تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېڭى كەيپىيات ئەۋج ئالماقتا

قوشماقلىشىپ تۇغقانلىشىش تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى تەسىرلىك كۆرۈنۈشكە ئايلاندى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇر

11-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ۋاڭسەن كوچىسىدىكى قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان سودىگەرلەر جەم بولۇپ تاماق يېمەكتە. (مۇخبىرىمىز جوۋ پېڭ فوتوسى)

  «ئاكا، يەڭگەمنىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولۇپ قالدىمۇ، دورىنى ۋاقتىدا يەۋاتامدۇ، ئۇنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىڭ، ئۆينىڭ ئېغىر-يېنىك ئىشلىرىنى ئىككىيلەن قىلايلى». 11-ئاينىڭ 24-كۈنى چۈشتە، لوپ ناھىيەسىنىڭ ھاڭگىيا بازىرى ئوتتۇرا ئېرىق كەنتىدىكى روزىمەمەت توختىنىيازنىڭ ئۆيىگە كىرگىنىمدە، روزىمەمەت توختىنىيازنىڭ تۇغقىنى، خوتەن ۋىلايەتلىك مالىيە ئىدارىسىنىڭ كادىرى لى شىفۇ ئۇنىڭغا شۇنداق تاپىلاۋاتاتتى. روزىمەمەتنىڭ ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيى يېڭىدىن بېزەلگەن بولۇپ، تۆت ئېغىز ئۆينىڭ تېمىغا رەڭلىك گۈل نۇسخىسى چۈشۈرۈلگەن، ھاجەتخانا، مۇنچا پاكىز تازىلانغان، ئۆيلەر رەتلىك يىغىشتۇرۇلغانىدى.

  ئاپتونوم رايون «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ ئۇزاق ئۆتمەيلا، لى شىفۇ بىلەن روزىمەمەت قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان. لى شىفۇ ھەر قېتىم بارغىنىدا، روزىمەمەتنىڭ ئۆيىدە بىرنەچچە كۈن تۇردى، مەشنىڭ يېنىدا، ئوچاق بېشىدا ئۇنىڭ بىلەن مۇڭدىشىش جەريانىدا، ئىككىيلەننىڭ ھېسسىياتى بارغانسېرى چوڭقۇرلاشتى.

  ھازىر، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ، بولۇپمۇ نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئوخشىمىغان مىللەتتىن بولغان تۇغقىنى كۆپەيدى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ قوشماقلاشقان تۇغقىنى بىلەن ئۆزئارا بېرىش-كېلىش قىلىشى تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ئەڭ تەسىرلىك كۆرۈنۈشكە ئايلىنىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئېڭى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتتى.

  تۇرمۇش دېگەن مانا مۇشۇنداق بولمامدۇ

  11-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەردىلا، خوتەن شەھىرىنىڭ لاسكوي بازىرى كۆللەك كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرى مۇلازىمەت مەركىزىدە شادىيانە مۇزىكا ياڭرىدى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىسادىي تەپتىش نازارىتىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى زالدا ئالدىراش ئىدى. كەنت ئاھالىسى بۇسارەم مەتقۇرباننىڭ قىزى بۈگۈن ياتلىق بولاتتى، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كاتتا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتاتتى.

  68 ياشلىق بۇسارەم گۈللۈك، يېشىل ئۇزۇن كۆڭلىكىنىڭ ئۈستىگە قارامتۇل يېشىل پەلتو، پۇتىغا كالتە قونجىلىق ئۆتۈك كىيىپ، ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلىرىنى تاقاپ، خۇشال ھالدا مۇلازىمەت مەركىزىگە كەلدى، خۇشاللىقىدىن ئۇنىڭ ئاغزى يۇمۇلمايلا قالغانىدى.

  بۇسارەم كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى شياڭ جىگۇاڭنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ كۆيۈنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: ئوبدان بالىلىرىم، ھېرىپ كەتتىڭلار، چاي ئېچىۋېلىپ، ئارام ئېلىۋېلىپ ئىشلەڭلار.

  «ئاپا، ئەنسىرىمەڭ، بۈگۈن قىزىڭىزنىڭ تويى، بىز دېگەن قىز تەرەپ جۇمۇ، توينى جەزمەن قىزىتىۋېتىمىز.» كەنتتە تۇرغان ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، شياڭ جىگۇاڭ نۇرغۇن ئۇيغۇرچە سۆزلەرنى ئۆگىنىۋالغانىدى.

  «مېنىڭ ئوبدان بالىلىرىم، سىلەر بولغاچقا مەن ھېچنېمىدىن ئەنسىرىمەيمەن.» بۇسارەم ياندىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، خۇرسەنلىك بىلەن بۇ قىزغىن سورۇنغا قارىغىنىچە، يېنىدىكى ئۇرۇق- تۇغقانلىرىغا مۇنداق دېدى: تۇرمۇش دېگەن مانا مۇشۇنداق بولمامدۇ.

  بىرنەچچە يىلنىڭ ئالدىدا، بۇسارەم باشقا بىرنەچچە بالىسىنىڭ تويىنى قىلغان. ئۇ چاغدا، كەنتنى «ناتوغرا ئىستىل، يامان كەيپىيات» قاپلاپ، تويدا ناخشا ئېيتقىلى، ئۇسسۇل ئوينىغىلى قويمايتتى، ھەتتا كۈلكە ئاۋازىنىمۇ ئاڭلىغىلى بولمايتتى، جۇلالىق رەڭلەر كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشىدىن غايىب بولغان بولۇپ، تويغا ئوخشاش خۇشاللىق كۈنلەرمۇ ئۈن- تىنسىز ئۆتۈپ، كىشىنى شۈركەندۈرەتتى.

  كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كېلىپ، بۇ يەردىكى ھەممە ئىشلارنى ئۆزگەرتتى: كەنتنىڭ توپا يوللىرى كەڭرى، تۈز ئاسفالت يوللارغا ئايلاندۇرۇلدى، توسۇلۇپ قالىدىغان ئېرىق-ئۆستەڭلەر تاش ئۆستەڭ قىلىپ ئۆزگەرتىلدى، كەنت يولىنىڭ ئىككى ياقىسىغا قۇياش ئېنېرگىيەلىك يول چىرىغى ئورنىتىلدى، ھويلىلارغا كۆكتات پارنىكلىرى ياسالدى، ئەخلەت ساندۇقلىرى قويۇلغاندىن كېيىن، كەنت پاكىزلاشتى... كەنتتە خۇشال كۈلكە ساداسى كۆپەيدى، كۆپچىلىك كەچلىك كۇرسقا كىرىپ مەدەنىيەت ئۆگەندى، كەنتتە زامانىۋى، مەدەنىي يېڭى كەيپىيات ئەۋج ئالدى، تويلاردا شادىيانە سۇناي چېلىنىدىغان، ناخشا ئېيتىلىدىغان، ئۇسسۇل ئوينىلىدىغان بولدى.

  مانا، كەنتتىكى 53 ياشلىق توكچى ئەنۋەرجان ئابباسمۇ بالدۇرلا تويغا كەلدى، ئۇ ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىسادىي تەپتىش نازارىتىنىڭ كۆللەك كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1-شۇجى ۋاڭ جۈننىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى.

  بىر ئاينىڭ ئالدىدا، خىزمەت ئەترىتى مۇنەۋۋەر كەنت ئاھالىلىرىنى باھالاش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئاۋاز بېرىشى ئارقىلىق، ئەنۋەرجان 1-لىككە ئېرىشتى. كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئۇنى 5000 يۈەن قىممىتىدىكى ئۈچ چاقلىق توكسىكلىت بىلەن مۇكاپاتلىدى، بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ كەنتتە چولپانغا ئايلاندى.

  ئەنۋەرجان ۋاڭ جۈن بىلەن ئۆز خۇشاللىقىغا ئورتاقلىشىپ مۇنداق دېدى: ماڭا بەرگەن مۇكاپاتنى قىزىم ئېلىپ كەتتى، ئۇ «كېلەر قېتىملىق باھالاش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، مەنمۇ بىرىنچى بولىمەن» دەيدۇ.

  «ۋاھ، بۇ رەڭلىك لېنتىلار بىلەن بېزەلگەن ئەگمە ئىشىك بەك چىرايلىق ئىكەن، زالنىڭ ئىچى خۇددى تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدىكىدەك رومانتىك جايلاشتۇرۇلۇپتۇ» دېيىشتى كەنت ئاھالىلىرى تۇرنىسا ئابدۇكېرەم بىلەن بىرنەچچە ئاچا-سىڭىللار ھەيرانلىقتا.

  زال ئىشىكىدىن باشلاپ سېلىنغان قىزىل گىلەم رەڭلىك لېنتىلار بىلەن بېزەلگەن ئەگمە ئىشىكتىن ئۆتۈپ سەھنىگە تۇتاشقان، رەڭلىك لېنتىلار زالنىڭ تورىسىنى خىيالىي دېڭىز تۈسىگە كىرگۈزگەن بولۇپ، رەڭلىك شارلار بۇلۇڭلاردا لەيلەپ يۈرەتتى.

  چۈش سائەت 13 ئەتراپىدا، توي مۇزىكىسى چېلىندى، يىگىت يېپيېڭى كاستۇم-بۇرۇلكا، قىز ئاپئاق توي كۆڭلىكى كىيگەن بولۇپ، ئىككىيلەن قول تۇتۇشۇپ، ئەگمە ئىشىكتىن ئۆتۈپ سەھنىگە باردى، توي باشلاندى.

  بۇسارەم بەخت ياشلىرىنى سۈرتكەچ، ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: قىزىمنىڭ تويى بولدى، تويدا خۇشاللىق كۈلكىلىرى ئۈزۈلمىدى، ئۇنىڭ كېيىنكى تۇرمۇشى جەزمەن بەختلىك ۋە گۈزەل بولىدۇ.

  يۈز يىللىق كونا كوچىدا يېڭى داستان پۈتۈلمەكتە

  «ئاقسۇ بۇ بىرنەچچە يىلدا ياخشى تەرەققىي قىلدى، كىشىلەرنىڭ ئىنتىلىشىمۇ بارغانسېرى ئاشتى، ئاش-تائاملارنىڭ سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ئاممىنىڭ ئېھتىياجىغا يېتىشىپ مېڭىش كېرەك.» «بەك توغرا دېدىڭىز، ھازىر ھەممەيلەننىڭ تۇرمۇشى ياخشىلاندى، كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەك، تۇرالغۇ، سەپەرگە چىقىش تەلىپى بارغانسېرى ئاشتى، ئاش-تائامنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپلا قالماي، مۇلازىمەتتىمۇ يېتىشىپ مېڭىش كېرەك.» 11-ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ۋاڭسەن كوچىسىدىكى «بىر ئائىلە كىشىلىرى» ئاشخانىسىدا، لوۋ جيەنبو بىلەن مۇختەر ئابدۇرۇسۇل ئورتاق قاراشلىرى ئۈستىدە پاراڭلىشىۋاتاتتى.

  ئاقسۇدا ۋاڭسەن كوچىسىنى بىلمەيدىغانلار يوق، بۇ يۈز يىللىق كونا كوچا ھەققىدە مۇنداق قىزىق پاراڭ تارقالغان: چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، تيەنجىنلىك سودىگەر بىر ئۇيغۇر ئوغۇل بالىنى بېقىۋېلىپ، ئۇنىڭغا ۋاڭسەن دەپ ئىسىم قويغان. ۋاڭسەن بېقىۋالغان ئاتىسىغا ئەگىشىپ سودا قىلىپ ۋە جۇڭيى تېبابىتىنى ئۆگىنىپ، چوڭ بولغاندىن كېيىن ئاقسۇدا بىر بازار قۇرغان، كىشىلەر بۇ بازارنى ۋاڭسەن كوچىسى دەپ ئاتىغان.

  «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشى بۇ يۈز يىللىق كونا كوچىغا يېڭىچە ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلدى. شىڭلۇڭ كوچىسى بىلەن ۋاڭسەن كوچىسىنىڭ ئارىلىقى ئۈچ كىلومېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ خۇڭچياۋ كوچا باشقارمىسى خۇڭچياۋ مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلامچىلىقىدا، شىڭلۇڭ كوچىسىدىكى سودىگەرلەر تۇنجى تۈركۈمدە ۋاڭسەن كوچىسىدىكى 54 سودىگەر بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشتى، ھازىر قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان سودىگەرلەر 107 جۈپ، 214 كىشىگە يەتتى.

  بۈگۈنكى كۈندە، «بىر ئائىلە كىشىلىرى» دەپ نام بېرىلگەن كەچلىك بازار، سودا شەھەرچىسى، ئاشخانا، كۆكتات دۇكانلىرىنى ھەممىلا جايدا كۆرگىلى بولىدۇ، قوشماقلاشقان ھەربىر سودىگەرنىڭ قوشماقلىشىپ قەلبداش بولۇش دەرىخى، پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر بىللە چۈشكەن سۈرىتى بار بولۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىش ئەنئەنىسى بۇ يەردە داۋاملاشماقتا.

  لوۋ جيەنبو بىلەن مۇختەر «بىر ئائىلە كىشىلىرى» ئاشخانىسىنى بىللە ئاچقۇچىلار بولۇپ، ئىلگىرى ئىككىيلەن ئاقسۇ شەھىرىدە ئۆز ئالدىغا تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىدە تۇغقانلاشقاندىن كېيىن، يىغىلىپ بىللە تاماق يەپ پاراڭلىشىپ، بىر-بىرىنىڭ نۇرغۇن جەھەتتە ئوخشاشلىقلىرىنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلغان.

  «شىنجاڭدا مەيلى تۇرمۇشتا ياكى خىزمەتتە بولسۇن، مىللەتلەرنىڭ بېرىش-كېلىش قىلىشى ناھايىتى ئادەتتىكى ئىش، بىز بۈگۈنكى كۈندە ياخشى تۇغقان، ياخشى ئاكا-ئىنىلەردىن بولۇپ قالدۇق، بىرلىكتە ئەھمىيەتلىك بىرەر ئىش قىلىشىمىز كېرەك.» لوۋ جيەنبو بىلەن مۇختەرنىڭ ئوي-پىكرى بىر يەردىن چىقتى، ئاخىرىدا «ئاۋام مەبلەغ چىقىرىش» شەكلىدە بۇ ئاشخانىنى ئاچتى ھەم ئاشخانىنىڭ پايدىسىنىڭ %5ىنى شۇ جايدىكى قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ياردەم بېرىشكە ئىشلىتىشنى قارار قىلدى.

  مىللىي ئۇسلۇبتىكى بۇ ئاشخانىغا كىرسىڭىز، كۆزىڭىزگە «تىجارەت روناق تاپسۇن» دېگەن خەت يېزىلغان قىزىل لەۋھە تاختىسى چېلىقىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ ئاشخانىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، بۇ ئاشخانىنى يەتتە مىللەتتىن 88 پايچى بىرلىشىپ ئاچقان.

  ھەر كۈنى، «بىر ئائىلە كىشىلىرى» ئاشخانىسى ھەمىشە خېرىدارلارغا لىق تولىدۇ، شىنجاڭغا ساياھەتكە كەلگەن ساياھەتچىلەر ياكى يەرلىك خېرىدارلار بۇ يەردە تاماق يېگەندە، ھەمىشە ئىككىنچى قەۋەتكە چىقىپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيە بازىسىنى كۆرىدۇ. بۇ يەرگە تىزىلغان 200 پارچىدىن ئارتۇق سۈرەت، 100 پارچىدىن ئارتۇق كىتاب، 30 دىن ئارتۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقى شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ مۇنبەت تۇپراقتا ياشاۋاتقان ھەر مىللەت ئاممىنىڭ جاپادىمۇ-ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇپ، ئورتاق تەرەققىي قىلغانلىقىدەك تەسىرلىك ھېكايىلەرنى جىمجىت بايان قىلىپ تۇراتتى.

  بۇنداق ھېسسىيات ئىزچىل داۋاملىشىدۇ

  «تاپشۇرۇقلارنى ئىشلەپ بولغانسىز، بۈگۈن ئۆتۈلىدىغان دەرسنى ئالدىن تەكرار قىلدىڭىزمۇ؟» «ئىشلەپ بولدۇم، دەرسنىمۇ تەكرار قىلدىم، بۈگۈن كەچتە ئۆيۈمگە كېلىڭ، بىللە تاپشۇرۇق ئىشلەيلى.» 11-ئاينىڭ 26-كۈنى ئەتىگەندە، يېڭىشەھەر ناھىيەلىك 2-باشلانغۇچ مەكتەپ 6-يىللىق 8-سىنىپتىكى خۇ يىجيا بىلەن شەھىدە مەمەتئېلى قول تۇتۇشۇپ سىنىپقا كىرىپ كەتتى.

  يېڭىشەھەر ناھىيەلىك 2-باشلانغۇچ مەكتەپتە ئۇيغۇر، خەنزۇ، خۇيزۇ، موڭغۇل، تاجىك قاتارلىق كۆپ مىللەت ئوقۇغۇچىلار بار بولۇپ، خۇ يىجيا بىلەن شەھىدە 1-يىللىقتىن باشلاپ مۇشۇ مەكتەپتە ئوقۇغان، ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا بىر سىنىپتا ئوقۇيدىغان ساۋاقداشلارغا ئايلانغان، مەكتەپتە قانات يايدۇرۇلغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيە پائالىيىتىدە قوشماقلىشىپ، ئايرىلماس ياخشى دوستلاردىن بولۇپ قالغان.

  يېڭىشەھەر ناھىيەلىك 2-باشلانغۇچ مەكتەپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى مەكتەپ باشقۇرۇش ۋە ئوقۇش- ئوقۇتۇشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرگەن، مەكتەپ بويىچە 55 سىنىپتىكى 2607 ئوقۇغۇچى قوشماقلاشقان، ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئۆزئارا تۇغقانلاشقان.

  دەرس ئارىلىقىدا، ئوقۇتقۇچى ھاۋاگۈل ئابدۇۋايىت خوۋ لىنىڭ يېنىغا كېلىپ مۇنداق دېدى: بۈگۈن ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيىڭىزگە تاماققا بارىمەن، سىز ئېتىدىغان بېلىق دۈملىمىسىنى يېگۈم بار.

  خوۋ لىنىڭ قوش قاپىقى، ئۇزۇن كىرپىكلىرى، قىسقا بۈدۈر چېچى ئۇنى باشقىچە تېتىك كۆرسىتەتتى، قارىماققا ئۇيغۇرلارغا بەك ئوخشايتتى. مىجەزى ئوچۇق-يورۇق خوۋ لى كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: مەن يېڭىشەھەر ناھىيەسىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، كىچىك ۋاقتىمدا ھەر مىللەتتىن بولغان قوشنىلىرىمىز بار ئىدى، كۆپچىلىك بىللە ياشايتتۇق، بىللە خىزمەت قىلاتتۇق، ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن چىرايىمىزمۇ ئوخشىشىپ كېتىدىكەن.

  خوۋ لىنىڭ ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغىنىغا 22 يىل بولغان بولۇپ، ھاۋاگۈل مەكتەپكە يېڭى كەلگەندە، خىزمەتلەرنى قانداق قانات يايدۇرۇشنى بىلەلمەي بېشى قاتقان، خوۋ لى تەجرىبىسىنىڭ بىرىنىمۇ قالدۇرماي ئۆگەتكەن، ئىككىيلەن ياخشى دوست بولۇپ قالغان. ھاۋاگۈل خوۋ لىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ «تەييار تاماق» يېيىشكە ئامراق بولۇپ، دەرستىن سىرتقى چاغلاردا ئىككىيلەن دېيىشىۋېلىپ بازار ئايلىنىدىكەن، كىنو كۆرىدىكەن، تاماق يەيدىكەن، ئۇلار دېيىشمەيدىغان گېپى يوق ئاچا-سىڭىللاردىن بولۇپ قاپتۇ.

  «ئاچام ئەتكەن تاماقلار بەك يېيىشلىك، بولۇپمۇ ئۇ ئەتكەن بېلىق دۈملىمىسىگە مەن بەك ئامراق، شۇڭا ھەمىشە ئۇنىڭ ئۆيىگە <تەييار تاماق>قا بارىمەن.» ھاۋاگۈل قولى بىلەن ئاغزىنى ئەتكىنىچە كۈلۈپ كەتتى.

  چۈشتىن بۇرۇنقى ئىككى سائەتلىك دەرستىن كېيىنكى چوڭ تەنەپپۇس ۋاقتىدا، بالىلار مەيدانغا چىقىپ ئويناشقا باشلىدى. «مەن بىر، ئىككى، ئۈچ دېيىشىم بىلەن ئارغامچىنى ئايلاندۇرىمىز، مۇشۇنداق ئېگىز ئايلاندۇرساقلا، ھەممەيلەن سەكرەپ كىرەلەيدۇ.» دىڭ زىشۈەن ھەمراھى مەسئۇت مەخمۇتقا شۇنداق دەپ ئەستايىدىل تاپىلىدى.

  دىڭ زىشۈەن بىلەن مەسئۇت ئىككىيلەننىڭ ئاپىلىرى ئىلگىرى بىر سىنىپتا ئوقۇغان ساۋاقداشلاردىن ئىكەن، بۈگۈنكى كۈندە ئىككىيلەنمۇ بىر سىنىپتا ئوقۇيدىغان ساۋاقداشلاردىن بولۇپ، مەكتەپتە قانات يايدۇرۇلغان «قول تۇتۇشۇش. بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىدە ئىككىيلەننىڭ قوشماقلىشىشى بىلەن ئىككى ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ئالاقىسى تېخىمۇ قويۇقلاشقان.

  مەسئۇتنىڭ ئاپىسى گۈلنار تۇرسۇن مۇنداق دېدى: مەيلى بىز بىر ئەۋلاد كىشىلەر بولايلى ياكى بىزدىن كېيىنكى بىر ئەۋلاد بالىلار بولسۇن، مىللەتلەرنىڭ بىللە ئۆگىنىشى، تۇرمۇش كەچۈرۈشى، خىزمەت قىلىشى نورمال ھالەت، ئىشىنىمەنكى، بۇنداق ھېسسىيات ئىزچىل داۋاملىشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى