىسبىتى مۇقىملىق ئىچىدە ئۆرلىدى، ئەنئەنىۋى كەسىپلەر تېز ئۆزگەرتىلدى، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلدى، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى تېز يېتىشتۈرۈلدى، بولۇپمۇ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىش نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ تەمىنلەش- ئېھتىياج مۇناسىۋىتىدە كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى. تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى يولغا قويۇش بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتتى، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى ئاشۇردى، ئىچكى ئېھتىياج يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بەردى، ئىقتىسادنىڭ ئوتتۇراھال، يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشىنى ساقلىشىغا تۈرتكە بولدى، كەسىپلەر ئوتتۇراھال، يۇقىرى سەۋىيەگە قەدەم قويدى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇ تەدبىرى تامامەن توغرا بولغان، ئۇ تەمىنات قۇرۇلمىسىنى ياخشىلايدىغان، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىدىغان ماھىيەتتىن تۈزەش تەدبىرى.

  تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش ئۈچۈن، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇقەررەرلىكىنى چوڭقۇر چۈشىنىش كېرەك. ئىقتىسادىي ۋەزىيەتتىكى ئۆزگىرىشكە دۇچ كەلگەندە، سىياسىي جەھەتتە ئىككى خىل تاللاش ئىمكانىيىتى بار: بىرى، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، يەنە بىرى، ئېھتىياجنى قوزغىتىشنى كۈچەيتىش. ھازىرقى ۋەزىيەتتە، ئومۇمىي ئېھتىياجنى مۇقىملاشتۇرۇش زۆرۈر، لېكىن دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشىدىكى ئاساسلىق زىددىيەت يەنىلا تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىدا بولۇپ، تەمىنات سىستېمىسى ئېھتىياج قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئۇيغۇنلىشالماي، ئىقتىسادنىڭ ياخشى ئايلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش قىيىن بولماقتا. بۇ، بىزنىڭ جەزمەن تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەكلىكىنى بەلگىلىگەن، گەرچە قىيىنلىق دەرىجىسى بولسىمۇ، يەنىلا بەرداشلىق بېرىپ، يېرىم يولدا توختاپ قالماسلىقىمىز كېرەك. گۇمانلىنىشقا بولمايدۇكى، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات، تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىش، ئىقتىسادنىڭ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشتە بەدەل تۆلەشكە توغرا كېلىدۇ، ئۇنى تاماملاش ئۇنچە ئاسان ئەمەس. لېكىن بۈگۈن بەدەل تۆلىمىسەك، كەلگۈسىدە تېخىمۇ زور بەدەل تۆلەيمىز. بۇ دەل تارىخ تەرەققىياتىنىڭ دىيالېكتىكىسى. تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرغاندىلا، ئاندىن دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى تېخىمۇ پارلاق ئىستىقبالنى كۈتۈۋالالايدۇ.

  تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش ئۈچۈن، «مۇستەھكەملەش، كۈچەيتىش، ئاشۇرۇش، راۋانلاشتۇرۇش»تىن ئىبارەت فاڭجېننى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. مۇستەھكەملەش دېگەنلىك «ئۈچنى تۈگىتىش، بىرنى تۆۋەنلىتىش، بىرنى تولۇقلاش» نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەپ، بۇزۇش، تىكلەش، تۆۋەنلىتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش؛ كۈچەيتىش دېگەنلىك مىكرو سۇبيېكتلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى كۈچەيتىپ، كارخانىلار بىلەن كارخانىچىلارنىڭ سۇبيېكتىپ پائالىيەتچانلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، تۈرلۈك ئامىللارنىڭ يۆتكىلىشىدىكى توسالغۇلارنى تۈگىتىپ، ئوڭ يۆنىلىشلىك رىغبەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلىرىنى تاللاش، ناچارلىرىنى شاللاشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئاشۇرۇش دېگەنلىك كەسىپ زەنجىرىنىڭ سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇپ، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە كۆلەم ئېففېكتىدىن پايدىلىنىپ، يېڭى رىقابەت ئەۋزەللىكى شەكىللەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردىكى «كانايدىن بوغىدىغان» مەسىلىلەرنى تېز ھەل قىلىپ، يېڭى كەسىپلەر توپىنى يېتىشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش؛ راۋانلاشتۇرۇش دېگەنلىك خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇپ، دۆلەت ئىچى بازىرى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش سۇبيېكتىنىڭ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىشنىڭ، پۇل مۇئامىلە بىلەن ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ ياخشى سۈپەتلىك ئايلىنىشىنى شەكىللەندۈرۈشتىن ئىبارەت. «مۇستەھكەملەش، كۈچەيتىش، ئاشۇرۇش، راۋانلاشتۇرۇش»تىن ئىبارەت فاڭجېن ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان ئومۇمىي تەلەپ، پۈتۈن پارتىيە جەزمەن ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

  تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىش ئىقتىسادىي تەرەققىيات يېڭى نورمال ھالىتىگە ئۇيغۇنلىشىش ۋە ئۇنى يېتەكلەشتىكى مۇھىم، زور ئىجادىيەت، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تاماملايدىغان بۆسۈش ئېغىزى ھەم كۈچەش نۇقتىسى. تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، «مۇستەھكەملەش، كۈچەيتىش، ئاشۇرۇش، راۋانلاشتۇرۇش»تىن ئىبارەت فاڭجېننى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرگەندىلا، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولى چوقۇم ماڭغانسېرى كېڭىيىدۇ.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12- ئاينىڭ 25- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى