مۇخبىرىمىز مېھرىگۈل غوپۇر خەۋەر قىلىدۇ: 12- ئاينىڭ 14- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا تىجارەت- سودا مۇھىتىنى يەنىمۇ ياخشىلاش، ئەلالاشتۇرۇش، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.
يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: مەمۇرىينى ئىخچاملاش، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇش ئىسلاھاتى بىر مەيدان پىچاقنىڭ بىسى ئىچىگە قارىتىلغان ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزى ئۈستىدىكى ئىنقىلاب بولۇپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنىڭ چوڭقۇر ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولىدىغان، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى زور دەرىجىدە ئۇرغۇتىدىغان ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقى ۋە رېئال تەخىرسىزلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۆز رايونىنىڭ تىجارەت- سودا مۇھىتىدا ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل رەتلەپ، تەھلىل قىلىپ، ئۆز رايونىنىڭ تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىپ، تىجارەت- سودا مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ تەرەققىي قىلىش ئىشەنچىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئىدىيەدە يەنىمۇ ئازاد بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، پەرقنى تېپىپ، ئاجىز تۈرگە توغرىلاپ، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى داۋاملىق چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ بازار بايلىقىنى بىۋاسىتە تەقسىملەش ۋە بازار ھاياتىي كۈچىگە بىۋاسىتە ئارىلىشىۋېلىشىنى ئەڭ چوڭ چەكتە ئازايتىپ، ئىش داۋامىدا ۋە ئىشتىن كېيىنكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ مۇلازىمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، تىجارەت- سودا مۇھىتىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تېخىمۇ زور دەرىجىدە ئۇرغۇتۇپ، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى كۈچەيتىپ، ئىچكى ئېھتىياج يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىش كېرەك.
يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇزاكىرە قىلىندى.