تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ئۈچۈن بارلىق ئەقىل- پاراسىتىم ۋە كۈچۈمنى بېغىشلايمەن

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك تاشقى ئىشلار (چياۋمىنلار) ئىشخانىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، پورت باشقۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مۇرات ئەبەيدۇللا

  شىنجاڭ ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭخۇا مىللەتلىرى قېرىنداشلاردەك يېقىن ئۆتۈپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، ئۆزئارا سىڭىشكەن، ھېچكىم ھېچكىمدىن ئايرىلالمايدىغان كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن ئەندىزىنى شەكىللەندۈردى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ تارىختىكى ئەڭ ياخشى گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىش مەزگىلىگە كىردى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن ياردەم بېرىشى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق تىرىشىشى ئاستىدا، شىنجاڭدا ئىجتىمائىي ئومۇمىي ۋەزىيەت مۇقىم بولغان، ئىقتىساد ساغلام تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم ياشايدىغان ياخشى ۋەزىيەت نامايان بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى.

  «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر ئۆزئارا بىرلىشىۋېلىپ، تىلىنى بىر قىلىۋېلىپ، بىر ئېقىندا بۇلغىنىپ، دىنىي ئەقىدىلەرنى بۇرمىلاپ، بىمەنە سەپسەتە ئويدۇرۇپ چىقىپ، ئاممىنى قايمۇقتۇرۇپ، قۇترىتىپ، مىللىي ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇقنى ۋاسىتە قىلىپ جەمئىيەتنىڭ تىنچلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، دۆلەتنى پارچىلاش جىنايى مەقسىتىگە يېتىشكە تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى. ئۇلار بىر قاتار زوراۋانلىق قىلمىشلىرىنى، بىر قاتار قانلىق دېلولارنى سادىر قىلىپ، بىزنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى. ئۇلار جەمئىيەتنىڭ مۇناپىقلىرى، داشقاللىرى، بىزنىڭ ئورتاق دۈشمىنىمىز. ھەققانىيەت جەزمەن رەزىللىك ئۈستىدىن غالىب كېلىدۇ، بىز جەزمەن «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە ئەجەللىك زەربە بېرىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرىمىز.

  ھايات- ماماتلىق كۈرەشتە، مەن «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ ئېغىر خەۋپىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتىم، شۇنداقلا نۆۋەتتىكى چوڭ ياخشى ۋەزىيەتنىڭ تولىمۇ قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يەتتىم. پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققىتىمنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشانغا مۇلازىمەت قىلىپ، باش نىشاننى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئاڭلىق ھالدا ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش تارىخىي بۇرچىنى زىممەمگە ئالىمەن. مەۋقەنى ئىش ئورنۇمغا قويۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممەمگە ئېلىپ، ھالقىلىق پەيتتە ئاتاكىغا ئۆتەلەيدىغان، تاقابىل تۇرالايدىغان، غەلىبە قىلالايدىغان بولۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ئۈچۈن بارلىق ئەقىل- پاراسىتىم ۋە كۈچۈمنى بېغىشلايمەن.

  نۆۋەتتە ئاساسىي قاتلامدا دىن خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىگە قەتئىي تاقابىل تۇرۇپ، دىن خىزمىتىنىڭ قانۇنچىللىشىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلەيمەن. دىنىي زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنى ۋەتەننى سۆيۈش، دىننى سۆيۈش ئېسىل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى ئاداققىچە قانلىق جەڭ قىلىشقا يېتەكلەپ، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ ئاممىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىغا ئارىلىشىۋېلىشى، بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا ھەرگىز يول قويمايمەن. پارتىيەنىڭ تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، دىنىي زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، ھەقىقىي تۈردە مىننەتدارلىق قەلبىنى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىن ئىبارەت بۇ مەيدان قاتتىق جەڭدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق باش نىشاننىڭ يىلتىز تارتىشى، چېچەكلەپ مېۋە بېرىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا يېتەكلەيمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى