تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېڭى كەيپىيات ئەۋج ئالماقتا

ناخشا ئېيتقۇمىز كەلسە ئېيتىمىز، ئۇسسۇل ئوينىغۇمىز كەلسە ئوينايمىز

  مۇخبىرىمىز جاڭ بېي

  11- ئاينىڭ 26- كۈنى، ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى مەشىق ئارىلىقىدا قىزغىن پىكىر ئالماشتۇرماقتا. مەكىت ناھىيەسى تۈمەنتال يېزىسىنىڭ دېھقان ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى 2015- يىلى تەشكىللەنگەندىن بۇيان، مەكىت ناھىيەسى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن دېھقان ئاياللار ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىدە ئۇدا تۆت يىل بىرىنچى بولدى.

(مۇخبىرىمىز ئازاد يۈسۈپجان فوتوسى)

  «غەيرەت قىل، غەيرەت قىل...» 11- ئاينىڭ 24- كۈنى كەچتە، قەشقەر شەھىرىنىڭ دۆلەتباغ يېزىسى يار كۆلبېشى كەنتىدىكى مەدەنىيەت مەيدانىدا، بىر مەيدان ئارقان تارتىشىش مۇسابىقىسى مەدەت سادالىرى ئىچىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتاتتى. بۇ يىل 7- ئايدىن باشلاپ، ھەر شەنبە كۈنى كەچلىك كۇرس ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلىدىغان ئارقان تارتىشىش مۇسابىقىسى پۈتۈن كەنتتىكى ئەر- ئايال، چوڭ- كىچىكلەر بىرلىكتە شاد- خۇراملىققا تولىدىغان پائالىيەتكە ئايلاندى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پامىر ئېگىزلىكىدىن يەكەن دەرياسى ۋادىسىغىچە، مول، رەڭدار مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ئارقىلىق يېزا- كەنتلەر ھاياتىي كۈچكە تولدى، ناخشا ئېيتىلىپ، ئۇسسۇل ئوينىلىپ، خۇشال كۈلكە ساداسى ئىچىدە دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ تۇمانلىرى تەدرىجىي تارقىلىپ، يېزا- كەنتلەردە يېڭى قىياپەت نامايان بولدى.

  ئۇسسۇل ئويناشقا ھېرىسمەن قەلبلەر ئويغاندى

  قولنى كۆتۈرۈپ، بەلنى ئېگىپ، رىتىمغا ئەگىشىپ ئۇسسۇلغا چۈشۈش... 11- ئاينىڭ 26- كۈنى، ئاۋات ناھىيەسىنىڭ يېڭىئېرىق بازىرى سۆگەتئېرىق كەنتىدىكى رېپېتىتسىيە ئۆيىدە، خانزۆرەم ھوشۇر ئۇسسۇل ھەمراھلىرى بىلەن يېقىندا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئويۇنغا رېپېتىتسىيە قىلىۋاتاتتى. خانزۆرەم مۇنداق دېدى: يۇرتداشلارغا ئۆزگىچە تۇيغۇ ئاتا قىلىش ئۈچۈن، بىز مەخسۇس تەربىيەلەشكە قاتناشتۇق.

  كىچىكىدىنلا ئۇسسۇل ئويناشقا ھېرىسمەن خانزۆرەم مەكتەپكە كىرگەندىن باشلاپلا سىنىپنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت تايانچى بولغان، بىراق، ئۇ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئەتراپتىكى دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ تەسىرىدە، ئاتا- ئانىسى ئۇنى ئۇسسۇل ئوينىغىلى قويمايلا قالماي، يەنە ئۇنى بالدۇرلا ياتلىق قىلىۋەتكەن. خانزۆرەم: ئۇ چاغدا ئۇسسۇل ئويناش ئۇياقتا تۇرسۇن، ناخشا- ئۇسسۇل نومۇرلىرىنى كۆرۈشكىمۇ بولمايتتى، دېدى. كېيىن، ئىككى بالىسىنىڭ تۇغۇلۇشى بىلەن، ئېرى ئۇنى ئۆيدە بالىلارغا قاراپ، ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشى كېرەك، دەپ قارىدى.

  2016- يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ كېلىشى بىلەن كەنتنىڭ كەيپىياتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىپ، مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىمۇ بارغانسېرى جانلىنىپ، خانزۆرەمنىڭ ئۇسسۇلغا ھېرىسمەن قەلبى قايتا بىخلاندى. بۇ يىل 7- ئاينىڭ ئاخىرىدىن 8- ئاينىڭ بېشىغىچە، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى سەككىز كەنتتە تۇرۇش نۇقتىسىدىكى كەنت دەرىجىلىك 160 ئەدەبىيات- سەنئەت تايانچىنى شىنجاڭ مەدەنىيەت- سەنئەت مەكتىپىدە ئۇسسۇل، ناخشىلىق مۇزىكا بويىچە كەسپىي تەربىيەلەشكە قاتناشتۇردى. خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى بىلەن، خانزۆرەممۇ تەربىيەلەشكە تىزىملىتىپ قاتناشتى. مۇخبىر زىيارەت قىلغاندا، تەربىيەلەشنىڭ ئاخىرلاشقىنىغا بىر نەچچە ئاي بولغان بولسىمۇ، لېكىن ھەر كۈنلۈك كۈنتەرتىپ ئورۇنلاشتۇرۇشى ئۇنىڭ ھېلىھەم ئېسىدە ئىدى، چۈنكى ئۇ چاغ ئۇنىڭ ئۈچۈن ناھايىتى قىممەتلىك ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن غەم- ئەندىشىسىز مەكتەپكە قايتقاندەك بولۇپ، ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان ئۇسسۇلنى راسا ئۆگىنەلەيدىغان بولغانىدىم.

  بۇ يىل دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە، بازاردا «ئۇلۇغ ۋەتەنگە بەخت تىلەيمىز ـــ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 69 يىللىقى ۋە تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمىنى تەبرىكلەش ئەدەبىيات - سەنئەت كۆرىكى» ئۆتكۈزۈلدى. خانزۆرەم تەربىيەلەشكە قاتناشقان ھەمراھلىرى بىلەن بىللە ئورۇنلىغان ئويۇندا ئاساسلىق رول ئالدى، ئۇلار ئورۇنلىغان نومۇر يۇرتداشلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. ئوچۇق رەڭلىك ئەتلەس كۆڭلەك كىيگەن، نەق مەيداندىكى 3000 دىن ئارتۇق تاماشىبىنغا يۈزلەنگەن 27 ياشلىق خانزۆرەم تۇنجى قېتىم ئارزۇسىغا يېتىشنىڭ خۇشاللىقىنى ھېس قىلدى.

  ھازىر، تىرىشچان خانزۆرەم پۇتۇڭخۇادا كۆڭلىدىكى مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى ئىپادىلىيەلەيدىغان بولدى: سەھنە كىيىمىنىمۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئېلىپ بەردى، يەنە بىزگە رېپېتىتسىيە زالى سېلىپ بەردى، ھەرقايسى جەھەتلەردە بىزنى ئەتراپلىق ئويلاشتى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بىزگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە رەھمەت!

  ناخشا- ئۇسسۇل ئېلىپ كەلگەن خۇشال كۈلكە سادالىرى ئوخشاشلا قەشقەر شەھىرىنىڭ دۆلەتباغ يېزىسى يار كۆلبېشى كەنتىدىكى مەدەنىيەت مەيدانىدا ياڭرىدى. 11- ئاينىڭ 24- كۈنى كەچقۇرۇن، 58 ياشلىق بېلىقىز سىدىق كەنتتىكى مەيدان ئۇسسۇلى ئەترىتىنىڭ يېتەكچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يېڭىدىن سەپكە قوشۇلغان ليۇ چۈنيىڭنى سەۋرچانلىق بىلەن يېتەكلەۋاتاتتى. بېلىقىز ئاچا مۇنداق دېدى: دەسلەپتە خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلار بىزنى ئۇسسۇل ئويناشقا ئىلھاملاندۇردى، ھازىر ئۇسسۇل ئويناش بىزنىڭ ئادىتىمىزگە ئايلاندى. ۋاقىت توشۇشى بىلەن، كۆپچىلىك كېلىشىۋالغاندەكلا يىغىلىدىغان بولدۇق، ئۇسسۇل ئوينىغانسېرى كەيپىياتىمىز، تەن سالامەتلىكىمىز شۇنچە ياخشىلاندى، بىر نەچچە ئايدىن بۇيان ئالتە كىلوگىرام ئورۇقلىدىم! ئۇ شۇنداق دېگىنىچە خۇشخۇي كۈلۈمسىرىدى.

  توغرا قائىدىنى يۇرتداشلارغا ئويۇن شەكلىدە كۆرسىتىمىز

  «قوشنا يېزىدىكى ئېشەك باقمىچىلىقى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ياخشى باشقۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى، ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئەزا بولغاندا يەنە يىلدا پايدا ئايرىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، بىز بۇ ئىشنى ئېتۇت قىلىپ ئىشلەشنى ئويلىشىۋاتىمىز، كېلەر قېتىم يۇرتداشلارغا ئورۇنلاپ بېرىمىز». 11- ئاينىڭ 25- كۈنى، مۇخبىر مەكىت ناھىيەسىنىڭ تۈمەنتال يېزىسى ئونئوتاق كەنتىدىكى ئەمەر ياسىننى ئۇچراتقاندا، ئۇ خىزمەتداشلىرى بىلەن «ئېشەك ھەققىدە ھېكايە» دېگەن ئېتۇتنى يېزىۋاتاتتى. قانداق قىلىپ ئەتراپتىكى ئىشلار ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، «تۆتتە بىللە بولۇش، تۆتنى يەتكۈزۈش»تەك ياخشى سىياسەتلەرنى ياخشى سۆزلەش يېقىندىن بۇيان ئەمەر ئەڭ كۆپ ئويلاۋاتقان ئىش ئىدى. ئەمەر ئەستايىدىل ھالدا مۇنداق دېدى: لېكسىيە سۆزلەش ۋە ئويۇن قويۇشتىكى مەقسىتىمىز يۇرتداشلارغا پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ سىياسەتلىرىنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت، ئەتراپتىكى كىشىلەر، ئەتراپتىكى ئىشلار ئەڭ قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە.

  ئەمەر 25 يىللىق پارتىيە ئىستاژىغا ئىگە پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى، ئۇ ئاۋام تەشۋىقاتچىسى بولغان بۇ بىر قانچە يىلنى ئەسلەپ، ئۆزىگە ئىنتايىن چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان بىر ئىش توغرىسىدا توختالدى: 2014- يىلى، بىر قېتىم ئۇ كەنتتە لېكسىيە سۆزلەۋاتقىنىدا، تۇيۇقسىز بىرەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنىڭ گېپىنى بۆلۈپ، ئۇنىڭ سۆزلىگەنلىرىنى پايدىسى يوق، دېدى. ئەمەر دەرھال سۆزىدىن توختاپ قارشى تەرەپكە كەسكىن رەددىيە بېرىپ مۇنداق دېدى: پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىنى بىلەمسەن؟ ئائىلىمىزدىكىلەر ئاغرىپ قالغاندا، ئەتىيازدا يەر تېرىغىنىمىزدا پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىدىن بەھرىلەندۇق، قانداقمۇ پايدىسى يوق دېگىلى بولسۇن؟ بۇلارنى ئېنىق چۈشەندۈرمىسەم، بەزىلەر بۇنداق بەھرىلىنىشلەرنى شۇنداق بولۇشقا تېگىشلىك دەپ ئويلاپ، مىننەتدارلىق بىلدۈرمەيلا قالماي، يامان غەرىزى بارلار قول پۇلاڭلاتسىلا شۇلارغا ئەگىشىپ كېتىپ قالىدۇ!

  گەرچە ئاچچىقى كەلگەن بولسىمۇ، بۇ ئىشتىن كېيىن ئەمەر قانداق قىلغاندا قائىدىنى تېخىمۇ ئېنىق چۈشەندۈرۈش، يۇرتداشلارنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان قىلىش ئۈستىدە ئەستايىدىل ئويلاندى. 2015- يىلى يېزىدىكى ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇن قويۇش ئەترىتىگە قاتناشقاندىن كېيىن، ئۇ يۇرتداشلارنىڭ ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ ئەتراپتىكى ئىشلارنى ئويۇن قىلىپ كۆرسىتىشىنى ياقتۇرىدىغانلىقىنى بايقىدى، بۇ ئۇنىڭغا ئىنتايىن زور ئىلھام بولدى. كېيىن تەشۋىقات تېمىسىنى قولىغا ئالغاندا، ئۇ ئەتراپتىكى ئىشلارغا بىرلەشتۈرگەن ھالدا كۆپچىلىككە لېكسىيە سۆزلىدى، يۇرتداشلار دائىم ئاڭلاپ قانمايدىغان، يەنە ئۇنى تۇتۇۋېلىپ ئۇنى- بۇنى سورايدىغان بولدى. ئەمەر خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: ھازىر يۇرتداشلارنىڭ بىلىدىغىنى بارغانسېرى كۆپىيىپلا قالماي، سەۋىيەلىك گەپ قىلىدىغان بولدى.

  جايلاردىكى ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمەكلىرىمۇ بىكار تۇرمىدى، ئۇلار يېزا - كەنتلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ ئويۇن قويۇپ، تېخىمۇ كۆپ خۇشاللىق ئېلىپ كېلىش بىلەن بىللە، زامانىۋى، مەدەنىي يېڭى تۇرمۇشنى تەشەببۇس قىلدى. قەشقەر شەھەرلىك ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ئېتۇت ئارتىسى ئايگۈل تۇرسۇن دائىم يېزىلارغا بېرىپ ئويۇن قويغاندا، پەستىكى تاماشىبىنلار تەسىرلىنىپ، دائىم ئۇنىڭ بىلەن تەڭ كۈلۈپ، تەڭ يىغلايتتى، ئۇ ئۆزىنىڭ زىممىسىدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلاشقانلىقىنى ھېس قىلدى.

  بۇلتۇر بىر يىلدا، قەشقەر شەھەرلىك ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكى يېزا - كەنتلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، 250 نەچچە مەيدان ئويۇن قويدى. ئايگۈل «يولدىن ئېزىش» دېگەن ئېتۇتتا پەرزەنتى جىنايەت ئۆتكۈزۈش يولىغا مېڭىش سەۋەبلىك ئازابلانغان، ئۆكۈنگەن ئانىنىڭ رولىنى ئالدى، ئۇ بۇ رولنى ئەينەن ئالغانلىقتىن ئالاھىدە قارشى ئېلىندى، بۇنىڭ بىلەن ئۇ يېزا - كەنت چولپىنىغا ئايلاندى. ئايگۈل مۇنداق دېدى: ئويۇن ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ھەمىشە ئاياللار قولۇمنى تۇتقىنىچە كۆز يېشى قىلىپ، ھازىر بالىنى توغرا يولدا مېڭىشقا تەربىيەلەشنىڭ مۇھىملىقىنى ھەقىقىي بىلىپ يەتتۇق، دەيدۇ.

  ھازىر نۇرغۇن ياقتۇرىدىغان ئىشلارنى قىلالايدىغان بولدۇق

  11- ئاينىڭ 24- كۈنى، قەشقەر شەھىرىنىڭ دۆلەتباغ يېزىسى يار كۆلبېشى كەنتىدىكى گۈلمىرە تۇرسۇننىڭ ئەسلىي پۇراق بىلەن ئېيتقان، جانلىق ھەرىكەت بىلەن ئورۇنلىغان «ليەنپۇ نەزمىسى» يۇرتداشلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. روھىي قىياپىتىدىن ئىشەنچكە تولغان، مودا ياسىنىۋالغان گۈلمىرەنىڭ تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيىدىغان قىز ئىكەنلىكىنى بىر قاراپلا بىلگىلى بولاتتى.

  مۇخبىرنىڭ ئۆزىنى پۇتۇڭخۇادا ياخشى سۆزلەيدىكەنسىز، دەپ ماختىغانلىقىنى ئاڭلىغان گۈلمىرە مۇخبىرغا ئۆزىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى ئىچكىرىدە ئوقۇغانلىقىنى ئېيتتى. ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدا ئوقۇغان قىز چوقۇم ئۆگىنىش نەتىجىسى ئەلا ئوقۇغۇچى بولىدۇ، بۇ يىل ئەمدىلا 20 ياشقا كىرگەن گۈلمىرە ھازىر ئالىي مەكتەپتە ئوقۇسا توغرا بولاتتى، ئۇ نېمە ئۈچۈن ئىككى ياشلىق بالىنىڭ ئانىسىغا ئايلىنىپ قالدى؟ ئۇ مۇخبىرنىڭ گۇمانىنى سېزىپ، مۇنداق چۈشەندۈردى: «تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇپ يېرىمىغا كەلگەندە، دادام ئاغرىپ قالغانلىقىنى باھانە قىلىپ مېنى قايتۇرۇپ ئەكىلىۋالدى، شۇنىڭدىن بۇيان ئوقۇشتىن قالدىم». ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۇ ئاتا- ئانىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن تونۇمايدىغان بىر يىگىت بىلەن توي قىپتۇ.

  گەرچە ئەينى چاغدا ئەتراپتىكى مۇھىت چەكلەپ تۇرسىمۇ، مۇستەقىل كۆز قارىشى بار بۇ قىز ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئۆز قارىشىدا چىڭ تۇردى، مەسىلەن، ئۇزۇن كىيىم كىيىشكە ئۇنىمىدى، چۈنكى «ئۇ كىيىملەر بەكلا سەت ئىدى، ياقتۇرمايتتىم»، دېدى ئۇ، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى دوستلىرى، ئىلگىرىكى ساۋاقداشلىرىمۇ شۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭدىن تەدرىجىي يىراقلاشقانىدى. بۇلارنى دەۋاتقاندا، ئۇنىڭ قاراشلىرىدىن كۆڭلىنىڭ يېرىم بولغانلىقى بىلىنىپ تۇراتتى.

  2016- يىلى، كەنتتە دېھقانلار كەچلىك كۇرسى ئېچىلدى، پۇتۇڭخۇا سەۋىيەسى بىر قەدەر ياخشى بولغان گۈلمىرە كۇرسانتلار ھەۋەسلىنىدىغان ئادەمگە ئايلاندى. ئەلۋەتتە، ئۇنى ئەڭ خۇشال قىلغىنى كەچلىك كۇرستا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇلارغا جىڭجۈي تىياتىرى ئېيتىشنى ئۆگىتىشى بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: جىڭجۈي تىياتىرى بەكلا يېقىملىقكەن، ھەر بىر ھەرىكەت، ھەر بىر سۆز- ئىپادىلىرىگىچە شۇنداق ياخشى كۆردۈم.

  گۈلمىرەنىڭ ھازىرقى تۇرمۇشى مول مەزمۇنغا تولدى. كۈندۈزى ئۇ تىرناق ياساش دۇكىنى ئاچتى، كەچتە جىڭجۈي تىياتىرى ئۆگەندى، ئۇ ئۆزى ياقتۇرىدىغان ئىشلارنى قىلىۋاتاتتى. گۈلمىرە كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئەگەر پۇرسەت بولسا، ئۆزۈمگە بىر جىڭجۈي ليەنپۇسى سىزغۇم بار.

  مول، رەڭدار مەدەنىيەت- تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى يېزا- كەنتلەردىكى تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيىدىغان ھەر بىر قەلبكە مول مەنا ۋە گۈزەللىك ئاتا قىلدى. مەكىت ناھىيەسىنىڭ تۈمەنتال يېزىسىدا «90- يىللاردا تۇغۇلغان» قىزلاردىن تەشكىللەنگەن بىر ۋاسكېتبول كوماندىسى بار، ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق ئەزاسى گۈلنىسا ئەمەت بۇ بىر قانچە يىلدىكى ئۆزگىرىشلەر ئۈستىدە توختىلىپ، ئۆزىگە ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قىلغان ئىشنى سۆزلەپ مۇنداق دېدى: ھازىر نۇرغۇن ياقتۇرىدىغان ئىشلارنى قىلالايدىغان بولدۇق، كۈنلىرىمىز ئىلگىرىكىدەك زېرىكىشلىك ئەمەس.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى