تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك

  ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى سېرجان ئۇغۇباي

  شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات ئومۇملۇقىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالىي مەنپەئىتىگە چېتىلىدۇ. مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى. ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى تولۇق تونۇپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى ھەقىقىي تۈردە ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشقا قويۇش كېرەك. سىياسىي مەيداننى مۇستەھكەملەپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، بايرىقىمىز روشەن ھالدا «ئىككى پان» ئىدىيەسىنى ئېچىپ تاشلاپ، تەنقىد قىلىپ، قەتئىي ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى كۈرەش قىلىپ، ئىناق، مۇقىم، خاتىرجەم ياشايدىغان بەختلىك تۇرمۇشىمىزنى ياخشى قوغدىشىمىز كېرەك.

  بىرىنچى، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە غەلىبە قىلىشنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى تولۇق تونۇش كېرەك

  ئۇزاقتىن بۇيان، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر «مىللەت» «دىن» بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، «ئىككى پان» ئىدىيەسىدىن پايدىلىنىپ كىشىلەر قەلبىنى پاراكەندە قىلىپ، ئاممىنى قايمۇقتۇرۇپ، تارىخنى بۇرمىلاپ، ئاق- قارىنى ئاستىن- ئۈستۈن قىلىپ، دىنىي ئەقىدىلەرنى ئۆزگەرتىۋېتىپ، دىنىي ئەسەبىيلىكنى تەرغىب قىلىپ، مەدەنىيەت پەرقىنى تەكىتلەپ، مىللىي ئارازلىق پەيدا قىلىپ، بىزدىن ئاممىنى تالىشىپ، كىشىلەر قەلبىنى تالىشىپ، ۋەتەننى پارچىلاش سىياسىي سۇيىقەستىگە يېتىشكە تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى. «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ياۋۇز نىيىتى تولۇق ئاشكارىلاندى. شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئاچقۇچ، جەزمەن قەتئىي تەۋرەنمەي بۇ مەيدان ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش كېرەك.

  سىياسىي مەسئۇلىيەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە غەلىبە قىلىش مەسئۇلىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىش كېرەك. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك دەپ بېكىتتى، بارلىق خىزمەتلىرىمىزنى باش نىشاننى چۆرىدەپ پىلانلىشىمىز، ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك. ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى كۈچەيتىش كىشىلەر قەلبىنى مايىل قىلىش، ئەبەدىي ئەمىنلىك ئاساسىنى مۇستەھكەملەشتە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. بىز باشتىن- ئاخىر سىياسىي ئاڭنى كۈچەيتىپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، ئىدىيەمىزنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مۇجەسسەملەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇش، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

  ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە غەلىبە قىلىش تەخىرسىزلىك ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. بىز ئىدېئولوگىيە ساھەسىنى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئاساسىي جەڭگاھى قىلىپ، قەتئىي ھالدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ۋاقىت بىلەن بەسلىشىش، ۋاقىتنى غەنىيمەت بىلىش روھى ئارقىلىق مەسئۇلىيەت ئېڭىمىز، تەخىرسىزلىك ئېڭىمىزنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن بۇ ئىس- تۈتەكسىز جەڭگە ئاتلىنىپ، تىرىشىپ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىمىز كېرەك.

  ھەر مىللەت ئاممىنى قوزغاپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە غەلىبە قىلىشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئاممىنى يېتەكلەپ، ئاممىنى قوزغاپ، جۇڭگو تارىخى، جۇڭخۇا مىللىتى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى بىر پۈتۈن گەۋدە دېگەن يۈكسەكلىكتىن، جۇڭگو بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت دېگەن ماكرولۇق نەزەردىن، شىنجاڭ جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى دېگەن بۇ تۈپ ئالدىنقى شەرتتىن چىقىش قىلىپ، ئاممىنى بايرىقى روشەن ھالدا خاتا قاراشلارنى تەنقىد قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا رەددىيە بېرىپ، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ ھەر خىل بىمەنە سەپسەتىلىرىنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشكە يېتەكلەپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسى ۋە كىشىلەرنىڭ ئىدىيەۋى قارىشىدا ئۇزاق مەزگىل ساقلانغان تۈرلۈك چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرنى تۈپتىن ھەل قىلىپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىككە قارشى تۇرۇش مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.

  ئىككىنچى، تارىخىي چىنلىقنى ئېنىق سۆزلەپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي تەلتۆكۈس غەلىبە قىلىش كېرەك

  شىنجاڭ جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى؛ كۆپ مىللەت بۈيۈك بىرلىكى ئەندىزىسى دۆلىتىمىزدە چىن، خەن سۇلالىسىدىن تارتىپ ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەنگەن تارىخىي ئەنئەنە ۋە ئۆزگىچە ئەۋزەللىك؛ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق بىلەن بىرلىكتە ۋەتەننىڭ گۈزەل تاغ- دەريالىرىنى، بىپايان زېمىنىنى ئورتاق ئاچتى، ئۇزاق جۇڭگو تارىخىنى، شانلىق جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئورتاق ياراتتى؛ شىنجاڭ رايونى ئەزەلدىن مىللەتلەر ئورتاق ئاچقان، گۈللەندۈرگەن ۋە ياشاپ كەلگەن جاي، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق يۇرت- ماكانىنىڭ تەركىبىي قىسمى؛ شىنجاڭ ئەزەلدىن «شەرقىي تۈركىستان» ئەمەس، قانداقتۇر ئاتالمىش «شەرقىي تۈركىستان دۆلىتى» تېخىمۇ مەۋجۇت ئەمەس، شىنجاڭ رايونىنىڭ باشتىن- ئاخىر دۆلىتىمىزنىڭ تەركىبىي قىسمى ئىكەنلىكىدەك پاكىتتىن گۇمانلىنىشقا بولمايدۇ.

  شىنجاڭ كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون. دۆلىتىمىز بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت، مىللەتلەرنىڭ كۆپ مەنبەلىك بىر گەۋدە بولۇشى ئاتا- بوۋىلىرىمىز بىزگە قالدۇرغان مۇھىم بايلىق، شۇنداقلا دۆلىتىمىزنىڭ مۇھىم ئەۋزەللىكى. شىنجاڭدىكى مىللەتلەر جۇڭخۇا مىللىتى ئائىلىسىنىڭ قان قېرىنداش ئەزالىرى. بىز باشتىن- ئاخىر «بىز جۇڭگولۇق» «بىزنىڭ ۋەتىنىمىز جۇڭگو» «بىزنىڭ مىللىتىمىز جۇڭخۇا مىللىتى» «بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىز جۇڭخۇا مەدەنىيىتى» «بىزنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىمىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش» دېگەننى ئېسىمىزدە چىڭ ساقلاپ، ھەر مىللەت خەلق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشنىڭ سىياسىي ئاساسى، ئىدىيەۋى ئاساسى ۋە ئىجتىمائىي ئاساسىنى مۇستەھكەملىشىمىز كېرەك.

  شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتى بىلەن تومۇرداش، زىچ باغلىنىشلىق، تارىخى يۇغۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا دەسلەپتىلا جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن تامغىسى بېسىلغان، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى باشتىن- ئاخىر شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ ھېسسىيات يۆلەنچۈكى، قەلب ماكانى ۋە مەنىۋى يۇرتى؛ شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى باشتىن- ئاخىر جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ مۇنبەت تۇپرىقىدا يىلتىز تارتقان بولۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى.

  دىننىڭ كۆپ خىللىقى شىنجاڭدىكى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان پاكىت. شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، كۆپ خىل دىنىي ئېتىقاد تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان رايون، بىر دىن ياكى ئىككى دىن ئاساسلىق ئورۇندا تۇرۇش، كۆپ دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش شىنجاڭنىڭ دىن ئەندىزىسىنىڭ تارىخىي ئالاھىدىلىكى؛ ئىسلام دىنى ھەم ئۇيغۇرلار ئەلمىساقتىن تارتىپ ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن دىن ئەمەس، ھەم بىردىنبىر ئېتىقاد قىلغان دىنمۇ ئەمەس؛ سىڭىشىش، تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش شىنجاڭدىكى دىنلار مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسىي ئېقىمى، دىنلار مۇناسىۋىتىنىڭ ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، گۈللەندۈرۈشتىكى تارىخىي تەجرىبە. دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى دىنىي ئەقىدىلەرگە تامامەن خىلاپ، ئۇ مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە زوراۋانلىق، تېررورىزمنىڭ ئىدىيە ئاساسى.

  ئۈچىنچى، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ نەتىجە يارىتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ياخشى باشلامچىسى بولۇش كېرەك

  خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئامما بىلەن ئالاقىلىشىشىدىكى كۆۋرۈك ۋە ۋاسىتە بولۇپ، ئاممىۋى خىزمەتنى قانات يايدۇرۇشتا ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە ئىگە. سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ئاڭلىق ھالدا مەسئۇلىيەت ئېڭى، ئىش ئورنى ئېڭى، بازا ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى، كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنىڭ ياخشى باشلامچىسى بولىمەن. «تۆت ئاڭ»نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باشتىن- ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلايمەن. قەتئىي، كەسكىن ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش «بىرىكمە مۇشت» تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باشتىن- ئاخىر باش نىشاننى خىزمەتكە يېتەكچىلىك قىلىدىغان بايراق ۋە يۆنىلىش قىلىپ، بارلىق خىزمەتنى باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ پىلانلاش، ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرىمەن. ئاممىغا ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تۈپ مەنپەئىتى ئىكەنلىكى توغرىسىدا تەشۋىق- تەربىيە بېرىپ، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «بىر قولدا زەربە بېرىشنى تۇتۇش، بىر قولدا ئالدىنى ئېلىشنى تۇتۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، ھەم ئاز ساندىكى ئېغىر زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىشكە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى، ھەم مەنبەدىن تۈزەشنى قانات يايدۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇھىتىدا كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، كەڭ دائىرىدە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، كىشىلەر قەلبىنى مايىل قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئاممىۋى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەيمەن ۋە كېڭەيتىمەن. باشتىن- ئاخىر سىياسىيدا زېرەك ئادەم بولۇپ، بايرىقىم روشەن ھالدا «ئىككى پان» ئىدىيەسىنى تەنقىد قىلىمەن، بايرىقىم روشەن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ جىنايى قىلمىشلىرىنى پاش قىلىمەن، تەنقىد قىلىمەن، بايرىقىم روشەن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن. كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشنى باشتىن- ئاخىر سىياسىي كېڭەشنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشىنىڭ كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئۆگىنىش، قوللىنىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىمەن، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ئارقىلىق ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يېتەكلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، مەردانە ھالدا جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، شىنجاڭ تارىخىنى ياخشى سۆزلەپ، مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇپ، مۇھىم، زور مەسىلىلەر، مۇھىم تارىخىي پاكىتلار، مۇھىم نۇقتىئىنەزەرلەرنى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا ئېنىق سۆزلەپ، چۈشەندۈرۈپ، ئۇلارنى ماركسىزملىق دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەيمەن؛ سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ۋە جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتى ئارقىلىق دىننى يېتەكلەش، دىنغا تەسىر كۆرسىتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، دۆلىتىمىزدىكى دىنلارنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلەپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىگە قەتئىي تاقابىل تۇرىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى