تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

توغراق روھىنى شىنجاڭ زېمىنىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزايلى

  گېزىتىمىز ئوبزورچىسى

  تارىم داشۆسى 60 يىل ئىزچىللىق بىلەن توغراق روھى ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەپ، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈپ چېگرانى مۇستەھكەملەشكە مۇلازىمەت قىلدى، نەچچە ئەۋلاد ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىنى قۇملۇقنىڭ مەركىزىدە چىڭ تۇرۇپ، ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، ياشلىق باھارىنى جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىغا بېغىشلاشنى خالايدىغان، غايە ۋە ئېتىقادىنى چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈشكە سىڭدۈرۈشتىن ئىبارەت ئالىيجاناب ئىشلارغا بېغىشلىغان تۈركۈم- تۈركۈم ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلىدى.

  توغراق روھى تارىم داشۆسىنىڭ مەنىۋى ماياكى، تارىم داشۆسىدىكىلەرنى ئۈزلۈكسىز شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىشقا ئىلھاملاندۇرىدىغان قىممەتلىك مەنىۋى بايلىق.

  شىنجاڭدىكى بىپايان تارىم ئويمانلىقىدا، ھەممىلا يەردە مەغرۇر قەد كۆتۈرگەن پارچە- پارچە توغراقلىق كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ، توغراقلار چۆللۈكتە ئۈنۈپ، چۆللۈكتە ئۆسىدۇ، رەھىمسىز قۇم- بورانغا باش ئەگمەيدۇ، ئۈنۈمسىز يەرمۇ ئۇنى قورقۇتالمايدۇ، ھاياتلىقىنى يوقاتسىمۇ، شاخلىرى يەنىلا مۇستەھكەم تۇرىدۇ. تارىم داشۆسىنىڭ ئۆزگىچە خىسلىتى خۇددى توغراققا ئوخشايدۇ، ئۇ قۇم دېڭىزىنىڭ گىرۋىكىگە جايلاشقان، چەكسىز قۇملۇقتا يىلتىز تارتقان بولۇپ، يىللارنىڭ چېنىقتۇرۇشى بىلەن «جاپا- مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش، بوشاشماي ئىلگىرىلەش، چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىش، ئۆزىنى بېغىشلاش» روھىنى يېتىلدۈرگەن. مانا بۇ توغراق روھى. توغراق روھىنىڭ مەدەنىيەت مەنبەسى جۇڭخۇا مىللىتى روھى، ئۇلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنقىلابىي روھى، مۇنبەت تۇپرىقى بىڭتۈەن روھى.

  توغراق روھى تارىم داشۆسىنىڭ 60 يىللىق مەكتەپ باشقۇرۇش ئەمەلىيىتىدە پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرغانلىقى، پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشتەك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكەنلىكىنىڭ جانلىق نامايەندىسى، تارىم داشۆسىنىڭ مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇشنى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى بىلەن تەڭ ئېلىپ بېرىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغانلىقىنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى.

  تارىم داشۆسى 60 يىللىق ئەمەلىيىتى ئارقىلىق قانداق ئادەم تەربىيەلەش، ئادەمنى قانداق تەربىيەلەش، كىم ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت بۇ تۈپ مەسىلىگە جاۋاب بەردى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، تارىم داشۆسىنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرى خالاپ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاددىي ئىش ئورنىدا قېلىشى ھەم تولۇپ تاشقان خىزمەت ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە قىزغىنلىقىنى ساقلىيالىشى زور دەرىجىدە ئۇلارنىڭ جىسمىدىكى قىممەتلىك توغراق روھىغا باغلىق. مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان، تارىم داشۆسى دۆلەت ئۈچۈن 60 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈردى، ئۇلارنىڭ %85ى شىنجاڭدا ئىشقا ئورۇنلاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە 40 مىڭدىن ئارتۇق مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلار جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا كۈرەش قىلماقتا.

  كىشىنى ئالغا بېسىشقا ئۈندەيدىغان توغراق روھى تارىم داشۆسىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىلا ئەمەس. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، تېخىمۇ مۇھىمى توغراق روھىنى شىنجاڭ زېمىنىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇش كېرەك.

  توغراق روھىنى شىنجاڭ زېمىنىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇش ئۈچۈن، ھەرۋاقىت ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماسلىق، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشتىن ئىبارەت كەسىپكە ئۆزىنى بېغىشلاشتەك روھنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. 60 يىلدىن بۇيان، تارىم داشۆسى باشتىن- ئاخىر جەنۇبىي شىنجاڭ ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، بىڭتۈەننىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ، چېگرا رايوننى قوغداش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ئەسلىي مەقسىتىنى ئۇنتۇماي، جاسارەت بىلەن ئەجىر سىڭدۈرۈپ كۆچەت پەرۋىش قىلغاچقا، بۈگۈنكى مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتى. بۇ خىل روھقا شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىدە، ھەر بىر پارتىيە ئەزاسى، كادىر ۋارىسلىق قىلىشى ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

  توغراق روھىنى شىنجاڭ زېمىنىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇش ئۈچۈن، ھەرۋاقىت بوشاشماي ئىلگىرىلەش، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەشتىن ئىبارەت كۈرەش روھىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. تارىم داشۆسى قەدىمىي چۆللۈكتە قۇرۇلغان داشۆ، ئۇ تۇرۇۋاتقان مۇھىت ئۇنىڭ ھەربىر نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن باشقا داشۆلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسەتمىسە بولمايدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن. دەل مۇشۇنداق كۈرەش قىلىش روھى بولغاچقا، تارىم داشۆسى قەيسەرلىك بىلەن مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇپ، كۈنسايىن زورىيىپ، تارىخىي بۇرچنى قەتئىي زىممىسىگە ئېلىپ، شىنجاڭ ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ مۇنەۋۋەر بولغان مۇقىملىقنى قوغداپ، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش ئىشلىرىنىڭ ئىز باسارلىرىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈردى. شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن «باشقىلار بىر كىشىلىك كۈچ چىقارغاندا، بىز يۈز كىشىلىك كۈچ چىقىرىشىمىز؛ باشقىلار ئون كىشىلىك كۈچ چىقارغاندا، بىز مىڭ كىشىلىك كۈچ چىقىرىشىمىز» كېرەك دەيدىغان روھ بىلەن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

  توغراق روھىنى شىنجاڭدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇش ئۈچۈن، ھەرۋاقىت چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىش، دۆلەت ئۈچۈن چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈشكە ئۆزىنى بېغىشلاش روھىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. تارىم داشۆسى 60 يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، پەن- تېخنىكا، مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇشقا ئەڭ ئېھتىياجلىق جەنۇبىي شىنجاڭدا يىلتىز تارتىپ، شىنجاڭنىڭ، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى قىممەتلىك ئىختىساسلىقلار تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى، بۇنىڭدا تايانغىنى ئۈن- تىنسىز ئۆزىنى بېغىشلاش روھى بولدى. شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇشۇنداق شەخسنىڭ پايدا- زىيىنى بىلەن ھېسابلاشمايدىغان، ئومۇملۇقنى كۆزلەيدىغان ئۆزىنى بېغىشلاش روھىغا ئەڭ موھتاج.

  بىز توغراق روھىنى قەلبىمىزگە پۈكۈپ، ھەرىكىتىمىزگە ئايلاندۇرۇپ، توغراق روھى ئارقىلىق ھەرۋاقىت ئۆزىمىزنى ئىتتىپاق- ئىناق، باي- ئاۋات، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش مۇساپىسىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئىلھاملاندۇرۇشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى