تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

يېڭى دەۋردە يېڭى، تېخىمۇ زور مۆجىزە يارىتايلى

 ــــ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەيمىز

  خەلق گېزىتى باش ماقالىسى

  تارىخ مۇساپىسى قاينام- تاشقىنلىققا چۆمدى، دەۋر زور ئېقىمى توختىماي ئۆركەشلىمەكتە.

  1978- يىلى، پارتىيە 11- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3- ئومۇمىي يىغىنىنى بەلگە قىلىپ، جۇڭگو ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئۇلۇغ مۇساپىسىنى باشلىدى. گويا باھار گۈلدۈرمامىسى زېمىننى ئويغاتقاندەك، پارتىيەمىز خەلقنى يېتەكلەپ ئېلىپ بارغان بۇ «يېڭى ئۇلۇغ ئىنقىلاب» بىر دۆلەتنىڭ گۈللىنىش، راۋاجلىنىش بۈيۈك داستانىنى پۈتۈپ، بىر مىللەتنىڭ ھاياتىي كۈچكە تولغان گۈللىنىش كەيپىياتىنى ئۇرغۇتۇپ، جۇڭگونى چوڭقۇر ئۆزگەرتىپلا قالماي، دۇنياغىمۇ چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى.

  40 يىلدىن بۇيان، «ھەقىقەت ئۆلچىمى توغرىسىدىكى چوڭ مۇزاكىرە»نى چىقىش قىلىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش باشتىن- ئاخىر جۇڭگو زېمىنىدا جاراڭلىق ياڭرىغان دەۋر ساداسى بولۇپ كەلدى. يېزىلاردىن شەھەرلەرگىچە، نۇقتىدا سىناق قىلىشتىن كېڭەيتىشكىچە، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدىن ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقىچە ئىسلاھات روھىغا ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىندى؛ دېڭىز بويىدىن ئىچكى قۇرۇقلۇققىچە، «دۆلەت دەرۋازىسىنى ئېچىش»تىن «ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىشكىچە»، دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشتىن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقىچە ئىسلاھات قەدىمى توختىماي ئىلگىرىلىدى. بۈگۈن، «سوتسىيالىستىك جۇڭگو قاياققا بارىدۇ» دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىشى ئۈمىد قىلىنغان بۇ ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە زامانىۋىلىشىشقا تۇتىشىدىغان جۇڭگو يولىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاچتى؛ ئىلگىرى «يەر شارى تەۋەلىكىدىن ھەيدىلىش خەۋپى»گە دۇچ كەلگەن بۇ دۆلەت دۇنيادىكى 2- چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلاندى؛ يېقىنقى زاماندىن بۇيان ئۇلۇغ گۈللىنىشكە قەسەم قىلىپ ئىرادە باغلىغان بۇ مىللەت ئاخىر «دەۋرگە يېتىشىۋېلىش»تىن «دەۋرگە يېتەكچىلىك قىلىش»تەك ئۇلۇغ ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

  دەل شۇنداق بولغاچقا، باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش «ئاچقۇچلۇق تاللاش» «ھاياتىي كۈچ مەنبەسى» «مۇھىم ئەڭگۈشتەر»، «توغرا يول» «دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولى» «خەلقنى بېيىتىش يولى». دەل شۇنداق بولغاچقا، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مىسلىسىز سالماق بىلەن ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، 1600 نەچچە تۈرلۈك ئىسلاھات لايىھەسىنى چىقىرىپ، تارىخىي ئۆزگىرىشلەر ۋە مۇۋەپپەقىيەتلەرنى بىپايان زېمىنغا يېزىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرىشىگە تۈرتكە بولدى. «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بولمىسا، جۇڭگونىڭ بۈگۈنى بولمايتتى، جۇڭگونىڭ ئەتىسىمۇ بولمايدۇ». بۈگۈن، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يەنىلا زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى، پارتىيەمىزنىڭ يېڭى تارىخىي مەزگىلدىكى ئەڭ روشەن بايرىقى؛ «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئاخىرغىچە ئېلىپ بېرىش» يەنىلا يۈز مىليونلىغان جۇڭگو خەلقىنىڭ ئورتاق قەلب ساداسى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ ئاچقۇچلۇق تەدبىرى.

  تارىخنىڭ بىزگە بەرگەن ئەڭ ياخشى نەرسىسى شۇكى، ئۇ بىزنىڭ قىزغىنلىقىمىزنى ئۇرغۇتتى. بۈگۈن، بىزنىڭ جۇشقۇنلۇققا تولغان بۇ يىللارنى ئەسلىشىمىز ھەم تارىخىي تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، تارىخىي قانۇنىيەتنى ئىگىلىشىمىز ئۈچۈن، تېخىمۇ مۇھىمى، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەش جاسارىتىمىز ۋە كۈچىمىزنى ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسى، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلام، تېخىمۇ يۇقىرى نىشاندىن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈندۇر. 40 يىللىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بىزگە نۇرغۇن قىممەتلىك ئىلھاملارنى بەردى، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىم بىرى شۇكى، بىر دۆلەت، بىر مىللەت گۈللىنىمىز دەيدىكەن، چوقۇم تارىخنىڭ تەرەققىيات لوگىكىسى بويىچە ئىلگىرىلەپ، دەۋرنىڭ تەرەققىيات ئېقىمىدا تەرەققىي قىلىشى شەرت. بۈگۈن، ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتنى تولۇق تونۇپ، قىممەتلىك ئىلھامنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بايرىقىنى تېخىمۇ ئېگىز، تېخىمۇ مەزمۇت كۆتۈرۈشىمىز كېرەك، بۇ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ جاپالىق ئىزدىنىشى ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشىنى ئەڭ ياخشى تەبرىكلەش بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ.

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بايرىقىنى تېخىمۇ ئېگىز، تېخىمۇ مەزمۇت كۆتۈرۈشتە، تارىخىي تەرەققىياتنىڭ لوگىكىسى بويىچە ئىلگىرىلەپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ تەرەققىي قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش، گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىش تارىخىي تەلىپىگە ماسلىشىش كېرەك. ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ مەۋقەسى ۋە ماكانى ھەم جەمئىيەتتىكى ئاساسىي زىددىيەتنى ھەل قىلىشنىڭ تۈپ ۋاسىتىسى. 40 يىلدىن بۇيان، يۈكسەك مەركەزلەشكەن پىلانلىق ئىگىلىك تۈزۈلمىسىدىن ھاياتىي كۈچكە تولغان سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىگىچە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تۈزۈمدىكى غايەت زور ئۆزگىرىش ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىدىكى ئەڭ جانلىق ئامىللارنى قوزغىتىپ، يۈزمىليونلىغان خەلقنىڭ غايەت زور ھاياتىي كۈچىنى قويۇپ بېرىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنى ئورنىدىن دەس تۇرۇشتىن بېيىشقا، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقا ئۆتكەن ئۇلۇغ ھالقىشقا باشلاپ كىردى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسىي زىددىيەت خەلقنىڭ كۈندىن- كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجى بىلەن تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتكە ئۆزگەردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلىتىمىزنىڭ يەنىلا سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان ھەم ئۇزاققىچە شۇ باسقۇچتا تۇرىدىغان ئاساسىي ئەھۋالى ئۆزگەرگىنى يوق، دۆلىتىمىزنىڭ دۇنيادىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەڭ چوڭ دۆلەتكە خاس خەلقئارا ئورنى ئۆزگەرگىنى يوق. بۇنداق «ئۆزگىرىش» بىلەن «ئۆزگەرمەسلىك» بىزنىڭ ئەڭ تۈپ، ئەڭ تەخىرسىز ۋەزىپىمىزنىڭ يەنىلا ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يەنىمۇ ئازاد قىلىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، تېخىمۇ قەتئىي ئىشەنچ، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر ئارقىلىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىز كېرەكلىكىنى بەلگىلىدى.

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بايرىقىنى تېخىمۇ ئېگىز، تېخىمۇ مەزمۇت كۆتۈرۈشتە، دەۋر تەرەققىياتىنىڭ ئېقىمى داۋامىدا تەرەققىي قىلىپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىش، ھەمكارلىشىش، تىنچ تۇرمۇش كەچۈرۈش دەۋر ئېقىمىغا ماسلىشىشىمىز كېرەك. «ئېچىۋېتىش ئىلگىرىلەشنى ئېلىپ كېلىدۇ، بېكىنمىچىلىك مۇقەررەر ئارقىدا قالدۇرىدۇ.» 40 يىلدىن بۇيان، دۆلەت دەرۋازىسىنى ئېچىۋېتىپ قۇرۇلۇش قىلغانلىقتىن، جۇڭگو بېكىنمە، يېرىم بېكىنمە ھالەتتىن ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىشكىچە بولغان ئۇلۇغ تارىخىي بۇرۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۇنيادىكى 1- چوڭ مال سودىسى دۆلىتىگە، ئەڭ چوڭ ساياھەت بازىرىغا، 130 نەچچە دۆلەتنىڭ ئاساسلىق سودا ھەمراھىغا ئايلاندى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خەلقئارادا سودا قورۇقچىلىقى، يەككە تەرەپچىلىك كۈچىيىپ قالدى، يەر شارىۋىلىشىشقا قارشى ئىدىيە ئېقىمى باش كۆتۈردى، مۇشۇنداق بولغانسېرى، بىز ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىشىنىڭ كەينىگە قايتۇرغىلى بولمايدىغان تارىخىي زور ۋەزىيەت، ئېچىۋېتىشنىڭ دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى، قۇدرەت تېپىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تۈپ چىقىش يولى ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ كۆرۈپ يېتىشىمىز كېرەك. «جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسى يېپىلىپ قالمايدۇ، بەلكى بارغانسېرى كەڭ ئېچىۋېتىلىدۇ!» تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش قەدىمىنى توختاتماسلىق، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى قۇرۇش قەدىمىنى توختاتماسلىق، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش قەدىمىنى توختاتماسلىققا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرغاندىلا، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى تېخىمۇ يېتەرلىك قىلىپ، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، دۇنيا بىلەن بولغان ھەمتۈرتكىلىكنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، باشتىن- ئاخىر دۇنيا تىنچلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى، يەر شارى تەرەققىياتىنىڭ تۆھپىكارى، خەلقئارا تەرتىپنىڭ قوغدىغۇچىسى بولالايمىز.

  «بارلىق ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ ھەممىسى داۋاملىق كۈرەش قىلىشنىڭ نەتىجىسى، بارلىق ئۇلۇغ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىش داۋامىدا ئالغا سىلجىتىشقا ئېھتىياجلىق.» 40 يىل ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىش، 40 يىل جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، 40 يىل باھار شامىلى بىلەن ئىللىتىش. بۇ بىر بۆلەك تارىخنى ئەڭ ياخشى خاتىرىلەش ــــ دەل يېڭى شانلىق تارىخ پۈتۈش؛ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە بولغان ئەڭ چوڭ ھۆرمەت− دەل يېڭى، تېخىمۇ زور مۆجىزە يارىتىش. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، داۋاملىق ئىلگىرىلىسەكلا، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشى چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى مۇقەررەر ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش مۇساپىسىدە ئىشقا ئاشىدۇ!

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12- ئاينىڭ 17- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى» دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى