تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان دۈشمەنلەرگە جەڭ ئېلان قىلىمەن

  بورتالا شەھەرلىك 2- يەسلىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پەزىلەت شىرئەلى

  ئىلگىرى ئۇيغۇرلار تىلغا ئېلىنسا، كۆپچىلىك دەرھال يەلپۈنۈپ تۇرغان سۇمبۇل چاچ، كۆركەم ئەتلەس، ناخشا- ئۇسسۇلغا ماھىر ئەر- ئايال، چوڭ- كىچىكلەرنى ئەسكە ئالاتتى، شۇ چاغلاردىكى بىز ئۆزىمىزگە بەكمۇ ئىشىنەتتۇق، شۇ چاغلاردىكى بىز ئۆزىمىزدىن بەكمۇ پەخىرلىنەتتۇق. ھالبۇكى، «ئۈچ خىل كۈچ» دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلدى، ئۇ زوراۋانلارنىڭ ۋاسىتىسى ئىنتايىن قەبىھ بولۇپ، كىشىنى قاتتىق غەزەپلەندۈرىدۇ، ئۇلار ھەر مىللەت ئاممىغا ئىنتايىن زور زىيان يەتكۈزدى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئوبرازىغا قارا سۈركىدى. «ئۈچ خىل كۈچ» ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، بىز ئۆزىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز دەپ كارىمىز بولمايدىغان ئىشنى ھەرگىز قىلماسلىقىمىز كېرەك، بىزنىڭ سۈكۈت قىلغانلىقىمىز ۋەتەنگە، خەلققە، ئائىلىمىزدىكىلەرگە قىلغان مەسئۇلىيەتسىزلىكتۇر.

  كادىرلار قوشۇنىدىكى «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ تۈرلۈك ئامال- چارىلەرنى قوللىنىپ «ئىككى پان» ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىكنى تەرغىب قىلىپ، كادىرلار، ئاممىنى، بولۇپمۇ ياش- ئۆسمۈر ئوقۇغۇچىلارنى چىرىتكەنلىكى، زەھەرلىگەنلىكى كىشىنى ئازابلايدۇ، كىشىنى غەزەپلەندۈرىدۇ. «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ تونىغا ئورىنىۋېلىپ، ئاستىرتىن ۋەتەننى پارچىلايدىغان جىنايى قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللاندى، ئۇلار كادىرلار قوشۇنىدىكى زەھەرلىك ئۆسمە. «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر «ئۈچ خىل كۈچ» بىلەن ئېغىز- بۇرۇن يالىشىپ، تىل بىرىكتۈردى، «ئۈچ خىل كۈچ» ئوچۇق- ئاشكارا ئوت قۇيرۇقلۇق قىلىپ، ۋەقە تۇغدۇرسا، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر پەردە ئارقىسىدا پىلانلاپ قوماندانلىق قىلىپ، يامانغا يانتاياق بولۇپ خورىكىنى ئۆستۈردى. پاكىت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر يوقىتىلمىسا، شىنجاڭدا مەڭگۈ ئەمىنلىك بولمايدۇ.

  ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلارنى كىچىكىدىن باشلاپ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداشقا تەربىيەلەيمەن. ئىشنى ئۆزۈمدىن باشلاپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى مەسئۇلىيىتى، بۇرچىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممەمگە ئېلىپ، ئالدىدا بىر خىل، ئارقىدا بىر خىل بولىدىغان، كۆرۈنۈشتە ئىتائەت قىلغان بولۇپ، ئاستىرتىن خىلاپلىق قىلىدىغان ئاشۇ «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى پەرقلەندۈرۈشكە ماھىر بولىمەن. «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ ئەكسىيەتچىل ماھىيىتىنى ئېنىق تونۇپ، ئۇلارنىڭ جىنايى ئەپت- بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلاپ، ئۇلارنىڭ تارىخنى بۇرمىلاپ پەيدا قىلغان يالغانچىلىقلىرى، بىمەنە سەپسەتىلىرىنى تەلتۆكۈس ئېچىپ تاشلاپ، ئاڭلىق ھالدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىگە ئاتلىنىمەن. پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ بىزگە قىلغان غەمخورلۇقى ۋە تۈرلۈك ئېتىبار سىياسەتلىرىنى ئەتراپىمدىكىلەرگە سۆزلەپ بېرىمەن، ئەتراپىمدىكى ھەربىر كىشىنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىدىغان، ۋەتەنگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىدىغان قەلب بىلەن، ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرۇشقا يېتەكلەيمەن.

  ئەۋزەللىكىمنى جارى قىلدۇرۇپ ئاكتىپ كۈچ تارقىتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان دۈشمەنلەرگە قەتئىي جەڭ ئېلان قىلىمەن. ئۆگىنىشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئارقىلىق كاللامنى قوراللاندۇرۇپ، ۋەتەننى قىزغىن سۆيىدىغان، يۇرتنى قىزغىن سۆيىدىغان ھەر مىللەت ئوغۇل- قىزلار بىلەن بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي ئاداققىچە كۈرەش قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى