تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېڭى كەيپىيات ئەۋج ئالماقتا

كۈلكە — جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئەڭ گۈزەل چىراي ئىپادىسى

  جاڭ بېي

  رىتىمى شوخ مەيدان ئۇسسۇلى، ئۆزگىچە ئارقان تارتىشىش، ئۆزلىرى تەييارلاپ ئۆزلىرى ئورۇنلىغان ئېتۇتلار... جەنۇبىي شىنجاڭ تۇپرىقىنى ئايلانسىڭىز، مول، رەڭدار ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىدە دائىم ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خۇشال كۈلكىسىنى كۆرىسىز.

  ئېچىلىپ قاقاقلاپ كۈلۈشلەر، خۇشال كۈلكىلەر، كۈلۈمسىرەشلەر، خۇش چىرايلاردىن شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدىمكى، كۈلكە — جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئەڭ گۈزەل چىراي ئىپادىسى ئىكەن.

  شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ، چىن كۆڭۈلدىن چىققان كۈلكىدۇر. «ناخشا ئېيتقىلى بولماسلىق، ئۇسسۇل ئوينىغىلى بولماسلىق»تىن «ناخشا ئېيتقۇسى كەلسە ئېيتىدىغان، ئۇسسۇل ئوينىغۇسى كەلسە ئوينايدىغان» بولۇشقىچە، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلغاندىن كېيىن، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ناخشا ئېيتىشنى، ئۇسسۇل ئويناشنى ياخشى كۆرۈشتەك تۇغما تەبىئىتى نامايان قىلىندى، جايلاردىكى يېزا- كەنت سەھنىلىرى قايتا جانلاندى، كىشىلەر ئۇزاقتىن بۇيان كۈتكەن خۇشاللىق قايتىپ كەلدى، ئۆزلىرى ئارزۇ قىلغان خۇشال تۇرمۇش قايتىپ كەلدى.

  شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ، كىشىلەرنىڭ ئىچىدىن ئۇرغۇپ چىققان تەبىئىي كۈلكىدۇر. مەيلى قايسى يېزا- كەنتتە بولسۇن، ھەممىسىدىلا ھەر مىللەت كىشىلىرى بىرلىكتە مەشرەپ ئويناۋاتقان خۇشال كۆرۈنۈشنى كۆرگىلى بولىدۇ. ھەر مىللەت كىشىلىرى تاماقتا، يېتىپ- قوپۇشتا، ئەمگەكتە، ئۆگىنىشتە بىللە بولۇپ، تۇغقانلىشىپ ئۆزئارا ئالاقىلىشىپ، چوڭقۇر ھېسسىيات ئورناتتى. بىر ئېغىز چاقچاق، بىر قۇچاقلىشىش بىلەن چۈشىنىش كۈلكىسى يۈرەكتىن ئېتىلىپ چىقتى.

  شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ، كۆڭۈلگە مىننەتدارلىق پۈتۈلگەن كۈلكىدۇر. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق پايدىسىنى ئۈزلۈكسىز تارقاتتى، زامانىۋى، مەدەنىي يېڭى كەيپىيات بۇ تۇپراقنىڭ ھەممىلا يېرىدە ئەۋج ئالدى. مول، رەڭدار ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىپ، ئۇلارنىڭ روھىي قىياپىتىنى ئۆزگەرتىپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. «پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، ۋەتەنگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش» ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئەڭ سەمىمىي ئىپادىسىگە ئايلاندى.

  شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ، ئىشەنچ ۋە ئۈمىدۋارلىققا تولغان كۈلكىدۇر. ھازىر كەنتلەردە مەدەنىيەت- تەنھەرىكەت پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلسە بەكمۇ قىزىپ كېتىدۇ، قاتنىشىدىغان ئادەم كۆپ بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى يۇرتداشلارنىڭ روھىي قىياپىتىدىمۇ ئۆزگىرىش بولۇپ، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان بولدى. دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئۆگىنىش، تۈرلۈك ماھارەت تەربىيەسىگە قاتنىشىش ئارقىلىق ئۇلار ئارىسىدىكى نۇرغۇن كىشى ئۆيىدىن چىقىپ، سىرتتا ئىشلەپ، ئۆزىنىڭ ئىككى قولىغا تايىنىپ ئائىلىسىدىكىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا يېتەكلەپ، ئۈمىدكە تولغان يېڭى تۇرمۇش كەچۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى