تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش ئابىدىسىنى تىكلەش

-باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

  خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

  «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى قۇرۇش، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىش <4- ماي> ھەرىكىتىدىن بۇيان دۆلىتىمىزدە يۈز بەرگەن ئۈچ ئۇلۇغ تارىخىي ۋەقە، يېقىنقى زاماندىن بۇيان جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئۈچ ئۇلۇغ ئابىدە».

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر ۋە كەڭ نەزەر دائىرىسى بىلەن، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى تارىخىي ئەھمىيىتى ۋە مۇھىم، زور رولىغا يۈكسەك باھا بەردى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرۇش، يېڭى دەۋردە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يېڭى، تېخىمۇ زور مۆجىزىسىنى يارىتىش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى تەنتەنىلىك جاكارلاپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، يېڭى دەۋردە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش يېڭى ئابىدىسىنى تىكلەش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا ناھايىتى زور دەرىجىدە ئىلھاملاندۇردى ۋە رىغبەتلەندۈردى.

  «دەسلىپىدە كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتالمىغان كىچىك ئىشلار كېيىنچە تەرەققىي قىلىپ زور تەسىر پەيدا قىلالايدۇ». مىسلى كۆرۈلمىگەن ئۇلۇغ ۋەقە بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلۇشى بىلەنلا، ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت تارىخىي بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىپ، خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، 28 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، 1840- يىلىدىن بۇيانقى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئېچىنىشلىق تەقدىرىنى ئۈزۈل- كېسىل ئۆزگەرتىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇپ، سوتسىيالىستىك ئاساسىي تۈزۈمنى ئورنىتىپ، ھازىرقى زاماندىكى جۇڭگونىڭ بارلىق تەرەققىياتى، ئىلگىرىلىشىگە تۈپ سىياسىي ئالدىنقى شەرت ھازىرلاپ بەردى ۋە تۈزۈم ئاساسى سېلىپ بەردى. پارتىيەمىز سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش داۋامىدا قولغا كەلتۈرگەن ئىجادىي نەزەرىيەۋى نەتىجىلەر ۋە غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەر يېڭى تارىخىي مەزگىلدە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى بارلىققا كەلتۈرۈشنى قىممەتلىك تەجرىبە ۋە نەزەرىيەۋى تەييارلىق، ماددىي ئاساس بىلەن تەمىنلىدى. پارتىيە 11- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن، پارتىيەمىز خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى، ئۇلۇغ ئىنقىلابىنى ئېلىپ بېرىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى بەرپا قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇشتىن بېيىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيەمىز خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدىكى تارىخىي ئۆزگىرىش ۋە تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر بىلەن، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشىنى كۈتۈۋالدى.

  يېقىنقى زاماندىن بۇيان، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ئارزۇسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، نەچچە ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ بوشاشماي كۈرەش قىلىشى ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش پارلاق ئىستىقبالنى كۈتۈۋالدى، بىز بۇ نىشانغا تارىختىكى ھەرقانداق مەزگىلدىكىدىنمۇ بەكرەك يېقىنلاشتۇق. قاينام- تاشقىنلىققا تولغان 40 يىللىق ئۇلۇغ تارىخىي مۇساپە شۇنى تولۇق كۆرسىتىپ بەردىكى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى بىر قېتىملىق ئۇلۇغ ئىنقىلاب، دەل بۇ ئۇلۇغ ئىنقىلاب جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئۇلۇغ ھالقىشىغا تۈرتكە بولدى. خۇددى باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر يىغىنچاقلىغاندەك: «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مەردانە قەدەم بىلەن دەۋرگە يېتىشىپ مېڭىشىدىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەر، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يولى، ھازىرقى زاماندىكى جۇڭگونىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان ئاچقۇچلۇق تەدبىر، شۇنداقلا <ئىككى 100 يىل>لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى بەلگىلەيدىغان ئاچقۇچلۇق تەدبىر»، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يېڭى، تېخىمۇ زور مۆجىزىسىنى يارىتىشتا تېخىمۇ قەتئىي ئىشەنچ، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر ئارقىلىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش شەرت.

  40 يىللىق ھەيۋەتلىك دولقۇن قىرغاققا ئۇرۇلماقتا، 90 مىڭ گەز كۆكتە ئەنقا پەرۋاز قىلماقتا. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا يېڭى دەۋرنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانى تۈزۈلۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ساداسى ياڭرىتىلدى. بىز چوقۇم شۇنى سەگەكلىك بىلەن كۆرۈشىمىز كېرەككى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ھەرگىزمۇ داقا- دۇمباق چېلىش بىلەن ئاسانلا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس. بىز ھازىر پاراخوت ئوتتۇرا ئېقىنغا بارغاندا دولقۇن تېخىمۇ كۈچەيگەن، ئادەم يېرىم يولغا بارغاندا ئىلگىرىلەش تېخىمۇ قىيىنلىشىۋاتقان ۋاقىتتا تۇرۇۋاتىمىز، ئالغا ئىلگىرىلىگەنسېرى قىيىنچىلىق كۆپەيگەن، ئالغا ئىلگىرىلىگەنسېرى خەتەر كۆپەيگەن، يەنە كېلىپ ئىلگىرىلىمىسەك چېكىنىپ كېتىدىغان، ئىلگىرىلىمىسەك قەتئىي بولمايدىغان ۋاقىتتا تۇرۇۋاتىمىز، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئالدىغا قويۇلغان بۇرچ تېخىمۇ شەرەپلىك، ۋەزىپە تېخىمۇ مۈشكۈل، خىرىس تېخىمۇ كەسكىن، خىزمەت تېخىمۇ ئۇلۇغ. بىز پەقەت ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش نەزەرى بىلەن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە قارىساق، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش قىياپىتى بىلەن داۋاملىق كەلگۈسىگە يۈزلەنسەك، تېخىمۇ يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسى، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلام، تېخىمۇ يۇقىرى نىشان بىلەن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتساقلا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى چوقۇم ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش مۇساپىسىدە ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

  «سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىر مەيدان كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈشتۇر، بىز كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش تايىقىنى ئارقا- ئارقىدىن يەتكۈزۈپ يۈگۈرۈشىمىز كېرەك، ھەر بىر ئەۋلاد كىشىلىرى كېيىنكى بىر ئەۋلاد كىشىلەرگە ياخشى نەتىجە قالدۇرۇشى كېرەك». باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى سەمىمىي ئۈمىد، شۇنداقلا كۈرەش بۇرغىسى. يېڭى دەۋردە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتقاندا، دۆلەت ۋە مىللەت تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەلتەنەتلىك داستانىنى پۈتكەندە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ يېڭى ئابىدىسىنى تىكلىگەندە، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۇلۇغۋار غايىسى- جەسۇرانە ئىرادىسى تېخىمۇ كەڭ سەھنىگە ئىگە بولىدۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ ئارزۇسى تېخىمۇ جۇلالىق رېئاللىققا ئايلىنىدۇ.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12- ئاينىڭ 20- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.