تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى «سوتسىيالىزم شۆيۈەنى خىزمەت نىزامى»نى بېسىپ تارقاتتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12- ئاينىڭ 25- كۈنى تېلېگراممىسى. يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى «سوتسىيالىزم شۆيۈەنى خىزمەت نىزامى»نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن شۇ بويىچە ئەستايىدىل ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  نىزامدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېڭى دەۋردىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سوتسىيالىزم شۆيۈەنىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىزم شۆيۈەنى خىزمىتىنى ئىلمىيلاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نىزامنامىسى» «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىرلىك سەپ خىزمەت نىزامى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)» «كادىرلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش خىزمەت نىزامى» قاتارلىق پارتىيەنىڭ ئىچكى قائىدە- نىزاملىرى ۋە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەمۇرلار قانۇنى» قاتارلىق دۆلەت قانۇنىغا ئاساسەن بۇ نىزام تۈزۈپ چىقىلدى.

  نىزامدا مۇنداق تەكىتلەندى: سوتسىيالىزم شۆيۈەنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى بىرلىك سەپ خاراكتېرىدىكى سىياسىي شۆيۈەن، دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلار ۋە پارتىيە- گۇرۇھسىز زاتلارنىڭ بىرلەشمە پارتىيە مەكتىپى، بىرلىك سەپ ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشتىكى ئاساسىي بازا، پارتىيەنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشتىكى مۇھىم تارماق، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ كادىرلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى.

  سوتسىيالىزم شۆيۈەنى خىزمىتىدە چوقۇم جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ماركسىزم، لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، بىرلىك سەپ ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش بازىسى، نەزەرىيە تەتقىقاتى بازىسى، فاڭجېن- سىياسەت تەشۋىقات بازىسىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇشقا تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  سوتسىيالىزم شۆيۈەنى چوقۇم تۆۋەندىكى خىزمەت فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇشى كېرەك:

  (1) پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، توغرا مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەش؛

  (2) مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەپ، ئومۇملۇققا مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، سىياسىي تەربىيەنى گەۋدىلەندۈرۈپ، سىياسىي ئورتاق تونۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشتىكى ئورتاق ئىدىيەۋى سىياسىي ئاساسنى مۇستەھكەملەش؛

  (3) نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش، ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، ئىسلاھ قىلىش- يېڭىلىق يارىتىش؛

  (4) بىرلىشىپ مەكتەپ باشقۇرۇش، ئوچۇق مەكتەپ باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، ئەلا سۈپەتلىك بايلىقنى مۇجەسسەملەپ، مەكتەپ باشقۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش؛

  (5) شۆيۈەننى قاتتىق باشقۇرۇش، ئوقۇتۇشنى قاتتىق باشقۇرۇش، ئوقۇشنى قاتتىق باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش.

  سوتسىيالىزم شۆيۈەنىنىڭ شۆيۈەن تەلىمى: ۋەتەننى سۆيۈش، ئىتتىپاقلىشىش، دېموكراتىك بولۇش، ئەمەلىيەتچىل بولۇش.

  نىزامدا يەنە سوتسىيالىزم شۆيۈەنىنى تەسىس قىلىش ۋە رەھبەرلىك تۈزۈلمىسى، سىنىپ قېتىمى ۋە ئوقۇش تۈزۈمى، ئوقۇتۇش خىزمىتى، ئىلمىي تەتقىقات خىزمىتى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى تەربىيەسى، تەتقىقات ۋە تاشقى ئالاقە خىزمىتى، كۇرسانتلارنى باشقۇرۇش، ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى ۋە قوشۇن قۇرۇلۇشى، مەكتەپ باشقۇرۇش كاپالىتى، ئىجرا قىلىش ۋە نازارەت قىلىش توغرىسىدا كونكرېت تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  بۇ نىزام 2018- يىلى 12- ئاينىڭ 22- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلدى. 2003- يىلى 11- ئاينىڭ 27- كۈنى مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمى بېسىپ تارقاتقان «سوتسىيالىزم شۆيۈەنى خىزمىتى ۋاقىتلىق نىزامى» شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىكار قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • خەينەن سەنيا: تيەنياخەيجياۋنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى
  • قومۇل شەھىرى: لوپنۇر كۆلى كالىيلىق تۇز كانىدىكى تۇز كاندۇكلىرى سۈرەتتەك تۈسكە كىردى
  • قىش ئايلىرىدىكى سۈرەتتەك گۈزەل قابا
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى