تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئېلىمىز تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىنى توغرا تونۇيلى

  ــــ مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا(3)

  خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

  ھازىرقى دۇنيا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ، دۆلەت ئىچكى- تاشقى ۋەزىيىتىدە چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، ئېلىمىز تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلى يەنە مەۋجۇتمۇ؟ ئېلىمىز تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىگە قانداق قاراش كېرەك؟ بۇ، ئىسلاھات، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشتە جاۋاب بېرىشكە تېگىشلىك مۇھىم، زور مەسىلە.

  مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا مۇنۇلار ئېنىق كۆرسىتىلدى: ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتى يەنىلا مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ ھەم ئۇزاققىچە شۇنداق تۇرىدۇ، خەۋپ- خەتەرنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇشقا، خەۋپ- خەتەرنى خاتىرجەملىككە ئۆزگەرتىشكە ماھىر بولۇپ، مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەتنىڭ يېڭى ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى چىڭ ئىگىلەپ، ئىقتىسادنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېشىل تەرەققىياتنى تېزلىتىپ، يەر شارى ئىقتىسادىنى تۈزەش سىستېمىسى ئىسلاھاتىغا قاتنىشىپ، بېسىمنى ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك. بۇ بىزگە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولىدىغان يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، نەزەر دائىرىمىزنى كېڭەيتتى، ئۆز ئىشىمىزنى قەتئىي تەۋرەنمەي ياخشى بېجىرىش ئىشەنچىمىزنى چىڭىتتى، بىزنى تەشەببۇسكارلىققا ئىگە قىلدى.

  بىر دۆلەت، بىر مىللەت تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرمەكچى، ئەۋزەللىكنى قولغا كەلتۈرمەكچى، كەلگۈسىنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولسا، جەزمەن پۇرسەتنى سەزگۈرلۈك بىلەن بايقىشى، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشى ۋە پۇرسەتتىن ياخشى پايدىلىنىشى كېرەك. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا: دۆلەت ئىچكى- تاشقى ۋەزىيىتىدە چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش يۈز بېرىۋاتىدۇ، ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتى يەنىلا مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، دەپ كۆرسىتىلدى. بۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىلەرنى ئومۇميۈزلۈك تەھلىل قىلىپ چىقارغان مۇھىم يەكۈن. گەرچە دۇنيادىكى چوڭ ئۆزگىرىش خەۋپ ۋە خىرىسقا تولغان بولسىمۇ، تىنچلىق ۋە تەرەققىيات يەنىلا بۈگۈنكى دەۋرنىڭ ئاساسىي تېمىسى، ئېلىمىزنىڭ تۈرلۈك دۇنياۋى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى رولىنى ھېچكىم ئالالمايدۇ، ئىقتىسادنى يەرشارىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تارىخىي يۈزلىنىشىنى كەينىگە قايتۇرغىلى بولمايدۇ، ئېلىمىز ئاساسلىق پەن- تېخنىكا ساھەسىدە ۋە يۆنىلىشتە بىر كىشىلىك مۇھىم ئورۇنغا ئىگە، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئېلىمىز بازىرى قاتارلىق جەھەتلەرگە بولغان تايىنىشى ئومۇميۈزلۈك ئۆرلەۋاتىدۇ. دەل شۇنداق بولغاچقا، ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتى يەنىلا مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ ھەم ئۇزاققىچە شۇنداق تۇرىدۇ، دېگەن ئاساسىي ھۆكۈم توغرا، ۋاقىت ۋە ۋەزىيەت بىز تەرەپتە.

  يەنە شۇنىمۇ كۆرۈش كېرەككى، دۇنيانىڭ زور ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە خەۋپ ۋە پۇرسەت تەڭ مەۋجۇت بولۇپ، خەۋپنى يېڭىشنىڭ ئۆزى پۇرسەت، پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويۇش خەۋپتۇر. پۇرسەتنى چىڭ تۇتىمىز ۋە پۇرسەتتىن ياخشى پايدىلىنىمىز دەيدىكەنمىز، خىرىسنى كۈتۈۋېلىش ۋە خىرىس ئۈستىدىن غالىب كېلىشكە تەييارلىنىشىمىز كېرەك. بىز كىرىزىستىن قورقماسلىقىمىز، كىرىزىسكە تاقابىل تۇرۇش جەريانىدا پۇرسەت يارىتىپ، خەۋپ- خەتەرنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇشنى، خەۋپ- خەتەرنى خاتىرجەملىككە ئۆزگەرتىشنى ئۆگىنىۋېلىشىمىز كېرەك. چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان دۆلەت ئىچكى- تاشقى ۋەزىيىتى ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، توغرا تەدبىر قوللىنىپ، جۇڭگو ناملىق غايەت زور پاراخوتنى ھەيدەپ دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئىلگىرىلەش مۇساپىسىدە يېڭى پۇرسەت ياراتتى، ئېلىمىز تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەتكە يېڭى ماھىيەتلىك مەزمۇن ئاتا قىلدى.

  ئىقتىسادىي جەھەتتىن قارىغاندا، ئىقتىسادنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىش يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كەلدى، بىز يەر شارىدىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن- تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى دولقۇنىدا باتۇرلۇق بىلەن مەزمۇت تۇرۇپ، كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن ئىقتىساد قۇرۇلمىسىنى تامامەن بەرپا قىلالايمىز؛ پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كەلدى، بىز ئاچقۇچلۇق يادرولۇق تېخنىكىلاردا يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتە مۇھىم، زور بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا تامامەن يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى ۋە ئۈستۈنلۈك قوشالايمىز؛ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كەلدى، بىز ئىسلاھات يولىدا تېخىمۇ تېز مېڭىپ، ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىنى تېخىمۇ چوڭ ئېچىۋېتىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىكى يېڭى بۆسۈش ئارقىلىق ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە تامامەن چوڭ ھالقىش ئېلىپ كېلەلەيمىز؛ يېشىل تەرەققىياتنى تېزلىتىش يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كەلدى، بىز ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا تامامەن تۈرتكە بولالايمىز؛ يەر شارى ئىقتىسادىنى تۈزەش سىستېمىسى ئىسلاھاتىغا قاتنىشىش يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كەلدى، بىز تېخىمۇ زور رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تامامەن تېخىمۇ ياخشى تاشقى مۇھىت يارىتىپ بېرەلەيمىز.

  پۇرسەت كۆز ئالدىمىزدا، ئازراقلا بوش قويۇۋەتسەك قولدىن كېتىدۇ، بۇنىڭدىكى ئاچقۇچ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەتنىڭ يېڭى ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى چىڭ ئىگىلەپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشىمىزدا، پۇرسەتتىن پايدىلىنىشىمىزدا. ئېلىمىز تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدىن ئومۇميۈزلۈك ياخشى پايدىلىنىشتا، دىيالېكتىكىلىق تەپەككۇردا، خىرىسنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تاشقى بېسىمنى ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك؛ ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، چوقۇم غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا، تولۇق تەييارلىق كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىقنى پۇختا ئىگىلىشىمىز كېرەك.

  «تايىنىشقا تېگىشلىكى ۋەزىيەتتۇر، چىڭ تۇتۇشقا تېگىشلىكى پۇرسەتتۇر». ئېلىمىز تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىنى توغرا تونۇپ، چىڭ تۇتۇپ، ئۇنىڭدىن ئومۇميۈزلۈك ياخشى پايدىلىنىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ۋەزىيەتكە بېقىپ ئىش كۆرۈپ، پۇرسەتنى تۇتۇپ يۇقىرى ئۆرلەيدىغانلا بولساق، بىز جۇڭگو ناملىق غايەت زور پاراخوتنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپلا قالماستىن، جۇڭخۇا مىللىتى ئۈچۈن پارلاق كەلگۈسىنى تېخىمۇ قولغا كەلتۈرەلەيمىز.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12- ئاينىڭ 24- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • خەينەن سەنيا: تيەنياخەيجياۋنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى
  • قومۇل شەھىرى: لوپنۇر كۆلى كالىيلىق تۇز كانىدىكى تۇز كاندۇكلىرى سۈرەتتەك تۈسكە كىردى
  • قىش ئايلىرىدىكى سۈرەتتەك گۈزەل قابا
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى