تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىدە ئاتاكىغا ئۆتۈپ ئۈلگە بولىمەن

  لوپ ناھىيەسى ناۋا يېزىلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، يېزا باشلىقى ئابلاجان تۇرسۇن

  شىنجاڭ ۋەتىنىمىز زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، مىللەتلەر بۇ بىپايان مۇنبەت تۇپراقتا ئېجىل- ئىناق ئۆتۈپ، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ئىناق تەرەققىي قىلدى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، شەھەرنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى، ئىجتىمائىي ئومۇمىي ۋەزىيەت ئىناق، مۇقىم بولدى.

  «ئۈچ خىل كۈچ» ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى، مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئېتىبارسىز قاراپ، دۆلەت قانۇنىنى خالىغانچە دەپسەندە قىلىپ، قەستەن زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، بىزنىڭ نورمال ئىجتىمائىي تەرتىپىمىز ۋە تەرەققىيات مۇھىتىمىزنى ئېغىر قالايمىقانلاشتۇرۇپ، بىزنىڭ بەختلىك، تىنچ تۇرمۇشىمىزغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ جەمئىيەتكە، ئىنسانىيەتكە، مەدەنىيلىككە قارشى تۇرۇپ، داۋالغۇش پەيدا قىلىدىغان، دۆلەتنى پارچىلايدىغان رەزىل غەرىزىنى تولۇق ئاشكارىلىدى.

  پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى، تەربىيەسىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ھەر ۋاقىت يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بولغان ئالاھىدە غەمخورلۇقى ۋە چوڭقۇر كۆيۈنۈشىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، دىققىتىمنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا زىچ مەركەزلەشتۈرۈپ، سىياسىي ئېتىقادىم ۋە سىياسىي ئىرادەمنى چىڭىتىپ، ساقلانغان مەسىلىلەرنى ئىدىيەمنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن تەكشۈرۈپ ۋە ئۇنىڭغا توغرا قاراپ، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرىمەن. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەۋزەللىكىم ۋە رولۇمنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىدە زەربىدار، ئۈلگە بولۇپ، ئەمەلىيىتىم ئارقىلىق ئۈلگە بولۇپ، كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى دادىل ئېچىپ تاشلاپ، پاش قىلىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي تىغمۇتىغ كۈرەش قىلىپ، زوراۋان- تېررورچى ئۇنسۇرلارنىڭ ھەيۋىسىنى قەتئىي يەرگە ئۇرۇپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈشنىڭ باشلامچىسى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشنىڭ ئىلگىرى سۈرگۈچىسى، ئىدېئولوگىيە ساھەسى بىخەتەرلىكىنىڭ قوغدىغۇچىسى بولۇپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا ئىجتىمائىي ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى قوغدايمەن.

  «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر شىنجاڭنىڭ باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان زەھەرلىك ئۆسمە، دۆلەتنىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان مەنبە، جەزمەن قاتتىق قول بولۇپ، ئېغىر زەربە بېرىپ، بۇ زىيانداشلارنى، مۇناپىقلارنى قىلچە رەھىم قىلماي قەتئىي تارتىپ چىقىشىمىز، يوقىتىشىمىز كېرەك. لېكىن «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ ئېزىقتۇرۇشى، ئالدامچىلىقى ناھايىتى كۈچلۈك، شۇ سەۋەبتىن ئۇلارنىڭ خەۋپى، خەتىرىمۇ ناھايىتى زور. پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، جەزمەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسىغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، مۇقىملىقنى قوغداشتا مۇناسىۋەتسىز رايون، مۇناسىۋەتسىز ئورۇن، مۇناسىۋەتسىز كىشى يوق، دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئاڭ»نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، سىڭدۈرمىچىلىككە قارشى تۇرۇش قاتارلىق مۇھىم، زور مەسىلىلەردە ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قەدەمنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش «بىرىكمە مۇشت» تەدبىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىن ئىبارەت بۇ مەيدان قاتتىق جەڭدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، ياماننى تەلتۆكۈس يوقىتىش، يىلتىزىدىن قۇرۇتۇش، ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىش، ھەقىقىي تۇتۇپ نوچىلارغا تېگىش قىلىش ئىشەنچىسى ۋە ئىرادىسى بىلەن باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىمەن. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشى سىنىقى ئالدىدا، مەڭگۈ كوممۇنىستلارغا خاس مۇستەھكەم ئېتىقاد ۋە كۈچلۈك ئىرادە بىلەن، بايرىقىم روشەن ھالدا ئورنۇمدىن دەس تۇرۇپ، ياخشى باشلامچى بولۇپ، ئاتاكىغا ئۆتۈپ، ئۈلگە بولۇپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى شەمشەرنى قىنىدىن چىقىرىپ جەڭ ئېلان قىلىمەن.

  تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ پولات سېپىلىنى مۇستەھكەملەپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش جېڭىدە غەلىبە قىلىمەن. «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقۇمنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھاياتىمنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇرىمەن. باشتىن- ئاخىر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈندىلىك تۇرمۇش، خىزمەت، ئۆگىنىشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئامما ئارىسىغا باشلامچىلىق بىلەن چوڭقۇر چۆكۈپ، قوشماقلىشىپ، تۇغقانلىشىپ، دوستلىشىپ، ھەر مىللەت ئامما بىلەن ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، ئۇرۇق- تۇغقاندەك يېقىن ئۆتۈپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەش خىزمىتىنى مۇھىم خىزمەت سۈپىتىدە چىڭ تۇتىمەن، ئەمەلىي تۇتىمەن، ياخشى تۇتىمەن، ئۈنۈملۈك تۇتىمەن.

  جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ ئاساسىي قاتلىمىدىكى پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بولۇپمۇ قانۇن- نىزاملار، دۆلەتنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىش قاتارلىق تەرەپلەردە تېخىمۇ ئاكتىپ رولۇمنى جارى قىلدۇرىمەن. مەن چوڭ تەشۋىقاتنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرۇپ، تەشۋىقاتچىلىق مەسئۇلىيىتىمنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممەمگە ئېلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى پائال تەشۋىق قىلىمەن، پارتىيەنىڭ مىللەت، دىن سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىمەن، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلگە پايدا يەتكۈزۈش، خەلقنى بېيىتىش سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىمەن. بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەشۋىق- تەربىيەسىنى مەردانىلىك بىلەن قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى كۆزىنى روشەنلەشتۈرۈپ، ھەق- ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە قىلغان غەمخورلۇقىغا چىن كۆڭلىدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، ئىتتىپاق- ئىناق، ئاۋات- باي، مەدەنىي- ئالغا باسقان، خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭنى ئورتاق قۇرۇشقا يېتەكلەيمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى