تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرى تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا پورەكلەپ ئېچىلدى

  مۇخبىرىمىز مېھرىگۈل غوپۇر

  12- ئاينىڭ 15- كۈنى، كەنت ئاھالىلىرى لېكسىيە ئاڭلىماقتا. شۇ كۈنى، كۇچا ناھىيەسىنىڭ «40 يىلدا مىڭلىغان كېمىلەر بەس- بەستە ئاتلاندى، 40 يىلدا كاتتا سەھىپە پۈتۈلدى» باش تېمىسىدا لېكسىيە سۆزلەش گۇرۇپپىسى ئالاقاغا بازىرىنىڭ بۇسۇت كەنتىگە بېرىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان يۈز بەرگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى بايان قىلدى. (سەي شۇ فوتوسى)

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدا بوران- چاپقۇن ۋە جاپا- مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ شانلىق نۇرىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى، قوللىشى ۋە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ خالىس ياردىمىدە، شىنجاڭ پۈتۈن مەملىكەت بىلەن ئوخشاش، ئىجتىمائىي قىياپىتىدە ئاسمان- زېمىن ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلدى، شۇنداقلا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى ئىشلىرىدا يېڭى ۋەزىيەت ياراتتى.

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ئىستراتېگىيەلىك ئومۇمىيەت يۈكسەكلىكىگە قويۇپ ئويلاپ ۋە پىلانلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى دېگەن ئاساسىي تېمىنى پۇختا ئىگىلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى تەشۋىقات- تەربىيەسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بۈيۈك بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى سىجىل چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ماركسىزملىق «بەش قاراش» تەربىيەسىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى «ئۈچ ئايرىلالماسلىق ئىدىيەسى»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە يېتەكلىدى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى دەرىخى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، بۈك- باراقسان ئاينىپ، مول مېۋە بەردى.

  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇلۇغ سۆيگۈسى چىن قەلبتىن نامايان قىلىندى

  شىنجاڭدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ئۇزاقتىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن بولۇپ، ئاسمان- زېمىننى تەسىرلەندۈرىدىغان، قەلبلەرنى ئىللىتىدىغان ھېكايىلەر تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا كەڭ تارقالدى: كۇچادىكى كەشتىچى ئاچا- سىڭىللارنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭغا كەشتە لەۋھەسى تەقدىم قىلغانلىقى، يوۋ لياڭيىڭنىڭ ئون نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر قېرىندىشىدىن ئايرىلماي، ئۇنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا ياردەم بەرگەنلىكى، «زامانىمىزدىكى لېي فېڭ» جۇاڭ شىخۇانىڭ ھەر مىللەت ئاممىنى كېسەل ئازابىدىن قۇتقۇزغانلىقى، «جۇڭگونى تەسىرلەندۈرگەن ئون شەخس»نىڭ بىرى ھەنىپە ئالىماخۇن ئانىنىڭ كۆپ مىللەتتىن بولغان ئون نەچچە بالىنى بېقىپ قاتارغا قوشقانلىقى...

  ئۇلار تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىن بولۇپ، بەزىلىرى دوختۇر، بەزىلىرى ئوقۇتقۇچى، بەزىلىرى ئاساسىي قاتلام كادىرى، بەزىلىرى دېھقان... ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كېلىۋاتقان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى نەمۇنىچىلىرىنىڭ ئىش- ئىزلىرى تولىمۇ تەسىرلىك بولۇپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاق، دوستانە، جاپا- مۇشەققەتتە بىللە بولىدىغان چوڭقۇر دوستلۇق رىشتىسىنى نامايان قىلدى. كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان ھەربىر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىسى چوڭقۇر ھېسسىياتنىڭ نامايەندىسى، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قەلبداش، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولغانلىقىغا ئوقۇلغان مەدھىيە بولۇپ، «خەنزۇلار ئاز سانلىق مىللەتلەردىن ئايرىلالمايدۇ، ئاز سانلىق مىللەتلەر خەنزۇلاردىن ئايرىلالمايدۇ، ھەرقايسى ئاز سانلىق مىللەتلەرمۇ ئۆزئارا ئايرىلالمايدۇ» دېگەننى ئىسپاتلىدى.

  1983- يىلىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايون ھەر يىلنىڭ 5- ئېيىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى ئېيى قىلىپ بېكىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى پائالىيىتىنى مەركەزلىك قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىدى. 2016- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى خىزمىتى نىزامى» رەسمىي يولغا قويۇلۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ قانۇنچىللىق ئاساسى مۇستەھكەملەندى ۋە راۋاجلاندۇرۇلدى، بۇ شۇنداقلا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم، زور تەدبىر.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جايلار، تارماقلار مول، رەڭدار مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىقات- تەربىيەسى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتى، ھەر مىللەت ئامما ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش پايدىسىدىن ئورتاق بەھرىلەندى، ئۇلارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز ئاشتى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان جانلىق ئەمەلىيەتلەر ئارقىلىق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كەيپىياتى تېخىمۇ قويۇقلىشىپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشى تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسى يەنىمۇ چىڭىتىلدى.

  ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىش بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملىدى

  بۇ يىلقى دۆلەت بايرىمىدا، ئاپتونوم رايونلۇق ئارخىپ ئىدارىسى ئىشخانىسىنىڭ خىزمەتچىسى سۈن خۇي تۇغقىنى ئابدۇشۈكۈر تۇرسۇننىڭ ئۆيىگە 5- قېتىم باردى، سۈن خۇي تۇغقىنىنىڭ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى رېمونت قىلىش دۇكىنى ئاچقانلىقىنى، تۇغقىنىنىڭ خوتۇنىنىڭ توقۇمىچىلىق زاۋۇتىدا ئىشچى بولغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن خۇرسەن بولدى ۋە خۇشال بولدى.

  ئابدۇشۈكۈر يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ سىتلى يېزىسى ئايكۆل كەنتىنىڭ ئاھالىسى. سۈن خۇي تۇغقىنىنى ھەر قېتىم يوقلاش جەريانىدا، تۇغقىنىنىڭ ئۆيىدىكى يېڭى- يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ، ئىچ- ئىچىدىن خۇشال بولدى. ھازىر ئابدۇشۈكۈر كەلگۈسى تۇرمۇشىغا نىسبەتەن ئىشەنچكە تولغانىدى: پارتىيە بىزگە ئەۋەتكەن مۇشۇنداق ياخشى تۇغقىنىمىز بىزگە چىن قەلبىدىن ياردەم بەردى، بىز چوقۇم ئەمگىكىمىزگە تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، ياخشى تۇرمۇش كەچۈرەلەيمىز.

  بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭدا ھەر كۈنى نۇرغۇن كادىر، ئىشچى- خىزمەتچى يېزا- كەنت، مەھەللىلەرگە بېرىپ، ھەر مىللەت تۇغقانلىرى بىلەن تاماقتا، يېتىپ- قوپۇشتا، ئەمگەكتە، ئۆگىنىشتە بىللە بولماقتا. ھەر قېتىم تۇغقانلىرى كېلىدىغان چاغدا، كەنتتىكى ھەر مىللەت ئامما تۆت كۆزى بىلەن كۈتىدۇ، تۇغقانلىرى كېتىدىغان چاغدا، يۇرتداشلار كەنت ئېغىزىغا كېلىپ قوللىرىنى پۇلاڭلاتقىنىچە ئۇلار بىلەن خوشلىشىدۇ. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئۆزئارا ئالاقە قىلىدىغان، چىن ھېسسىيات بىلەن بىللە ئۆتىدىغان چوڭ ياخشى ۋەزىيەت تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى يارقىن مەنزىرىگە ئايلاندى.

  2016- يىلى 10- ئاينىڭ 16- كۈنى، ئاپتونوم رايون «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى. ئىككى يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون بويىچە 1 مىليون 110 مىڭدىن ئارتۇق كادىر، ئىشچى- خىزمەتچى ئاساسىي قاتلامدىكى 1 مىليون 680 مىڭدىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئامما بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشتى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما بىلەن تاماقتا، يېتىپ- قوپۇشتا، ئەمگەكتە، ئۆگىنىشتە بىللە بولۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىغا ئىشلەپچىقىرىشتا ياردەم بېرىپ، تۇرمۇشتا كۆڭۈل بۆلۈپ، غەمخورلۇق قىلىپ، چىن كۆڭلىدىن پاراڭلىشىپ، سىردىشىپ، نامرات ئائىلىلەر بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقانلىشىشنىڭ تولۇق قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جەمئىي 11 مىليوندىن ئارتۇق ئائىلە قېتىم قوندى، ئاممىنى 55 مىليوندىن ئارتۇق ئائىلە قېتىم زىيارەت قىلدى.

  ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ، ئىچقويۇن- تاشقويۇن بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى، ئۇلارنىڭ «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى تۇرۇش، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ئىرادىسىنى تېخىمۇ چىڭىتتى، ئۇلارنىڭ ئىتتىپاقلىققا ئەھمىيەت بېرىش، كىرىمنى كۆپەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەرەققىياتنى كۆزلەش ئارزۇسىنى بارغانسېرى كۈچەيتتى، ئىشەنچىسىنى بارغانسېرى ئاشۇردى.

  ئىتتىپاقلىقنى ھاياتنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەش

  توختىخان قۇربان ھەممە كىشىگە تونۇشلۇق قۇربان تۇلۇم تاغىنىڭ قىزى. 2017- يىلى كىرىشى بىلەن، باش شۇجى شى جىنپىڭ توختىخانغا جاۋاب خەت يازدى: «ئائىلىڭىزدىكىلەرنىڭ داۋاملىق قۇربان تاغىغا ئوخشاش يۇرتداشلار بىلەن بىللە، پارتىيەنى، ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيۈشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.» يېقىملىق سۆز، مېھىرلىك سالام، سەمىمىي ئۈمىد− باش شۇجىنىڭ قۇربان تاغىنىڭ ئەۋلادلىرىغا بولغان سەمىمىي تاپشۇرۇقى، شۇنداقلا پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقتىن كۈتكەن سەمىمىي ئۈمىدى.

  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتە، ھەربىر جەمئىيەت ئەزاسىنىڭ چىن كۆڭلىدىن قوغدىشى ۋە ئاڭلىق ھەرىكىتىدە.

  قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ قۇتۇبى بازىرى شۇاڭچياۋ مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى، 70 نەچچە ياشلىق ۋاڭ گۈيجېننىڭ ئالتۇنخان (ئالتۇندەك قەلب دېگەن مەنىدە) دېگەن ئۇيغۇرچە ئىسمى بار بولۇپ، بۇ ئىسىم ۋاڭ گۈيجېننىڭ 30 نەچچە يىلدىن بۇيان ھەر مىللەت ئاممىغا قىزغىن ياردەم بېرىشىدىن ئېرىشكەن ھۆرمەت نامىدۇر.

  تۇنجى قېتىم ئىگە- چاقىسىز ياشانغان ئۇيغۇر كىشىگە ياردەم بېرىشتىن باشلاپ ھازىرغىچە، ۋاڭ گۈيجېن ھەر مىللەتتىن بولغان 100 دىن ئارتۇق ياشانغان كىشى ۋە ئائىلىسىدە قالدۇرۇلغان بالىلارنىڭ ھالىدىن ھەقسىز خەۋەر ئالغان. ئاش- تاماق ئېتىپ بېرىشتىن تارتىپ، كىر- قات يۇيۇش، ئۆي تازىلاشقىچە، ۋاڭ گۈيجېن ئۇلارغا خۇددى قىزىدەك، خۇددى ئانىسىدەك ياردەم بەرگەن.

  «خوتەن لېي فېڭ ئاپتوموبىل ئەترىتى»نىڭ تەشكىللىگۈچىسى ئەنۋەر ماڭسۇر كۆپ يىللاردىن بۇيان شەخسىي ئاپتوموبىلىدا ئېھتىياجى بار كىشىلەرنى ھەقسىز ئاپىرىپ- ئەكىلىپ، «شەخسىي ئاپتوموبىلىنى ئومۇمنىڭ ئىشىغا ئىشلىتىدىغان تاغا» دەپ ئاتالدى. ئۇنىڭ ئاپتوموبىلىدا يولۇچىلار رەھمەت ئېيتىپ قالدۇرغان سۆزلەر بىلەن لىق تولغان تۆت خاتىرە دەپتەر بار. تەقدىرلەش ۋە مۇكاپات ئالدىدا، ئەنۋەر تەمكىن ھالدا مۇنداق دېدى: مەن پەقەت كىچىك ئاپتوموبىلىمنى ھەيدەپ، كىچىك ئىشلارنى قىلدىم.

  60 يىلنىڭ ئالدىدا، قۇربان تاغىنىڭ «ئېشەككە مىنىپ بېيجىڭغا بېرىش»ى ھەققىدىكى ھېكايە چېگرا رايوندىكى ئاز سانلىق مىللەت ئاممىنىڭ پارتىيەنى سۆيۈش، دۆلەتنى سۆيۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ھەققىدىكى داستانغا ئايلانغان. 60 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭدىكى 23 مىليون ھەر مىللەت ئوغۇل- قىزلار خۇددى باھار يامغۇرىدەك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى سۇغىرىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھاياتىنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، ئۈن- تىنسىز تەسىر قىلىش جەريانىدا «ئىتتىپاقلىق» دېگەن سۆزنى ھەرىكىتىدە كۆرسىتىپ، قەلبىگە سىڭدۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ ھەيۋەتلىك كۈچى قىلىپ مۇجەسسەملىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى