تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى تاماملاشقا ھەل قىلغۇچ ئاساس سالايلى

  ــــ مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا (1)

  خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

  مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش بولۇش، مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش.

  ئەمدىلا ئاخىرلاشقان مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، 2018- يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى خۇلاسىلەپ، نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، 2019- يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى، سىياسەت يۆنىلىشى ۋە نۇقتىلىق ۋەزىپىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىز، ئەلا نەتىجىلەر ئارقىلىق جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىشىمىز ئۈچۈن نىشان كۆرسىتىپ بەردى، مىزان بىلەن تەمىنلىدى.

  مۇقىملىق ــــ بۇ يىلقى دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى بىر روشەن ئالاھىدىلىك. ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشى مۇۋاپىق ئارىلىقتا مۇقىملاشتۇرۇلدى، سۈپەت ۋە ئۈنۈم سىجىل ياخشىلاندى، ئىستېمالنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا بولغان تۈرتكىلىك رولى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، دۆلىتىمىز يەنىلا دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى ئەڭ چوڭ تۆھپىكار. ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ياخشى باشلاندى، ماكرولۇق پىشاڭ نىسبىتى مۇقىملىشىشقا يۈزلەندى، ئېغىر نامرات رايونلاردا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش كۈچلۈك ئالغا سىلجىتىلدى، كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، پاكىز تۇپراقنى قوغداش جېڭى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى. تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەر تېز ئۆزگەرتىلىپ، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى ئۈزلۈكسىز بارلىققا كېلىپ، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى تېز يېتىلدۈرۈلدى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سالمىقى زورايتىلىپ، دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى، مالىيە، باج، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق مۇھىم ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتى پۇختا قەدەم بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، تىجارەت- سودا مۇھىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، دۆلىتىمىز ئىقتىسادى ئومۇمىي جەھەتتىن تەكشى، مۇقىم بولۇش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش بولۇش ياخشى ۋەزىيىتىنى ساقلىدى، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز ئاشتى، بىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قاراپ يېڭى قەدەم تاشلىدۇق.

  چىگىش، مۇرەككەپ خەلقئارا مۇھىت ۋە مۈشكۈل، ئېغىر بولغان دۆلەت ئىچى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئالدىدا، بۇنداق نەتىجىلەر ناھايىتى تەستە قولغا كەلدى. بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى. نەتىجىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىللە، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشىدا مۇقىملىق ئاساسىدا ئۆزگىرىش بولۇۋاتقانلىقىنى، ئۆزگىرىش جەريانىدا ئەندىشە بولۇۋاتقانلىقىنى، خەۋپ- خەتەر ۋە قىيىنچىلىقنىڭ كۆرۈنەرلىك كۆپىيىۋاتقانلىقىنى، كېلەر يىلى دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى دۇچ كېلىدىغان مۇھىتنىڭ تېخىمۇ مۇرەككەپ بولىدىغانلىقىنى، ئېنىقسىزلىقنىڭ تېخىمۇ چوڭ بولىدىغانلىقىنىمۇ كۆرۈشىمىز كېرەك. بىز خەلقئارا مۇھىت بىلەن دۆلەت ئىچى شارائىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە پەرقلىق مۇئامىلە قىلىپ، كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلەپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى تاماملاشقا ھەل قىلغۇچ ئاساس سېلىشىمىز كېرەك.

  ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى تاماملاشقا ھەل قىلغۇچ ئاساس سېلىشتا، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك. جۇڭگو ئىقتىسادى بىر غايەت زور پاراخوت، ھەجىم قانچە چوڭ بولغانسېرى بوران- دولقۇنغا شۇنچە بەك ئۇچرايدۇ، رولچىنىڭ يول باشلىشى شۇنچە مۇھىم بولىدۇ. ۋەزىيەت قانچە مۇرەككەپ، خىرىس قانچە كەسكىن بولغانسېرى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنىڭ كۈچلۈك مۇقىملاشتۇرغۇچ رولىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇش كېرەك. بۇ يىل ئىككى ئارىدا قالىدىغان ياكى كۆپ ئارىدا قالىدىغان نۇرغۇن تاللاشقا دۇچ كەلگەن ئەھۋالدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىي ۋەزىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، توغرا تەدبىر قوللىنىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئىلگىرىلىشىگە قەتئىي تۈرتكە بولدى. بىر يىلدىن بۇيان، بىز ئەمەلىيەت داۋامىدا يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ قانۇنىيەتلىك تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇردۇق، بۇنىڭدا ئەڭ مۇھىمى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش شەرت. كېلەر يىللىق ئىسلاھات، تەرەققىياتنىڭ تۈرلۈك ۋەزىپىلىرى ئالدىدا، بىز بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، قەدىمىمىزنى بىردەك قىلىپ، تونۇشىمىزنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، بىردەك ھەرىكەتلىنىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ فاڭجېن، سىياسەت ۋە خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىجادىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ھەقىقىي جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

  ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى تاماملاشقا ھەل قىلغۇچ ئاساس سېلىشتا، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ كۈرەش روھىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىلگەن 40 يىلدىن بۇيان، بىز قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلەرنى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق ئىشچانلىقى، ئەقىل- پاراسىتى، جاسارىتى بىلەن بارلىققا كەلتۈرگەن. بەخت كۈرەش قىلىشتىن كېلىدۇ، يېڭى دەۋر كۈرەش قىلغۇچىلارنىڭ دەۋرى. كېلەر يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى ئاچقۇچلۇق يىل. بۇنىڭدىن كېيىنكى بىرنەچچە يىللىق بېكىتىلگەن تەرەققىيات نىشانىدىن قارىغاندا، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىنتايىن مۇھىم. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ كۈرەش روھىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇپ، ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇپ، پۇل مۇئامىلىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇپ، سېلىنمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ، ئۈزلۈكسىز ئىجادىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ياراتساقلا، ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن خەلق جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ 70 يىللىقىغا سوۋغا تەقدىم قىلالايمىز.

  يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇش» ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىنى جاكارلىدى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا تەۋرەنمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرساقلا، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى تاماملاشقا ھەل قىلغۇچ ئاساس سېلىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى، جۇڭگو ئىقتىسادىدىن ئىبارەت غايەت زور پاراخوتنىڭ دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا تۈرتكە بولالايمىز.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12- ئاينىڭ 22- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ ئېكولوگىيەسىدىكى زور بايقاش: خوشۇت جىنشاتەندە قۇش ئۇۋىسى مىڭدىن ئاشىدىغان قۇش ئارىلى بايقالدى
  • سۈزۈك سۇ، يېشىل قىرغاقلار ئەتىۋارلىق قۇشلارنى جەلپ قىلدى ‏
  • كۇچادا ئۆرۈك پىشتى ‏
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى