تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

دۆلەت رېۋىزىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، قېلىپلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك

شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 11-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە مۇنداق تەكىتلىدى:

دۆلەت رېۋىزىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، قېلىپلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12-ئاينىڭ 14-كۈنى تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن كېيىن دۆلەت رېۋىزىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا 11-قېتىم كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا پارتىيەنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش تۈزۈلمىسى ۋە دۆلەت رېۋىزىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىنتىزام ئىجرا قىلىش، قانۇن ئىجرا قىلىشنى ماسلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەدلىيەگە ئۈنۈملۈك ئۇدۇللاشتۇرۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، قېلىپلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشنى مۇھىم تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

  مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى قانۇن- نىزام ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ما سېنشۇ بۇ مەسىلە توغرىسىدا چۈشەندۈرۈش بەردى ھەم پىكىر-تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار چۈشەندۈرۈشنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ھەم ئالاقىدار مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى.

  شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش يېڭى ۋەزىيىتىگە قانداق ئۇيغۇنلىشىش توغرىسىدا ئىزچىل پىكىر يۈرگۈزۈپ ۋە پىلان تۈزۈپ، پارتىيە ئىچىدىكى ھەر جەھەتتىكى نازارەتچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىش بىلەن بىللە، رېۋىزىيە ئورگىنىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەت رېۋىزىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەت ھوقۇقىنى تۈزۈم قەپىزىگە سولىدى. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا مەركەزلىك بىر تۇتاش، نوپۇزلۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك دۆلەت رېۋىزىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنى تەشكىللەپ قۇرۇش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لايىھەسىنىڭ 1-ماددىسى قىلىندى، بۇنىڭ كۆزلەش نۇقتىسى پارتىيە بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، ئومۇميۈزلۈك قاپلايدىغان، نوپۇزلۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك نازارەتچىلىك سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك ئاساس قىلىنغان، باشقا نازارەتچىلىك ئۆزئارا ماسلاشقان رېۋىزىيە بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈشتىن ئىبارەت. دۆلەت رېۋىزىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىكى مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما، دۆلەتنىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم ئىسلاھات بولۇپ، ئىسلاھاتتا مۇھىم باسقۇچلۇق نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: دۆلەت رېۋىزىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى پارتىيەنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق، ھۆكۈمەت ھوقۇقىنى نازارەت قىلىش بىلەن تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پايدىلىق، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەشكە، كېڭەيتىشكە پايدىلىق. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى يېڭى تۈزۈلمىنىڭ ئىدارە قىلىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مۇشتنى چىڭ تۈگۈپ، قاتتىق زەربە بېرىپ، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان چۆچۈتۈش ئېففېكتىنى تولۇق نامايان قىلىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئېففېكتىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈردى. بىز ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىمىزنى ساقلاپ، ئىسلاھاتنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان چۆچۈتۈش ھالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، چىرىكلىشەلمەيدىغان قەپەزنى پۇختىلاپ، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان ئاڭلىقلىقنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۆلەت رېۋىزىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى ئەسلىي مەقسەت−ھۆكۈمەت ھوقۇقى ۋە دۆلەت خىزمەتچىلىرىنى نازارەت قىلىش بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى، ئۇنىڭ ئۈنۈملۈكلۈكىنى كۈچەيتىشنى كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، ھۆكۈمەت ھوقۇقىنىڭ يۈرگۈزۈلۈشىنىڭ قانۇنچىللىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ھوقۇق نازارەتچىلىكىدىكى ھەقىقىي بوشلۇق بەلبېغىنى يوقىتىپ، ھوقۇق يۈرگۈزۈشتىكى ئۆز بېشىمچىلىق قىلىش بوشلۇقىنى كىچىكلىتىپ، مۇكەممەل نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مېخانىزمى، ئۈنۈملۈك ھوقۇق چەكلىمىسى مېخانىزمى، كەسكىن مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىشتىن ئىبارەت. ھەر دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرى ۋە دۆلەت خىزمەتچىلىرىگە قولىدىكى ھوقۇقنى پارتىيە ۋە خەلقنىڭ بەرگەنلىكىنى، ھەر تەرەپتىن چەكلىمىگە ئۇچرايدىغانلىقى، تىزگىنلىنىدىغانلىقىنى، خىيالىغا كەلگەننى قىلىشقا، خالىغانچە ئىش قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېسىدە چىڭ ساقلىشى، ھوقۇقنى ئادىل يۈرگۈزۈشى، ھوقۇقنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشى، ھوقۇقنى پاك يۈرگۈزۈشى، ھوقۇقنى خەلق ئۈچۈن يۈرگۈزۈشى كېرەكلىكى توغرىسىدا تەربىيە بېرىش ۋە ئۇلارنى نازارەت قىلىش كېرەك. ھۆكۈمەت ھوقۇقىنى ئىگىلىگەن تارماق، تەشكىلات، شەخسلەرنىڭ قانۇنچىللىق تەپەككۇرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، قەتئىي ھالدا ئاساسىي قانۇن، قانۇنلار دائىرىسىدە پائالىيەت قىلىپ، ھەر قانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ قانۇندىن ھالقىغان ئىمتىيازى بولۇشىغا قەتئىي يول قويماسلىق كېرەك. ھۆكۈمەت ھوقۇقىنى نازارەت قىلىش، چەكلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەت ھوقۇقىنى ئىگىلىگەن تارماق، تەشكىلاتلارنىڭ ھوقۇقنى مۇۋاپىق پارچىلىشى، ھوقۇقنى ئىلمىي تەقسىملىشى، مەسئۇلىيەت ھوقۇق چەكلىمىسىنى چىڭىتىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ھوقۇق، مەسئۇلىيەت تىزىملىكى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاپپارات، فۇنكسىيە، ھوقۇق چەكلىمىسى، تەرتىپى، مەسئۇلىيىتىنى قانۇندا بەلگىلەشنى تېز ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ھۆكۈمەت ھوقۇقى يۈرگۈزىدىغان ھەر قايسى ھالقىلارنى كۆزدە تۇتۇپ، مەسىلىنى ۋاقتىدا بايقاشتىكى ئالدىنى ئېلىش مېخانىزمى، ئېغىشنى دەل جايىدا تۈزىتىشنىڭ ئوڭشاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاچقۇچلۇق كىشىلەرنى ياخشى باشقۇرۇش، ئاچقۇچلۇق ئورۇنغىچە باشقۇرۇش، ئاچقۇچلۇق ئىشنى باشقۇرۇش، ئاچقۇچلۇق ۋاقىتتا باشقۇرۇش، بولۇپمۇ بىرىنچى قول رەھبەرنى قاتتىق باشقۇرۇش، ياخشى باشقۇرۇش كېرەك. ئىنتىزام ئىجراسىنى نازارەت قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قانۇن بويىچە ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش، ھوقۇقنى ئادىل يۈرگۈزۈش، ھۆكۈمەت ئىشىدا، كەسىپتە پاك بولۇش ھەمدە ئەخلاق مىزانى قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بايقاپ ۋە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ھوقۇق يۈرگۈزۈش قائىدىسىنى تۇرغۇزۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھوقۇقنى نازارەت قىلىشتىكى مەقسەت−ھۆكۈمەت ھوقۇقىنى توغرا يۈرگۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىپ، كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىش، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت. ھەم ھوقۇقنى قالايمىقان ئىشلىتىش، ھوقۇقتىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىشتەك ۋەزىپىدە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش قىلمىشلىرىنى باشقۇرۇش، ھەم ھوقۇق ئىشلەتمەسلىك، ھوقۇق ئىشلىتىشتىن ۋاز كېچىشتەك ۋەزىپىدە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىق قىلمىشىنى باشقۇرۇپ، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش، قىلىدىغاننى قىلماسلىق، سۆرەلمىلىك قىلىش، ساختىلىق قىلىشنى تۈزەپ، دادىل مەسئۇل بولىدىغان، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىدىغان كادىرلارنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىپ، قارا چاپلىنىپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان كادىرلارنى ۋاقتىدا ئېنىقلاپ، يامانغا لەنەت ئوقۇپ، ياخشىغا مەدەت بېرىدىغان، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىدىغان ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيەنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نىشان يۆنىلىشى، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرىدىغان ئىسلاھات نىشانىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك. چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان چۆچۈتۈش ھالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، چىرىكلىكنى جازالاشنىڭ يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاپ، ئومۇميۈزلۈك قاتتىق بولۇشنىڭ كۈچلۈك سىگنالىنى ئۈزلۈكسىز تارقىتىش كېرەك. چىرىكلىشەلمەيدىغان قەپەزنى پۇختىلاپ، تۈزۈمگە تايىنىپ ھوقۇق باشقۇرۇش، ئىش باشقۇرۇش، ئادەم باشقۇرۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان ئاڭلىقلىقنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى غايە-ئېتىقادنى چىڭىتىپ، ئاساسىي مەقسەت ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، توغرا دۇنيا قارىشى، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، قىممەت قارىشىنى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان مەمۇرىيەت مۇھىتى ۋە ئىجتىمائىي كەيپىيات يارىتىش كېرەك. خىزمەت فۇنكسىيەسىنى پۇختا ئىگىلەپ، سىياسىي نازارەتچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىش؛ تۈرلۈك خىزمەت قائىدىلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتى تەرتىپلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، قېلىپلاشتۇرۇپ، ئىچكى ھوقۇق يۈرگۈزۈشنى نازارەت قىلىش، چەكلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بىر تۇتاش تەدبىر بەلگىلىنىدىغان، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ يۈرگۈزۈلىدىغان ئىنتىزام ئىجرا قىلىش، قانۇن ئىجرا قىلىش خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. يانداش قانۇن-نىزاملارنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، رېۋىزىيە قانۇنى بىلەن يانداش بولغان قانۇن، قانۇن-نىزاملارنى تۈزۈپ، سىستېمىسى مۇكەممەل، ئىلمىي قېلىپلاشقان، يۈرگۈزۈلۈشى ئۈنۈملۈك بولغان قانۇن- نىزام سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك پارتكوملارنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىغا بولغان رەھبەرلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بايرىقى روشەن ھالدا ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ھوقۇق يۈرگۈزۈشىنى قوللاش كېرەك، پارتكوم شۇجىسى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىدا ئۇچرىغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا مۇزاكىرە قىلىپ، ھەل قىلىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى تەدبىر بەلگىلەش، ئورۇنلاشتۇرما قىلىش، قوماندانلىق قىلىش، بايلىق، كۈچنى بىرلەشتۈرۈش، تەدبىر، ۋاسىتىلەرنى قوللىنىش جەھەتتە تېخىمۇ ماس، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قىلىپ ئىشلەش كېرەك. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئاپپاراتلىرى بىرلىشىپ ئىش بېجىرىش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىنتىزام نازارەتچىلىكى، رېۋىزىيە نازارەتچىلىكى، ۋاكالەت ئاپپاراتلىرى نازارەتچىلىكى، كۆزىتىش نازارەتچىلىكىنى ماسلاشتۇرۇش، ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى دۆلەت ئورگانلىرى نازارەتچىلىكى، دېموكراتىك نازارەتچىلىك، ئەدلىيە نازارەتچىلىكى، ئاممىۋى نازارەتچىلىك، ئاممىۋى پىكىر نازارەتچىلىكى بىلەن ئۈنۈملۈك ماسلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ھوقۇقنى قاتتىق نازارەت ئاستىغا قويۇشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك ھوقۇقىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە توغرا يۈرگۈزۈش كېرەك. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى زىممىسىگە ئالغان بولۇپ، بازغانچىنىڭ بېلى چىڭ بولۇش كېرەك، دېگەن سىياسىي تەلەپنى چوقۇم ئەستە چىڭ ساقلاپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، باشتىن-ئاخىر ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، ئىنتىزامغا، قانۇنغا قاتتىق ئاساسلىنىپ، ۋاقتىدا ھويلا-ئاراننى تازىلاپ، ئەخلەتلەرنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، تىرىشىپ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى خاتىرجەم قىلىدىغان، خەلق ئاممىسىنى رازى قىلىدىغان نەمۇنىلىك ئورگان قۇرۇشى كېرەك. كەڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرى ئۆز نەپسىدىن كېچىپ، ئېھتىيات بىلەن ئىش كۆرۈپ، تۆۋەن چەكنى ساقلاپ، غايە-ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، سىياسىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆزىنى چەكلەشنى كۈچەيتىپ، كەسپىي ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئىنتىزام-قانۇن تەپەككۇرىنى، بولۇپمۇ تەرتىپ ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تەشكىلنىڭ نازارىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، قانۇن-ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇشتا ئۈلگە بولۇپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ سادىق قوغدىغۇچىسى بولۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.