تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

خوتەن-چاقىلىق تۆمۈريولىدا قۇرۇلۇش باشلاندى

خوتەندىن پويىزغا ئولتۇرۇپ شىنجاڭدىن چىقىش مۇساپىسى 1000 كىلومېتىردىن ئارتۇق قىسقىرايدۇ

  12- ئاينىڭ 20- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، خوتەن- چاقىلىق تۆمۈريولىدا رەسمىي قۇرۇلۇش باشلاندى. سۈرەتتە قۇرۇلۇش باشلاش نەق مەيدانى. (لى دېيۇڭ فوتوسى)

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋ خەۋەر قىلىدۇ: 12- ئاينىڭ 20- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، خوتەن- چاقىلىق تۆمۈريولىدا رەسمىي قۇرۇلۇش باشلاندى، تۈر قۇرۇلۇشى پۈتكەندىن كېيىن، خوتەندىن پويىزغا ئولتۇرۇپ چاقىلىققا بارغاندىن كېيىن، كورلىدىن گولمۇدقا بارىدىغان پويىزغا ئولتۇرۇپ شىنجاڭدىن چىققىلى بولىدۇ، ئۈرۈمچىنى ئايلىنىپ مېڭىش ھاجەتسىز بولۇپ، شىنجاڭدىن چىقىش مۇساپىسى 1000 كىلومېتىردىن ئارتۇق قىسقىرايدۇ.

  شۇ كۈنى، بىر قاتار قېزىش ماشىنىلىرىنىڭ توپا قېزىش مەشغۇلاتىغا ئەگىشىپ، تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن بۇ تۆمۈريول قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاندى، نەق مەيداندىكى ئامما ھاياجىنىنى باسالمىغان ھالدا چاۋاك چېلىپ تەنتەنە قىلدى. لوپ، چىرا، كېرىيە، نىيە، چەرچەن قاتارلىق ناھىيەلەرگە پويىز قاتنىماسلىق تارىخى پات ئارىدا ئاخىرلىشىدۇ.

  خوتەن- چاقىلىق تۆمۈريولى غەربتە قەشقەر- خوتەن تۆمۈريولىغا تۇتىشىدۇ، خوتەن بېكىتىدىن چىقىپ، لوپ، چىرا، كېرىيە، نىيە، چەرچەن، چاقىلىق قاتارلىق جايلاردىن ئۆتۈپ، گولمۇد- كورلا تۆمۈريولىغا تۇتىشىدۇ. لىنىيەنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 825.476 كىلومېتىر بولۇپ، سائەتلىك سۈرئىتى 120 كىلومېتىر قىلىپ لايىھەلەنگەن، پۈتۈن لىنىيەدە جەمئىي 65 بېكەت تەسىس قىلىنغان(دەسلەپكى مەزگىلدە 21 بېكەت ئېچىلىدۇ)، تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتۈش مۇددىتى ئۈچ يېرىم يىل.

  خوتەن- چاقىلىق تۆمۈريولى دۆلىتىمىزنىڭ «ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك تۆمۈريول تورى يىرىك پىلانى»دا بېكىتىلگەن يىرىك پىلان تۈرى بولۇپ، غەربىي رايوندىكى مۇھىم رايون يول تورى غول لىنىيەسى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولى ئايلانما لىنىيەسىنىڭمۇ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. بۇ تۆمۈريول پۈتكەندىن كېيىن، گولمۇد- كورلا تۆمۈريولى، جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولى بىلەن تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئەتراپىدا بىر تۆمۈريول ئايلانما لىنىيەسىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

  خوتەن ۋىلايەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى زوۋ رۇڭ مۇنداق دېدى: خوتەن- چاقىلىق تۆمۈريولى پۈتكەندىن كېيىن، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رايوننىڭ مەدەنىيەت، ئۇچۇر، ئەشيا ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەرمىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.

  بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، خوتەن ۋىلايىتى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى مۇھىم رايون بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي قىسمىغا، ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا قاتارلىق جايلاردىكى قوشنا دۆلەتلەرگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئۇلارنى تۇتاشتۇرىدۇ. خوتەن- چاقىلىق تۆمۈريولى پۈتكەندىن كېيىن، شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ تىرانسپورت ئىقتىدارى زور دەرىجىدە ئاشىدۇ ۋە ياخشىلىنىدۇ، شىنجاڭدىن مەيلى شەرققە قاراپ ئىچكىرى جايلارغا بېرىشتا بولسۇن، ياكى غەربكە قاراپ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋروپاغا بېرىشتا بولسۇن، ھەممىسى تېخىمۇ قولايلىشىدۇ، تېزلىشىدۇ، بۇ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ تېخىمۇ ئېچىۋېتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ۋە رولغا ئىگە.

  قۇرۇلۇش باشلاش نەق مەيدانىدا، شىنجاڭ خاۋشۆلاڭ كىيىم- كېچەك چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى بەي ياڭفۇ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: تۆمۈريولدا بالدۇرراق پويىز قاتنىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتىمەن، بۇنداق بولغاندا، شىركىتىمىزنىڭ كىيىم- كېچەكلىرى بىۋاسىتە ئىچكىرى جايلارغا توشۇلۇپ، توشۇش ۋاقتى ۋە تەننەرخى خېلى كۆپ تېجىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى