تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى قاتارلىق 15 مىنىستىرلىق، كومىتېت 2019- يىللىق مەدەنىيەت، پەن- تېخنىكا، سەھىيەدىن ئىبارەت «ئۈچنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12- ئاينىڭ 16- كۈنى تېلېگراممىسى. مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، پەن - تېخنىكا مىنىستىرلىقى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى، يېزا ئىگىلىكى - يېزا مىنىستىرلىقى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى، دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى، دۆلەت رادىيو- تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى، گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش- ئېچىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى، جۇڭگو ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، جۇڭگو پەن- تېخنىكا جەمئىيىتى يېقىندا بىرلىشىپ ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەدەنىيەت، پەن- تېخنىكا، سەھىيەدىن ئىبارەت «ئۈچنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش» پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، يۈزمىليونلىغان دېھقاننىڭ ئاكتىپلىقىنى، تەشەببۇسكارلىقىنى، ئىجادچانلىقىنى قوزغاپ، جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى تەرەپنىڭ كۈچىنى يېڭى دەۋردىكى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىگە پائال قاتنىشىشقا يەنىمۇ سەپەرۋەر قىلىپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە يېزا ئىگىلىكىگە ئەھمىيەت بېرىدىغان، يېزىلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان، دېھقانلارغا كۆيۈنىدىغان قويۇق كەيپىيات يارىتىپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىشقا تۈرتكە بولۇشنى تەلەپ قىلدى.

  بۇ يىلقى «ئۈچنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش» پائالىيىتىدە يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش باش نىشانى زىچ چۆرىدىلىپ، كەسىپلەر گۈللەنگەن، ئېكولوگىيەسى ياشاشقا باب كېلىدىغان بولۇش، يېزا كەيپىياتى مەدەنىي، ئىدارە قىلىنىشى ئۈنۈملۈك، تۇرمۇش باياشات بولۇش ئومۇمىي تەلىپى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، دىققەت نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش ئالدىنقى ۋەزىپىسىگە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش زور ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالىدىغان دەۋر يېڭى كىشىلىرى كۈچەپ يېتىلدۈرۈلۈپ، گۈزەل تۇرمۇش ئارزۇسىنى ئورتاق پۈتىدىغان دەۋر يېڭى كەيپىياتى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇلۇپ، يېڭى دەۋر مەدەنىيلىك ئەمەلىيەت مەركىزى قۇرۇش پۇرسەت قىلىنىپ، خادىملار قوشۇنى، مەبلەغ بايلىقى، سۇپا ۋاسىتىسى، تۈر پائالىيىتى تېخىمۇ ياخشى بىرىكتۈرۈلۈپ، شەكىل، ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىلىپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم بەرپا قىلىنىپ، دېھقانلار ئاممىسى ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرى ھەقىقىي ھەل قىلىنىپ، تەرەققىيات، خەلق تۇرمۇشى ۋە مەنىۋى جەھەتلەردىكى كەمتۈكلۈكلەر تېزدىن تولۇقلىنىپ، يۈزمىليونلىغان دېھقان تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىنىپ، شەكىلۋازلىق ۋە «ئوبراز قۇرۇلۇشى»دىن ساقلىنىلىپ، يېزىلاردىكى كەڭ ئامما ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشقا پائال ئاتلىنىشقا تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك سەپەرۋەر قىلىنىدۇ ۋە رىغبەتلەندۈرۈلىدۇ.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى مەركەز قىلىپ، نەزەرىيەنى يېزىلارغا يەتكۈزۈپ، يېزىلاردىكى كادىرلار، ئاممىنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئاساسىي كۆز قاراشنى ئىگىلەش، يادرولۇق ئىدىيە ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى ئۆزلەشتۈرۈشكە تەشكىللەپ، سىياسىي جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ئىدىيە جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ھېسسىيات جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. كەڭ يېزىلاردا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ۋە جۇڭگو ئارزۇسى تەشۋىقات- تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەنتەنىلىك تەبرىكلەشنى پۇرسەت بىلىپ، ئاممىۋى خاراكتېرلىك ئاساسىي تېمىلىق تەشۋىقات- تەربىيە پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىدىيەدە يەنىمۇ ئازاد بولۇپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك يېزا ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغىتىش كېرەك. يېڭى دەۋر مەدەنىيلىك ئەمەلىيەت مەركىزى قۇرۇلۇشىنى باشلامچى قىلىپ مەدەنىيلىكنى يېزىلارغا يەتكۈزۈپ، «يېڭى دەۋر مەدەنىيلىك ئەمەلىيەت مەركىزى قۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋر مەدەنىيلىك ئەمەلىيەت مەركىزى قۇرۇلۇشىنى ئۇللۇق، ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە قىلىپ، ناھىيە دەرىجىلىكتىكىلەرنىڭ سۇبيېكتلىق رولى ۋە تۈگۈنلۈك فۇنكسىيەسىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، پىدائىيلارنى ئاساسىي كۈچ، پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى ئاساسىي پائالىيەت شەكلى قىلىپ، ئىلغار ئىدىيە، كۆز قاراش ئارقىلىق يېزا ئىدىيە، مەدەنىيەت بازىسىنى ئىگىلەپ، ئاممىنىڭ مەنىۋى كۈچىنى تېخىمۇ ياخشى كۈچەيتىش كېرەك. خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ مۇلازىمەتنى يېزىلارغا يەتكۈزۈپ، ئامما قاتنىشىشنى خالايدىغان، قاتنىشىشقا قولاي مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، «بىزنىڭ بايرىمىمىز» ئاساسىي تېمىلىق پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ كېڭەيتىپ، يېزا پەن- تېخنىكا مۇلازىمىتى ۋە پەننى ئومۇملاشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇشنىڭ دەل توغرىلىقىنى ئۆستۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ پەن- تېخنىكا ئېڭى، پەن- تېخنىكا ئارقىلىق بېيىش قابىلىيىتى ۋە ئىلىم- پەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ساغلام يېزا- كەنت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، يېزىلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، داۋالاش بايلىقىنىڭ يېزىلارغا يۆتكىلىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. قوشۇن مېخانىزمى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ئىختىساسلىقلارنىڭ تۆۋەنگە چۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، «كەڭ زېمىندا زور نەتىجە يارىتىش» سىمفونىيەسىنى ياڭرىتىپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئېڭىنى ئويغىتىپ، ھەردەرىجىلىك تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنى يېزىلارغا يۆتكىلىشكە يېتەكلەپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىگە پائال ئاتلىنىپ، دائىملاشقان، تۈزۈملەشكەن خىزمەت ئەندىزىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، «ئۈچنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش» پائالىيىتىنىڭ دائىم يېزىلارغا يەتكۈزۈلۈشىگە، دائىم يېزىلاردا قانات يايدۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: جايلار، تارماقلار يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، «ئۈچنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنىڭ كۈچلۈك تۇتقىسى ۋە كونكرېت تەدبىرى قىلىپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، سېلىنما سالمىقىنى زورايتىپ، كۆڭۈل قويۇپ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىشى كېرەك. يېڭى يىل، چاغان مەزگىلىدىكى مەركەزلىك مۇلازىمەت قىلىش پائالىيىتىنى ئەستايىدىل تەشكىللەپ، كەڭ دېھقانلار ئاممىسىنىڭ خۇشال- خۇرام، تىنچ- ئامان بايرام ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. «ئۈچنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش» پائالىيىتىنى تەشۋىق قىلىش، خەۋەر قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، جايلار، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئۇسۇلى ۋە جانلىق تەجرىبىلىرىنى ۋاقتىدا خۇلاسىلەپ كېڭەيتىپ، يېزىلاردىكى كادىرلار، ئاممىنىڭ يېڭى قىياپىتى، يېڭى ھالىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە زور كۈچ بىلەن ياخشى كەيپىيات يارىتىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى