تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا شىنجاڭ بويىچە ئۈلگىلىك مەكتەپ بەرپا قىلدى

  توققۇزاق بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ:

  ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا شىنجاڭ بويىچە ئۈلگىلىك مەكتەپ بەرپا قىلدى

  بىرىنچى سەپتە تۇرۇپ، ئۆزگىرىشلەرگە نەزەر. مەكتەپ قىسمى

  مۇخبىرىمىز خەن چىنيەن، قەشقەر مۇخبىرلار پونكىتىدىن پەن يەنيۈن

  12- ئاينىڭ 10- كۈنى، قەشقەر ۋىلايىتى كوناشەھەر ناھىيەسى توققۇزاق بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ھۆسنخەت دەرسخانىسىغا كىرگىنىمىزدە، ئىللىقلىق ۋە ئازادىلىك ھېس قىلدۇق. تامغا لىققىدە ھۆسنخەت، ئويما خەتلەر ئېسىلغان بولۇپ، سىياھنىڭ سۇس پۇرىقى دىماققا ئۇرۇلۇپ تۇراتتى، يېنىك كىلاسسىك مۇزىكا قەدىمىي تۈسكە ئىگە نەپىس بېزەلگەن ھۆسنخەت دەرسخانىسىدا ياڭراپ، كىشىگە خۇددى «سەنئەت قەسىرى»دە تۇرۇۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرەتتى.

  بۇ ھۆسنخەت دەرسخانىسىدا بەش يوللۇق كامېرا سەپلەنگەن ئېنىقلىقى يۇقىرى پىرويېكتور ئارقىلىق، ھۆسنخەت ئوقۇتقۇچىسى ليۇ جۈن ئۆتكەن دەرسنىڭ پۈتۈن جەريانى ئېكرانغا ئېنىق چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار ھەر بىر بىخۇانىڭ يېزىلىشىنى ئېنىق كۆرەلەيدۇ. مەكتەپ يەنە ھۆسنخەت دەرسلىكى ۋە ھۆسنخەت ئوقۇتۇشىغا دائىر قىسقا سىن ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارغا تەڭ قەدەمدە ئۈلگە كۆرسىتىپ ئۆگىتىپ، ئوقۇغۇچىلارغا جۇڭگو خەتتاتلىقىنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلدۇردى.

  ھالبۇكى، ئون يىلنىڭ ئالدىدا، مەكتەپنىڭ جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ئوقۇتۇشى ئاساسەن «رەسمىيەتچىلىك» بولۇپ، ماھىيەتلىك نەتىجە - ئۈنۈم كۆرۈلمىگەنىدى، ھۆسنخەتتىن ئىبارەت بۇ مول ۋە چوڭقۇر مەزمۇنلۇق سەنئەت يەنىلا ئۇقۇم باسقۇچىدىلا توختاپ قالغانىدى. قانداق قىلغاندا يېزا باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدە دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى ئوقۇتۇشىنى ئومۇملاشتۇرغىلى بولىدۇ، قانداق قىلغاندا «تىل قىيىنچىلىقى»نى ھەل قىلغىلى بولىدۇ، دېگەن مەسىلە توققۇزاق بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان 32 ئوقۇتقۇچىنىڭ بېشىنى قاتۇرغانىدى.

  ئەينى چاغدا، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى يېزىلاردا دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى يولغا قويۇشتا بۈگۈنكىدەك ياخشى مۇھىت يوق ئىدى. مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ياۋ خۇڭيۈ ئەسلەپ مۇنداق دېدى: ئەينى چاغدا مەكتەپ دۆلەت خەلق مائارىپ نەشرىياتى نەشر قىلغان دەرسلىكنى دادىل قوللىنىپ، ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، ئالدى بىلەن مەكتەپتە دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى قوللىنىش قويۇق كەيپىياتىنى ياراتتى.

  تىل مۇھىتى كەيپىياتىنى يارىتىش، ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئۈزلۈكسىز تولۇقلاش، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەرگىلى كەلگەن ئىختىساسلىقلارنى سىجىل كىرگۈزۈش، سىنىپلارنى ھۆددىگە ئېلىش تۈزۈمى ئەندىزىسىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىش، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكىلەر كۈچلۈك قوللاش ئارقىلىق، ئۈمىد ئېتىزىدا يىلتىز تارتقان بۇ يېزا باشلانغۇچ مەكتىپى قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ئۈلگىلىك مەكتەپكە ئايلىنىپ، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ئالدىنقى قاتاردا ماڭدى.

  توققۇزاق بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى مائارىپىدا جۇشقۇن ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇتۇلدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بولۇپمۇ 2014- يىلى باش شۇجى شى جىنپىڭ توققۇزاق بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىدا، كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ توققۇزاق بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتىپى «كىم ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، قانداق ئادەم تەربىيەلەش، ئادەمنى قانداق تەربىيەلەش»نى چۆرىدەپ، دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىق مائارىپى، ياتاقلىق تۈزۈمدىكى مائارىپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ۋە ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى گەۋدىلەندۈردى، بۇنىڭ بىلەن مەكتەپنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش سەۋىيەسى، ئادەم تەربىيەلەش سۈپىتى ئۈزلۈكسىز ئۆستى.

  ياۋ خۇڭيۈ مۇنداق دېدى: 2014- يىلى 5- ئايدىن بۇيان، 21 مىليون 760 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، 6970 كىۋادرات مېتىرلىق مەكتەپ بىناسى ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىلدى، ئوقۇتۇش بىناسى، ياتاق بىناسى، ئاشخانا، مۇنچا ۋە تەنتەربىيە مەيدانى يېڭىدىن ياسىلىپ، مەكتەپ بىناسىنىڭ كۆلىمى ئەسلىدىكى 3646 كىۋادرات مېتىردىن ھازىرقى 10 مىڭ 616 كىۋادرات مېتىرغا كېڭەيتىلدى، مەكتەپ يېپيېڭى تۈسكە كىردى، مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش سىنىپلىرى ئەسلىدىكى 12 دىن تەرەققىي قىلىپ 25 كە يەتتى، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى ئەسلىدىكى 410 دىن 1200 گە كۆپىيىپ، بارلىق ئوقۇش باسقۇچىدا دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىدا ئوقۇتۇش بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  پارتىيەنىڭ مائارىپ ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ پەرزەنتلىرىنى دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىدا ئوقۇتۇش قىزغىنلىقى مىسلىسىز ئاشتى، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكىلەرنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئېتىراپ قىلىش ۋە قوللاش سالمىقى مىسلىسىز كۈچەيدى. «ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى بارغانسېرى زورايدى، مەكتەپنىڭ يۇمشاق، قاتتىق ماتېرىياللىرى يېڭىلاندى!» ياۋ خۇڭيۈ مەكتەپنىڭ يېقىنقى يىللاردىكى ئۆزگىرىشلىرىنى تىلغا ئالغاندا ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: ھازىر پۈتۈن مەكتەپتىكى ھەربىر ئوقۇتقۇچىنىڭ بىردىن كومپيۇتېرى بار، دەرسخانىدا ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلار ھەرۋاقىت توردىكى تۈرلۈك مائارىپ بايلىقلىرىدىن پايدىلىنالايدۇ.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەكتەپ ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ 56 ئوقۇتقۇچى تولۇقلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە، ئونى ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىسى، 46 سى مەكتەپ تەكلىپ قىلغان ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ئوقۇتقۇچى ئەسلىدىكى 32 دىن 88 گە كۆپەيدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى 15 ى گۇاڭجوۋدىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن ئوقۇتقۇچى. مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلمىسى يەنىمۇ ئەلالىشىپ، ساپاسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى.

  توققۇزاق بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى مەكتەپتە پۇتۇڭخۇادا راۋان، ئۆلچەملىك سۆزلەپلا قالماستىن، ئۆيىگە قايتقاندىن كېيىنمۇ ئاتا- ئانىسىغا پۇتۇڭخۇا ئۆگىتىپ، پۇتۇڭخۇادا سۆزلەپ، ئاتا- ئانىسىنىڭ كىچىك تەرجىمانى بولدى.

  ھازىر، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بۇ يېزا باشلانغۇچ مەكتىپىدە، جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت مائارىپى مەكتەپكە كىردى، ئۈچ خەتلىك دەستۇر، بارماق تىلى گىمناستىكىسى، پۇتبول گىمناستىكىسى، مۇزىكا، گۈزەل سەنئەت دەرسلىرى توققۇزاق بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ «ئۆلچەملىك سەپلىمىسى» بولۇپ قالدى.

  مائارىپقا ياردەم بېرىۋاتقىنىغا تېخى يېرىم يىل بولمىغان شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن ئوقۇتقۇچى خې جيەنچياڭ مەكتەپنىڭ تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىقىنى ئۈستىگە ئالغانىدى. ئۇ ئاچقان ئىككىنچى دەرسخانىدا پۇتبول، ۋاسكېتبول، شەكىل چىقىرىپ ئارغامچا سەكرەش، شىر ئۇسسۇلى قاتارلىق تەنتەربىيە تۈرلىرى قالتىس قىزىپ كەتتى، ئىجتىمائىي تەشكىلات پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلار دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدا چېنىقىپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتتى.

  مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش بىر سۈزۈك بۇلاققا ئوخشاش توققۇزاق بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلب ئېتىزىدا ئاقماقتا. توققۇزاق بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتىپى پارتىيەنىڭ مېھىر- شەپقىتىگە چۆمۈلۈپ، ئالدى بىلەن قەشقەر ۋىلايىتىدىكى يېزا باشلانغۇچ مەكتەپلىرى ئارىسىدا باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1- يىللىقىدىن 6- يىللىقىغىچە دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىدا ئوقۇتۇشنى تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇردى، مائارىپ سۈپىتىمۇ ئۈزلۈكسىز ئۆستى.

  توققۇزاق بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى ئۆزگىرىشلەر يەنە قەشقەر ۋىلايىتىدىكى يېزا مائارىپىنىڭ كارتىنىسى. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملارنىڭ غەمخورلۇقى ۋە قوللىشىدا، مەكتەپ پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە مائارىپتىكى ئۈلگىلىك مەكتەپ بەرپا قىلماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى