تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

باشقۇرۇشقا ئامراق «گۈلى شۇجى»

  شىنجاڭ گېزىتىنىڭ خوتەن مۇخبىرلار پونكىتىدىن شى يىڭيىڭ

  12- ئاينىڭ 6- كۈنى سائەت 22 دە، خوتەن شەھەرلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ خوتەن شەھىرىنىڭ گۇجانباغ يېزىسى دۆڭكۇچا مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، 1- شۇجى جېڭ مىڭخۇا قولىدىكى خىزمەتلەرنى يىغىشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، سىرتقا چىقىپ، ئۆزىنىڭ ھۆددىگە ئېلىپ ئالاقىلىشىدىغان ئائىلىسىگە بېرىشقا تەييارلاندى. مېڭىشتىن بۇرۇن، ئۇ يەنە يان تېلېفونىدىكى تەرجىمە يۇمشاق دېتالىنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقتى. «كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىشلىتىدىغان سۆزلەرنى خېلى بىلىۋالغان بولساممۇ، ئەمما، بۈگۈن كەچ تۇغقىنىمغا پارتىيەنىڭ بەزى ئېتىبار سىياسەتلىرىنى سۆزلەپ بېرىمەن، شۇڭا بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ ياردىمىگە تايىنىشىمغا توغرا كېلىدۇ»، دېدى جېڭ مىڭخۇا.

  دۆڭكۇچا مەھەللىسىدە جەمئىي 734 ئائىلە، 2252 كىشى بار، بۇ يىلنىڭ بېشىدا، جېڭ مىڭخۇا دۆڭكۇچا مەھەللىسىگە كېلىپ، يېڭى خىزمىتىنى باشلىدى، كىشىلەر سەمىمىيلىك بىلەن ئۇنى باشقۇرۇشقا ئامراق «گۈلى شۇجى» دەپ ئاتاشتى.

  ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى چوقۇم باشقۇرۇش

  «مەھەللە كادىرلىرىنىڭ ساپاسى ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش مەھەللىدە تۇرۇش خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى قانات يايدۇرۇشتا ناھايىتى زور تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ، بۇ يەنە خىزمەت ئەترىتىنىڭمۇ مۇھىم ۋەزىپىسى»، دېدى جېڭ مىڭخۇا مەھەللە كادىرلىرىنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنىدا.

  دۆڭكۇچا مەھەللىسىدە تۇرغاندىن بۇيان، جېڭ مىڭخۇا ئائىلە زىيارىتى قىلىش ئاساسىدا، مەھەللىدىكى ئاھالىلەر ۋەكىللىرىنى تەشكىللەپ سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، مەھەللە كادىرلىرى بىلەن بىرلىكتە مەھەللە خىزمىتىنى كېڭەشتى. خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرى بىلەن مەھەللە كادىرلىرىنىڭ ياردەم بېرىپ يېتەكلەش مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بىرگە بىر ياردەم بېرىش» بويىچە قوشماقلىشىش، بىرلىشىپ ئىش بېجىرىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، نۇقتا ئارقىلىق نۇقتىغا ياردەم بېرىپ، دائىرە ئارقىلىق دائىرىنى يېتەكلەپ، قولمۇ قول ئۆگىتىپ، ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرۈپ، خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرى ۋە مەھەللە كادىرلىرىنىڭ ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، زىددىيەت، ماجىرالارنى تۈگىتىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.

  جېڭ مىڭخۇا يەنە يىراق مۇساپىلىك ئوقۇتۇش سۇپىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۈزۈملەشتۈردى، دائىملاشتۇردى. پارتىيە ئەزالىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ھەربىيدىن چېكىنگەنلەر، بېيىش ماھىرلىرى، يۇرتىغا قايتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى قاتارلىقلارنى تەربىيەلەش ئوبيېكتى قىلىپ تەربىيەلەپ ياردەم بېرىپ، يېتەكلەپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنى كۈچەيتتى. بۇ يىلدىن بۇيان، 35 ئاھالە پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسى سۇندى، ئون نەپەر پارتىيەگە كىرىش ئاكتىپى بېكىتىلدى. جېڭ مىڭخۇا يەنە ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ فۇنكسىيەلىك ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مەھەللىنىڭ مەھەللە ئاياللار قۇرۇلتىيىنى مەھەللە ئاياللار بىرلەشمىسىگە ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى تاماملىشىغا ياردەم بېرىپ، مەھەللە ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ 13 ئەزاسىنى تەربىيەلىدى.

  ئاھالىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشىنى جەزمەن باشقۇرۇش

  «جېڭ شۇجى، مېنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى سەۋىيەم تۆۋەن، خىزمەت تاپالارمەنمۇ؟» دېدى ئاھالە گۈلچىمەن مۇسا مەيۈسلەنگەن ھالدا. «ئالدى بىلەن سىزنى قۇۋۋەت نانلىرى ناۋايخانىسىدا ئىشلەشكە تونۇشتۇرۇپ قوياي، بولامدۇ؟ سىزنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى سەۋىيىڭىز ئۆسكەندىن كېيىن، باشقا خىزمەت تاپارسىز». گۈلچىمەننىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، جېڭ مىڭخۇا ئۇنى قۇۋۋەت نانلىرى ناۋايخانىسىدا ئىشلەشكە تونۇشتۇردى، گۈلچىمەن جەزمەن دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ماھارەت ئۆگىنىپ، تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ياخشىلاشقا بەل باغلىدى.

  ئاھالىلەرنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ياخشى ئۆگىنىشى ئۈچۈن، جېڭ مىڭخۇا «مېھىر- شەپقەت سىنىپى» «كەچلىك كۇرس»قا تايىنىپ، يىراق مۇساپىلىك ئوقۇتۇش سۇپىسى ئارقىلىق دەرس سۆزلەش، نەق مەيداندا ھەمتۈرتكە بولۇش، رەسىملىك چۈشەندۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن، ئاھالىلەرنى دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ياخشى ئۆگىنىشكە يېتەكلىدى.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، جېڭ مىڭخۇا ئامال بار قىيىنچىلىقى بار ئاھالىلەرگە ياردەم قىلىپ ئىش ئورنى ئالاقىلىشىپ بەردى. ئۇ 12 كارخانىنى پائال ماسلاشتۇرۇپ، مەھەللىدىكى قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرنى 135 ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى.

  گۈلزۆھرە كىيىم- كېچەك چەكلىك شىركىتىدە ئىشلەيدىغان ئاھالە نۇربىيە مەمەت مۇنداق دېدى: جېڭ شۇجىنىڭ ياردىمىدە، ھازىرقى خىزمەتكە ئېرىشتىم، ھەر ئايدا 2500 يۈەن مائاش ئالىمەن. مەن تەستە قولغا كەلگەن بۇ پۇرسەتنى ياخشى قەدىرلەپ، بالدۇرراق ياخشى كۈنگە ئېرىشىمەن.

  ئاممىنىڭ قىيىن ئىشلىرىنى تېخىمۇ باشقۇرۇش

  «ئاممىنى قەلبنىڭ تۆرىگە قويغاندىلا، ئامما سىزنى ئۆز قېرىندىشىدەك كۆرىدۇ؛ ئاممىنىڭ ئىشىنى ئۆز ئىشىم دەپ قىلغاندىلا، جەزمەن ياخشى قىلغىلى بولىدۇ». بۇ جېڭ مىڭخۇا ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ كەلگەن ئىدىيە.

  «جېڭ ھەدە، سىز يەنە مېنى كۆرگىلى كەپسىز- دە»، دېدى جېڭ مىڭخۇانىڭ لىق بىر خالتا ئۇششاق- چۈششەك يېمەكلىك كۆتۈرۈپ ئۆيگە كەلگەنلىكىنى كۆرگەن مۇتەللىپ مەتتۇرسۇن كارىۋاتتا يېتىپ خۇشال ھالدا.

  مۇتەللىپ بۇ يىل يەتتە ياشقا كىرگەن بولۇپ، پۇتى تۇغما مېيىپ ئىدى. جېڭ مىڭخۇا ئائىلە زىيارىتى قىلىپ ئەھۋال ئىگىلىگەندىن كېيىن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن خوتەن شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى، خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى، خەلق دوختۇرخانىسى قاتارلىق ئورۇنلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، كۆپ تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئاخىرىدا ئۈرۈمچىدىكى مۇتەخەسسىسنى خوتەنگە تەكلىپ قىلىپ ئۇنى ئوپېراتسىيە قىلدۇردى. بالىنىڭ دادىسى مەتتۇرسۇن مەتروزى مىننەتدارلىق بىلەن مۇنداق دېدى: جېڭ شۇجى ۋە خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، بالامنى ئوپېراتسىيە قىلدۇردۇم، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىگە رەھمەت، جېڭ شۇجىغا رەھمەت، مەن ۋە مۇتەللىپ بۇ شەپقەتنى ئۇنتۇپ قالمايمىز، مەنمۇ چوقۇم مۇتەللىپكە ياخشى ئۆگىنىش توغرىسىدا تەربىيە بېرىپ، ئۇنى جەمئىيەتكە ياراملىق ئادەم قىلىپ چىقىمەن.

  ئاممىنىڭ ئىشىدا كىچىك ئىش يوق. جېڭ مىڭخۇا ئائىلە زىيارىتى قىلىش ئارقىلىق قىيىنچىلىق ۋە ئارزۇ- تەلەپتىن 82 نى توپلاپ، تىزىملىك تۇرغۇزدى. مەھەللە «ئىككى كومىتېت»ى بىلەن بىرلىكتە ھەل قىلىش تەدبىرلىرىنى ئورتاق مۇھاكىمە قىلىش ئارقىلىق 81 ىنى ھەل قىلدى، بىرىنى ماسلاشتۇرۇپ بېجىرىۋاتىدۇ. جېڭ مىڭخۇانىڭ تەسىرى ۋە تۈرتكىسىدە، مەھەللىدىكى 25 نەپەر ياش ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇپ، ئىگە- چاقىسىز ياشانغانلارنىڭ ھويلىسىنى تازىلاش، كىر- قاتلىرىنى يۇيۇش، تاماق ئېتىش، زۆرۈر تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى سېتىۋېلىشىغا ياردەم بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى