تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئاچتى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ يىغىنى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 11- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە، پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى

  شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىش كېرەك

  چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  مۇخبىرىمىز ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 12- ئاينىڭ 15- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ يىغىنى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 11- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە، پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرىنى مۇزاكىرە قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ يىغىنىدا ۋە پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ،«تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇپ، پۇل مۇئامىلىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇپ، سېلىنمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ياخشى يولغا قويۇپ، ساياھەتچىلىكنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ساقلاش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە مۇتلەق غەلىبە قولغا كەلتۈرۈلدى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا مۇھىم، زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ھېچقانداق ئالاھىدە ئىمتىياز بولماسلىق ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بىر قولدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۇتۇش، بىر قولدا پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش بېسىمىنى داۋاملىق ھېس قىلدۇرۇپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە يارىتىش؛ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت خاھىش»، «تۆت كەيپىيات»نى قەتئىي بوشاشماي تۈزەپ، «ئوننى قىلىش، ئوننى قەتئىي مەنئى قىلىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش؛ رېۋىزىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مېخانىزمى، ئۈنۈملۈك بولغان ھوقۇق چەكلەش مېخانىزمى، قاتتىق بولغان مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان چۆچۈتۈش ھالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، چىرىكلىشەلمەيدىغان قەپەسنى پۇختىلاش، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان ئاڭلىقلىقنى كۈچەيتىش؛ قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە پولات قوشۇنى بەرپا قىلىپ، تىرىشىپ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى خاتىرجەم قىلىدىغان، خەلق ئاممىسىنى رازى قىلىدىغان نەمۇنىلىك ئورگان قۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «<جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى تۆھپە قوشقان، شەرەپ كەلتۈرگەنلەرنى تەقدىرلەش نىزامى>نى يولغا قويۇش چارىسى»، «<جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئىشلىرىنى ئاشكارىلاش نىزامى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)>نى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى» قاراپ چىقىلدى. يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى تۆھپە قوشقان، شەرەپ كەلتۈرگەنلەرنى تەقدىرلەش نىزامى» ھەم ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يولغا قويۇش چارىسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىر تۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، تۆھپە- نەتىجە يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تۆھپە قوشقان، شەرەپ كەلتۈرگەنلەرنى تەقدىرلەشنىڭ مەنىۋى يېتەكچىلىك ۋە تىپىك ئۈلگىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى ۋە پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماسلىققا، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشقا، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە، ئىلغار- نەمۇنىچىلاردىن بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىجادچانلىقى، ئۇيۇشۇشچانلىقى، جەڭگىۋارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئەخلاقلىق كىشىلەردىن ئۆگىنىدىغان، قەھرىمانلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، ئاۋانگارتلاردىن بولىدىغان ياخشى كەيپىيات شەكىللەندۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك. يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە ئىشلىرىنى ئاشكارىلاشنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپىنى پۇختا ئىگىلەپ، توغرا يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاكتىپ، پۇختا بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇنغا ئاساسلىنىش، قائىدىگە ئاساسلىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئىشلىرىنى ئاشكارىلاشنى يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە قويۇپ پىلانلاپ ۋە ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش تەلىپىنى پارتىيە ئىشلىرىنى ئاشكارىلاشنىڭ پۈتۈن جەريانى ۋە ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە پارتىيە ئىشلىرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتىنى تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا ھەقىقىي ياخشى مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.

  يىغىندا «2018- يىلىدىن 2022- يىلىغىچە بولغان ئاپتونوم رايوننىڭ كادىرلار تەلىم - تەربىيە يىرىك پىلانى» قاراپ چىقىلدى. يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: كادىرلار تەلىم - تەربىيە يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى بىر چوڭ ئىش سۈپىتىدە تۇتۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشى ئومۇمىي تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، غايە- ئېتىقاد تەربىيەسىنى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنى «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك. كادىرلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش قانۇنىيىتى ۋە كادىرلارنىڭ تەلىم- تەربىيە قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، تەلىم- تەربىيەنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئۈنۈملۈكلىكىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ كەسپىي ئىقتىدارى ۋە كەسپىي روھىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قابىلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولغان يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن كادىرلار قوشۇنىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك تىرەك ۋە كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇزاكىرە قىلىندى.

  شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، جۇ خەيلۈن، لى پېڭشىن، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، جى جېڭ، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۈنلىن يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.