تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى» بولدى

بۇ يىل شىنجاڭ بويىچە 842 مىڭ 300 ئائىلە قېتىم دېھقان نەپكە ئېرىشتى

  مۇخبىرىمىز خې لىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز گۈلمىرە مۇسا خەۋەر قىلىدۇ: 12- ئاينىڭ 10- كۈنى، جىمىسار ناھىيەسى چۈەنزىگەي بازىرى شياۋشىگوۋ كەنتىنىڭ ئاھالىسى سۇ سۈنمىڭ ئالدىراش بولۇپ كەتتى. ئۇ، كېلەر يىللىق تېرىقچىلىق پىلانى تۈزۈش، مەھەللىۋى ئوغۇت تەييارلاش، شۇنداقلا سۇغۇرتا شىركىتى بىلەن ئالاقىلىشىپ، كۈزگى بۇغداي ئۈچۈن يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى سېتىۋېلىش بىلەن ئالدىراش ئىدى.

  «بۇ يىل، تېرىغان 20 مو بۇغدىيىم كەلكۈن، بوران ئاپىتىگە ئۇچراپ، زىيان ئېغىر بولدى، ھېلىمۇ ياخشى بۇغداينىڭ ھەممىسىنى يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرغانىدىم، سۇغۇرتا شىركىتى 4000 يۈەندىن كۆپرەك تۆلەم بەردى». سۇ سۈنمىڭ مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن، زىرائەت سۇغۇرتىسىنى داۋاملىق سېتىۋالىمەن، بۇنداق بولغاندا تەبىئىي ئاپەتنىڭ بىر يىللىق ھوسۇلغا تەسىركۆرسىتىشىدىن ئەنسىرىمەيمىز.

  تۇنجى تۈركۈمدىكى يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان ئۆلكە، رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاپتونوم رايونىمىز يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى 2007- يىلى قانات يايدۇرغاندىن بۇيان، كەسىپ مۇقىم ئاشتى، بۇ يىلىلا شىنجاڭ بويىچە 842 مىڭ 300 ئائىلە قېتىم دېھقان يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسىنىڭ پايدىسىدىن مەنپەئەتلەندى.

  يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى سىياسەت سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىياسەت خاراكتېرلىك يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، باغۋەنچىلىك، چارۋىچىلىق، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق يەرلىك خاسلىققا ئىگە يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلەتتى، بۇ سىياسەتلەر يولغا قويۇلۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز دېھقانلىرىغا «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى» بولدى.

  يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى يەنە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ سۇغۇرتا كەسپى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئېغىر نامرات رايونلارنى نۇقتىلىق مۇلازىمەت رايونى قىلىپ، ئالاقىدار يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى كەسىپلىرىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، تىرىشىپ خاس يېزا ئىگىلىكىنى ئۈنۈملۈك خېيىم- خەتەر كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى. شىنجاڭ سۇغۇرتا كەسپى جەمئىيىتى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 10- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭ بويىچە باغۋەنچىلىك سۇغۇرتىسى 577 مىڭ 300 مو يەرنى سۇغۇرتىلىغان، قوي سۇغۇرتىسى 350 مىڭ 500 تۇياق قوينى سۇغۇرتىلىغان، نامراتلارنى يۆلەش ئېشىكى سۇغۇرتىسى 36 مىڭ 300 تۇياق ئېشەكنى سۇغۇرتىلىغان.

  بۈگۈر ناھىيەسىنىڭ باغۋەنچىلىك مەيدانىدىكى دېھقان ليۇ شياۋگو باغۋەنچىلىك سۇغۇرتىسىدىن نەپ ئالغۇچىلارنىڭ بىرى. بۇ يىل ئەتىيازدا تۇيۇقسىز چۈشكەن قىروۋدا ليۇ شياۋگونىڭ 37 مو نەشپۈتلۈكىگە ئۈششۈك تېگىپ، ھوسۇلى يىللاردىكى 80 توننىدىن 30 توننىغا كېمىيىپ، زىيان ئېغىر بولدى.

  «ھېلىمۇ ياخشى يېزا كادىرلىرىنىڭ تەكلىپىنى ئاڭلاپ، 37 مو نەشپۈتلۈكنىڭ ھەممىسىنى ئالدىن سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇپتىكەنمەن، ھەر مو يەرگە 370 يۈەن تۆلەم بەردى، ئەگەر بۇ سۇغۇرتا بولمىغان بولسا، چوقۇم زىيان تارتاتتىم.» ليۇ شياۋگو خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «باغۋەنچىلىك سۇغۇرتىسىدىن ئىبارەت بۇ دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى يولغا قويۇلۇپ، يېزا ئىگىلىك خەۋپ- خەتىرىنى ئازايتتى، بىز دېھقانلارنى كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.»

  سىياسەت خاراكتېرلىك سۇغۇرتىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىش ئاساسىدا، ئاپتونوم رايونىمىز كاپالەت تۈرى ۋە سۇغۇرتىلاش ئۇسۇلىنى ئۈزلۈكسىز كۆپەيتتى، نۆۋەتتە، يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسىنىڭ كاپالەت تۈرى مەركەز مالىيەسى تولۇقلىما بېرىدىغان ئاشلىق، كېۋەز، ياغلىق دان قاتارلىقلاردىن تەدرىجىي ھالدا ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى، خاس باغۋەنچىلىك، رايون خاسلىقىغا ئىگە يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق ساھەلەرگە كېڭەيدى.

  شىنجاڭ سۇغۇرتا كەسپى جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى جوۋ لىڭ مۇنداق بىلدۈردى: كېيىنكى قەدەمدە، شىنجاڭ سۇغۇرتا كەسپى مەھسۇلاتتا يېڭىلىق يارىتىشنى داۋاملىق زورايتىپ، كېۋەز، ئۈچ چوڭ ئاشلىق زىرائىتى ۋە يەرلىك خاسلىققا ئىگە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، تولۇق تەننەرخ سۇغۇرتىسى ۋە كىرىم سۇغۇرتىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسىنىڭ خېيىم- خەتەر كاپالىتى ساھەسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسىنىڭ يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى