تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تىرىشىپ دەۋر ئاۋانگارتلىرىدىن بولىمەن

بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مۇئاۋىن ئوبلاست باشلىقى، بىڭتۈەن 5-شى قوشئەگىز شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن شىجاڭ ماخمۇتجان بارات

  نۆۋەتتە، شىنجاڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى «ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كەتكەن» ئالاھىدە تارىخىي مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ. مۇرەككەپ، كەسكىن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشى ۋەزىيىتى ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم چەكسىز ساداقىتى ۋە كۈچلۈك بۇرچ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش نىشاننىڭ يېتەكچىلىكىدە، ماھىيەتتىنمۇ، ھادىسىدىنمۇ تۈزەيدىغان بىر يۈرۈش «بىرىكمە مۇشت»نى ئاتتى، ئىككى يىلدىن ئارتۇق ئىنتايىن مۈشكۈل، مىسلىسىز كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشى مۇھىم، زور باسقۇچلۇق نەتىجىگە ئېرىشتى، پۈتۈن شىنجاڭدا ئومۇمىي ۋەزىيەت مۇقىم بولغان، ۋەزىيەت كونتروللۇقىمىزدا بولغان، ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەن ھالەت نامايان بولدى.

  مۇقىملىق پايدىسى سىجىل قويۇپ بېرىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى. شىنجاڭغا كېلىپ باققان نۇرغۇن كىشى بەس-بەستە ھاياجان بىلەن مۇنداق دېدى: ھازىر شىنجاڭ ئىنتايىن گۈزەل بولۇپلا قالماي، يەنە ئىنتايىن بىخەتەر، ئىنتايىن مۇقىم. مەيلى تىيانشاننىڭ جەنۇبى، شىمالىدا بولسۇن، كېچە-كۈندۈزدە بولسۇن، كىشىلەر خاتىرجەم سىرتقا چىقالايدىغان، مال سېتىۋالالايدىغان، جەم بولۇپ غىزالىنالايدىغان، ساياھەت قىلالايدىغان بولدى. بارلىق نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىدىكى تۈپ ئاساس−يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە سەمىمىي غەمخورلۇقىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدە. ئەمەلىيەت يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنىڭ دانا، توغرىلىقىنى تولۇق ئىسپاتلىدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ باش نىشاننى ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، «بىرىكمە مۇشت»نى ياخشى ئېتىشىنىڭ قەتئىي كۈچلۈك بولغانلىقىنى تولۇق ئىسپاتلىدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر ئاۋات-باي، ئىناق-مۇقىم بولۇشقا يۈزلەنگەن شىنجاڭنى كۆرۈشنى خالىمىدى، ئۇلار «مىللەت» «دىن» تونىغا ئورىنىۋېلىپ، شىنجاڭ تارىخىنى بۇرمىلاپ، ئۆزگەرتىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ۋە «ئىككى پان» ئىدىيەسىنى ھە دەپ تەرغىب قىلىپ، ئاشۇ خاتا، ئەكسىيەتچىل ئىدىيەلەر ئارقىلىق ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىدىن ئايرىپ چىقىپ، مىللىي ھېسسىياتنى جۇڭخۇا مىللىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش بىلەن قارشىلاشتۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ۋەتەننى پارچىلاش جىنايى غەرىزىنى ئاتالمىش نەزەرىيەۋى ئاساس بىلەن تەمىنلەپ، ۋەتەننى پارچىلاش مەقسىتىگە يېتىشكە تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى. بۇ كىشىلەر قارىماققا مىللەتنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداۋاتقاندەك كۆرۈنسىمۇ، ماھىيەتتە ئۆزلىرىنىڭ ناتوغرا قارىشىنى ئۇيغۇرلارغا چېتىپ، تېڭىپ، ئىدىيەمىزنى قاشاڭلاشتۇرۇپ، پىكىر يولىمىزنى قاتماللاشتۇرۇپ، ئۆسۈپ يېتىلىشىمىزگە توسقۇنلۇق قىلىپ، بىزنى ئۆز-ئۆزىمىزنى بېكىندۈرۈش، ئۆز-ئۆزىمىزنى ۋەيران قىلىش گىردابىغا باشلاشقا ئۇرۇندى.

  يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، ئەھۋالنى كۆزىتىپ ۋەزىيەتنى مۆلچەرلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم شەمشەرنى سۇغىرىپ ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش روھى، ئېگىلمەس- سۇنماس قەيسەر ئىرادە، سۆڭەكنى قىرىپ كېسەلنى داۋالاشتەك جاسارەت بىلەن پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى كۆزلەپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تاش- تۆمۈردە ئىز قالدۇرغۇدەك بىر قاتار تەدبىرلەرنىڭ چوڭقۇر يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولدى. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ئۆسۈپ كەتكەن نوخلىسى يەرگە ئۇرۇلدى، كومپارتىيەنىڭ تامىقىنى يەپ، كومپارتىيەنىڭ قازىنىنى چاققان «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر تازىلىۋېتىلدى، بولۇپمۇ مۇھىم تارماقلارنى ئىگىلىۋالغان، چوڭقۇر يوشۇرۇنۇۋالغان، خەۋپى ئىنتايىن زور بولغان بىر تۈركۈم مىللىي مۇناپىقلار قانۇننىڭ جازاسىغا تارتىلدى. زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش بىلەن بىللە، مەنبەدىن تۈزەش ئىجادىي قانات يايدۇرۇلۇپ، كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيەسىدىن ئىبارەت بۇ ھەقىقىي ئۈنۈملۈك تەدبىر ئارقىلىق، بىر تۈركۈم دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ چىرىتىشىگە ئۇچرىغان ئامما، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكىتى، ئەسەبىزم ھەرىكىتىگە قاتنىشىش قىلمىشى يېنىك بولغانلار قۇتقۇزۇۋېلىنىپ قايتۇرۇپ كېلىندى. تارىخ يەنە شۇنى داۋاملىق ئىسپاتلايدۇكى، پەقەت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدىلا، پەقەت ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىدىلا، ئۇيغۇرلار شانلىق ئىستىقبال ۋە گۈزەل كەلگۈسىگە ئىگە بولالايدۇ.

  سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك. بىز ھەربىرىمىز ۋەتەننى ئانىمىزنى سۆيگەندەك سۆيۈپ، قەتئىي ۋەتەنپەرۋەر بولۇپ، ئۇلۇغ پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشىمىز، ئۇلۇغ ۋەتەنگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشىمىز كېرەك. سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىشنى باش ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، باشتىن- ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، سادىقلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

  ئويلىنىش، خاتالىقى ئۈستىدە ئويلىنىش بىر ئادەم، بىر مىللەتنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ يېتىلىشى، ئىلگىرىلىشى، تەرەققىي قىلىشىنىڭ قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسى. ئەگەر بىر مىللەت ئىدىيەدە ئازاد بولمىسا، ئەگەر بىر مىللەت ئىلىم- پەن ئۆگەنمىسە، ئەگەر بىر مىللەت ئىلگىرىلەشنى ئويلىمىسا، ھازىرقى ھالىتىدىن قانائەتلەنسە، دائىم نادانلىق ۋە بىلىمسىزلىككە پېتىپ قالسا، ھەق-ناھەقنى ئايرىيالمىسا، كەلگۈسىنى ئويلىمىسا، ئۇنداقتا بۇ مىللەتنىڭ ئۈمىدىدىن قانداقمۇ ئېغىز ئاچقىلى بولسۇن؟ شۇڭا، ئۇيغۇر مىللىتى چوقۇم ئۆزى ئۈستىدە بىر مەيدان بوران- چاپقۇنلۇق ئىدىيەۋى ئىنقىلاب قىلىدىغان مۇھىم ئۆتكەلگە يېتىپ كەلدى، قارىغۇلارچە مىللىي ھېسسىيات بىلەن كاللىنى چۈشەپ قويۇشقا ئەمدى قەتئىي بولمايدۇ. بىز ھەربىر پارتىيەلىك كادىر، بولۇپمۇ ئۇيغۇر پارتىيەلىك كادىرلار باتۇرلۇق بىلەن ئىدىيەدە ئازاد بولۇشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىگە ئاتلىنىپ، ئىدىيەنى چۈشەپ قويىدىغان كىشەننى پاچاقلاپ تاشلاشنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ساداسىنى باشلامچىلىق بىلەن ياڭرىتىشىمىز كېرەك.

  مەن ئۇيغۇر، شۇنداقلا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بىر ئەزاسى، مەن ئۆزۈمنىڭ جۇڭگولۇق ئىكەنلىكىمدىن چەكسىز پەخىرلىنىمەن. مەن مىليونلىغان جۇڭخۇا ئوغۇل- قىزلىرىغا ئوخشاش پارتىيەنى، ۋەتەننى سۆيىدىغان قەلبكە ئىگە. كومپارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن قەتئىي ھالدا ماركسىزمنى ئۆمۈرلۈك ئېتىقادىم قىلىپ، باشتىن- ئاخىر پارتىيەگە سادىق بولۇپ، ۋەتەنگە سادىق بولۇپ، خەلققە سادىق بولۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى كۈرەش قىلىش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە، بايرىقىمنى روشەن، مەيدانىمنى مۇستەھكەم، پوزىتسىيەمنى قەتئىي، ئىچىم بىلەن تېشىمنى بىردەك قىلىپ، باشلامچىلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، داۋاملىق دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى يوقالمىغىچە دادىل ئوتتۇرىغا چىقىشنى توختاتمايمەن، «ئۈچ خىل كۈچ» ھالاك بولمىغىچە شەمشەرنى غىلاپقا سالمايمەن. باشلامچىلىق بىلەن قاتمال ئىدىيە ئىسكەنجىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، شىنجاڭنىڭ «تۆت تارىخ»ىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، نەزەرىيەۋى ساپايىم، كۈرەش قىلىش روھىم ۋە جەڭ قىلىش سەۋىيەمنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمەن، كونا ئىدىيەلەرنى تەنقىد قىلغاندا ۋە ئۇلارغا رەددىيە بەرگەندە سۆزنى ئېنىق سۆزلەپ، قايىل قىلارلىق سۆزلەپ، توغرا بولغان شىنجاڭنىڭ «تۆت تارىخ»ى ۋە ماركسىزملىق «بەش قاراش» ئارقىلىق تار مىللەتچىلىكنىڭ يالغانچىلىقلىرى، سەپسەتىلىرىگە رەددىيە بېرىپ، گۇمانلىنىشقا بولمايدىغان پاكىت ئارقىلىق «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ئەكسىيەتچىل ماھىيىتى ۋە جىنايى سۇيىقەستىنى ئېچىپ تاشلاپ، روشەن مەيدانىم ۋە قەتئىي پوزىتسىيەم ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنى كۆزىنى روشەنلەشتۈرۈشكە، ھەق-ناھەقنى ئېنىق ئايرىشقا يېتەكلەيمەن. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى باشلامچىلىق بىلەن قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھاياتىنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى قەلبىگە سىڭدۈرۈش، ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇشقا يېتەكلەيمەن. باشلامچىلىق بىلەن مائارىپ قارىشىنى ئۆزگەرتىپ، تەربىيەلەش ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ، بالىلاردىن باشلاپ تۇتۇپ، مەكتەپتىن باشلاپ تۇتۇپ، دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى پائال كېڭەيتىپ، ئومۇملاشتۇرۇپ، قېلىپلاشتۇرۇپ، ئىشلىتىپ، زامانىۋى پەن- مەدەنىيەت بىلىملىرىنى زور كۈچ بىلەن تارقىتىپ، ئىلىم-پەنگە ھۆرمەت قىلىپ، نادانلىقنى رەت قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ھەر مىللەت ئامما، بولۇپمۇ ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ مەدەنىي، زامانىۋى، دەۋر تەرەققىياتىغا ماسلاشقان كىشىلەردىن بولۇشىغا تەسىر كۆرسىتىمەن ۋە تۈرتكە بولىمەن.

  ئۆتكۈر شەمشەر غىلاپتىن سۇغىرىلدى، ھەققانىيەت مۇقەررەر رەزىللىك ئۈستىدىن غالىب كېلىدۇ. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش «بىرىكمە مۇشت» تەدبىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە مىننەتدار قەلبنى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ئىشەنچىمىزنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇپ، قەتئىي، تەلتۆكۈس ھالدا، بار كۈچىمىز بىلەن «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى ئاداققىچە ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق پارتىيەگە، دۆلەتكە ئۆزىمىزنى بېغىشلاپ، پارتىيەگە، دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ چوڭقۇرلاپ راۋاجلىنىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالايلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى