تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ خەلقئارالىق ساياھەتچىلەر يىغىلىش- تارقىلىش مەركىزى بەرپا قىلىشنى تېزلەتتى

  ئۈرۈمچى شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ باش بېكىتىگە ئايلانماقتا

  مۇخبىرىمىز تاڭ كەندۇڭ

  يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن 12- نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيە - ئالەم قاتنىشى كۆرگەزمىسى(جۇخەي ئاۋىياتسىيە كۆرگەزمىسى)دە، شىنجاڭ ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىشنى باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتى ئالەم قاتنىشى پەن- تېخنىكا گۇرۇھى قارىمىقىدىكى جۇڭگو تۆت ئۆلچەملىك ئۆلچەش- سىزىش تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بىلەن «ساياھەتتىكى بىر پارچە خەرىتە» ھەمكارلىق تۈرىنى ئىمزالاپ، ساياھەتنى بۆسۈش ئېغىزى، بوشلۇق جۇغراپىيەلىك ئۇچۇر تېخنىكىسىنى تىرەك قىلىپ، «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ساياھەتچىلەر يىغىلىش- تارقىلىش مەركىزى» ۋە «<بىر بەلباغ، بىر يول> بۇلۇت چوڭ سانلىق مەلۇمات مەركىزى»دىن ئىبارەت ئىككى چوڭ سىستېما قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇردى.

  يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ساياھەتچىلەر يىغىلىش - تارقىلىش مەركىزى قۇرۇش چوڭ ئەندىزىسى ئىچىدە، ئاپتونوم رايونىمىز ئۈرۈمچىنى مەركەز، باشقا نۇقتىلىق ساياھەت شەھەرلىرىنى تايىنىش نۇقتىسى، تۈگۈن نۇقتا قىلغان خەلقئارالىق ساياھەتچىلەر يىغىلىش- تارقىلىش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈردى.

  دۇنياغا ساياھەت نام كارتىسى سۇنۇش

  12- ئاينىڭ 9- كۈنى، مەن ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى ئۈرۈمچى ۋوگزالىنىڭ يولۇچىلار چۈشۈش سۇپىسىدا تۇرغىنىمدا، ئانچە يىراق بولمىغان يەردىكى تاشقى كۆرۈنۈشى قاينام شەكلىدە بولغان، ئېقىم سىزىقلىق، يىپەككە ئوخشاش لەرزان لەيلەپ ھەرىكەتلىنىپ تۇرىدىغان قوش مۇنار قۇرۇلمىسىدىكى ئىمارەت دىققىتىمنى تارتتى. بۇ، دەل قۇرۇلۇۋاتقان يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ساياھەتچىلەر يىغىلىش- تارقىلىش مەركىزى ئىدى.

  ساياھەتچىلەر يىغىلىش - تارقىلىش مەركىزى ئۈرۈمچى ۋوگزالىنىڭ شىمالىي مەيدانىغا جايلاشقان. ئومۇمىي سېلىنما تەخمىنەن 1 مىليارد 400 مىليون يۈەن، ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 140 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، ساياھەتچىلەر يىغىلىش - تارقىلىش ئۇنىۋېرسال مۇلازىمىتى، ساياھەتچىلەر ئاممىۋى مۇلازىمىتى، شىنجاڭ سوۋغىسى ماركېتىڭ كۆرگەزمىسى، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش، شىنجاڭنىڭ ساياھەت بايلىقىنى كۆرگەزمە قىلىپ كۆرسىتىش، ھېس قىلىش، مېھمانخانا، يېمەك- ئىچمەك، ئىستىراھەت- كۆڭۈل ئېچىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق خىزمەت قىلىش بىر گەۋدە قىلىنغان.

  ساياھەتچىلەر يىغىلىش - تارقىلىش مەركىزى جاي - جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى «بىر جايدا بىر يۈرۈش» ساياھەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ساياھەتچىلەر يىغىلىش- تارقىلىش مەركىزى بىناسىنىڭ 1- قەۋىتىدە، مەخسۇس يولۇچى توشۇش بېكەت- مەيدانلىرىنى باشقۇرۇش مەركىزى تەسىس قىلىنغان. يولۇچىلار بۇ يەردە شىنجاڭدىكى داڭلىق ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىغا بارىدىغان يولۇچىلار مەخسۇس لىنىيەسىنىڭ بېلىتىنى بىۋاسىتە سېتىۋالالايدۇ ھەم مەخسۇس لىنىيە ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرۇپ، مەنزىلگە ئۇدۇل يېتىپ بارالايدۇ.

  ساياھەتچىلەر يىغىلىش - تارقىلىش مەركىزىنىڭ تور سۇپىسى كۆپ تۈرلۈك ئۇچۇرلاشقان خىزمەتنى يولغا قويغان بولۇپ، «تۆمۈريول، تاشيول، ئاۋىياتسىيە» بېلەت ئىشلىرى سىستېمىسى چوڭ سانلىق مەلۇماتىنى بىرىكتۈرۈپ، ساياھەتچىلەر يىغىلىش - تارقىلىش مەركىزى تور سۇپىسىنىڭ ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتى، تۆمۈريول ۋە تاشيول تىرانسپورتى جەھەتتىكى سانلىق مەلۇمات ئۇچۇرىنى كۆپەيتكەن، ساياھەتچىلەر سۇپىدىن بىۋاسىتە سۈرۈشتۈرەلەيدۇ ۋە ئالدىن زاكاز قىلالايدۇ، باشقا تور بېكەتلىرى ۋە باشقا APP يۇمشاق ماتېرىياللىرىدىن ئىزدىمىسىمۇ بولىدۇ.

  «بىز ھازىر نۇرغۇن ساياھەت مەنزىرە رايونى بىلەن ھەمكارلىشىشنى كېڭىشىۋاتىمىز، تېخىمۇ كۆپ ساياھەت مەخسۇس لىنىيەسىنى ئېچىشنى ئۈمىد قىلىمىز. بۇنداق بولغاندا، ساياھەتچىلەر بۇ يەردە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈپ ئاپتوموبىلغا چىقىپ، ساياھەت مەنزىرە رايونى ئالاھىدە تەسىس قىلغان ساياھەتچىلەر چۈشۈش رايونىغا بېرىپ، مەنزىرە رايونىغا بىۋاسىتە كىرىپ سەيلى- ساياھەت قىلالايدۇ، بۇنىڭدا ھەر خىل ئاۋارىچىلىكتىن ساقلانغىلى، ۋاقىتنى تېجىگىلى بولىدۇ، مۇساپىنى تېز بېسىش، ساياھەتنى ئالدىرىماي قىلىش خۇشاللىقىدىن بەھرىمەن بولغىلى بولىدۇ» دېدى ساياھەتچىلەر يىغىلىش - تارقىلىش مەركىزىنىڭ بېكەت- مەيدانلار تىجارىتىنى باشقۇرۇش خادىمى.

  ئۈرۈمچى شەھەر ساياھەت مۇلازىمەت ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى قۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ساياھەتچىلەر يىغىلىش - تارقىلىش مەركىزىنى مەركەز قىلىپ، ئايروپورت تەۋەلىك رايونى، جەنۇبىي ۋوگزال تەۋەلىك رايونى، ئەرداۋچياۋ تەۋەلىك رايونى ۋە نەنسەن ساياھەت بازىسى تەۋەلىك رايونى قاتارلىق تۆت قوشۇمچە مەركەز تەسىس قىلىپ، ساياھەتچىلەر يىغىلىش- تارقىلىش مەركىزى بەرپا قىلىش ئارقىلىق مەنزىرە رايونىنىڭ ساياھەت مەسلىھەت مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى ۋە مۇلازىمەت توپىنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ساياھەتچىلەر يىغىلىش - تارقىلىش مەركىزى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، شىنجاڭ دۇنياغا ماھىيەتلىك مەزمۇنى مول ساياھەت نام كارتىسىنى سۇنىدۇ.

  چوڭ نەنسەن خەلقئارا ساياھەت رايونى پۈتۈن رايون ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى يېتەكلىدى

  ئون نەچچە يىل ئىلگىرى، نەنسەن ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئىستىراھەت دەم ئېلىش ئورنىلا ئىدى.

  بۈگۈنكى كۈندە، ئۈرۈمچىنىڭ نەنسەندە كۆپلىگەن قار تېيىلىش مەيدانلىرى، مەنزىرە رايونلىرى، دېھقانلار ئارامگاھلىرى، چارۋىچىلار ئارامگاھلىرى قۇرۇلۇپ، ساياھەت ئامىللىرى بارغانسېرى تولۇقلاندى.

  بۇ بىر قانچە يىلدا، نەنسەنگە ساياھەتكە كېلىدىغان ساياھەتچىلەر مەنبەسىنىڭ قۇرۇلمىسى روشەن ھالدا كۆپ مەنبەلەشتى، بۇ يەرگە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن نۇرغۇن ساياھەتچى كېلىپلا قالماي، يەنە رۇسىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردىنمۇ ساياھەتچى كېلىدۇ.

  بولۇپمۇ 2016- يىلى مەملىكەتلىك 13- نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن، پۈتۈن رايون ساياھەتچىلىكىنىڭ نەنسەن رايونىدىكى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

  ئۈرۈمچى ۋەزىيەتنى چىڭ تۇتۇپ ئىش كۆرۈپ، نەنسەننىڭ ئېكولوگىيە بايلىق ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تىيانشان چوڭ جىلغىسى دۆلەت 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىنى يادرو قىلغان نەنسەن خەلقئارا ساياھەت رايونىنىڭ قىياپىتىنى ياخشىلاش ۋە مۇھىتنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، چوڭ نەنسەن رايونى دۆلەت ئېكولوگىيە ساياھىتى ئۈلگە رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلەتتى.

  شۈيشىگوۋ قار - مۇز تەنھەرىكىتى ئۆزگىچە كىچىك بازىرى، دۆلەت شىنجاڭ يىپەك يولى تەنتەربىيە مەشىق بازىسى قۇرۇلۇشى تۈرى پائال ئالغا سىلجىتىلىپ، خەلقئارا داڭلىق تاغلىق رايون ساياھىتى ئارام ئېلىش مەنزىرىلىك جايى، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان كەسپىي قار- مۇز تەنھەرىكىتى بازىسى بەرپا قىلىش ۋە نەنسەن مۇزلۇق دۆلەت باغچىسى، نەنسەن دۆلەت دەرىجىلىك داڭلىق مەنزىرە رايونى، نەنسەن دۆلەت دەرىجىلىك ساياھەت قىلىش- ئارام ئېلىش رايونى، نەنسەن دۆلەت مۇز ئۈستى ۋە قار ئۈستى تەنھەرىكىتى بازىسى تەسىس قىلىشنى تېخىمۇ پايدىلىق سىياسەت، مەبلەغ، سودىگەر چاقىرىش قاتارلىق قوللاش بىلەن تەمىنلىدى.

  نەنسەن خەلقئارا ساياھەت رايونىنىڭ قىياپىتىنى ياخشىلاش ئۇل ئەسلىھەسىگە ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ 1 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىندى؛ 2017- يىلى، 3 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، شۈيشىگوۋ قار- مۇز ئۆزگىچە كىچىك بازىرى، داۋانچىڭ لو بىڭ مۇھەببەت كىچىك بازىرى قاتارلىق ئۈچ ئۆزگىچە كىچىك بازار بەرپا قىلىندى؛ 2018- يىلى، 400 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ «كوئېنلۇندىكى ئۇچرىشىش» چوڭ تىپتىكى ھەقىقىي مەنزىرىلىك ئويۇنى قويۇشنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يولغا قويۇلۇشى ئالغا سىلجىتىلدى...

  يىپەك يولى مەدەنىيەت ساياھىتى مەنزىرىلىك جايى بەرپا قىلىش

  11- ئاينىڭ 23- كۈنى، ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر يېما گۇرۇھىنىڭ شىنجاڭ قەدىمىي ئېكولوگىيە باغچىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. بىر ساياھەتچى شىنجاڭ قەدىمىي ئېكولوگىيە باغچىسىدىكى مەنزىرە ۋە مەدەنىيەت قاتلىمىغا چوڭقۇر مەپتۇن بولۇپ، شىنجاڭ مەنزىرىسىنىڭ ناھايىتى گۈزەللىكىنى، جەمئىيەتنىڭ ئىناق ۋە مۇقىم ئىكەنلىكىنى تەرىپلىدى. بۇ يىلدىن بۇيان، يېما گۇرۇھى شىنجاڭ قەدىمىي ئېكولوگىيە باغچىسى ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ مالايسىيا، ياپونىيە، سىنگاپور، ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە ۋە بېلارۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن 1000 دىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى.

  يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ پۇختا ئالغا سىلجىتىلىشى، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنى يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەپ، ساياھەت تەرەققىيات بوشلۇقىنى كېڭەيتتى. ئاپتونوم رايونىمىز بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، يىپەك يولى مەدەنىيەت ساياھەت مەنزىرىلىك جايىنى پائال بەرپا قىلىپ، دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنى تېخىمۇ كۆپ ساياھەت مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلىدى. بۇ يىل 1- ئايدىن 9- ئايغىچە، شىنجاڭ كۈتۈۋالغان چېگرا ئىچى- سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچى 132 مىليون ئادەم قېتىم بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40 ئاشتى.

  يېما گۇرۇھى شىنجاڭ قەدىمىي ئېكولوگىيە باغچىسى پەقەت ئاپتونوم رايونىمىز قەدىمىي يىپەك يولىدىن ئىبارەت بۇ مۇھىم مەدەنىيەت نام كارتىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، يىپەك يولى مەدەنىيەت ساياھەت مەنزىرە جايىنى پائال بەرپا قىلغانلىقىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى.

  يىپەك يولى تارىخىي مەدەنىيىتىنى چۆرىدەپ، بۇ يىل 8- ئايدا، ئاقسۇ ۋىلايىتى ئوتتۇرىغا چىقارغان ئاقسۇ كۈسەن دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى ساياھىتى ۋە ئونسۇ- باي- كۇچا كۈسەن دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى ساياھەت لىنىيەسى؛ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ئوتتۇرىغا چىقارغان كىروران قەدىمىي شەھىرى، لوپنۇر ئېسىل ساياھەت لىنىيەسى؛ ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىقارغان «نىيە . ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش . ھېكايە» مەخسۇس تېمىسىدىكى كۆرگەزمىلەرمۇ دۆلەت ئىچى- سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ئەنئەنىۋى يېزا- قىشلاق، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، مەدەنىيەت- سەنئەت كوللېكتىپى قاتارلىقلاردىن ئىلمىي پايدىلىنىپ، مەدەنىيەت- ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى ئاچتى. بوستانلىق مىللىي ئۆرپ- ئادىتى، تارىخىي مەدەنىيەت ۋە قۇملۇقتىكى توغراقلىق مەنزىرە رايونى داڭلىق ماركىسىنى يارىتىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ يىپەك يولى مەدەنىيىتى ۋە مىللىي ئۆرپ - ئادەت ساياھىتى مەنزىلگاھىنى بەرپا قىلدى؛ ئۆزگىچە كىچىك بازار ۋە ئۆز ئاپتوموبىل لاگېرى قۇرۇشنى، ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، «تىيانشان كارىدورى دۇنيا مىراسلىرى ساياھەت كەسپى بەلبېغى»نى يېتىشتۈردى؛ مۇزېي قۇرۇلۇشىنى باشلامچى قىلىپ، شىنجاڭنىڭ قاتلىمى چوڭقۇر، ئۆزگىچە جەلپكار تارىخىي مىللىي ئۆرپ- ئادەت مەدەنىيىتىنى نامايان قىلدى...

  ئۈرۈمچى ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا، ياۋروپاغا يۈزلەنگەن يىپەك يولى خەلقئارا ساياھىتىدىكى «كۆزنەك تۈگۈن»گە، دۆلەت ئىچى- سىرتى ساياھەت ئامىللىرى توپلانغان جايغا، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ باش بېكىتىگە ئايلانماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى