تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكى «بىزنىڭ 40 يىلىمىز» بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكى «بىزنىڭ 40 يىلىمىز» بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن كۆردى

12-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكى «بىزنىڭ 40 يىلىمىز» بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى 3000 دىن ئارتۇق تاماشىبىن بىلەن بىللە ئويۇننى كۆردى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى) 
12-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكى «بىزنىڭ 40 يىلىمىز» بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى 3000 دىن ئارتۇق تاماشىبىن بىلەن بىللە ئويۇننى كۆردى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى) 
    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12-ئاينىڭ 14-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ۋۇ جىڭ، لىن خۈي). ئۇلۇغ ئۆزگىرىشتىن ئاجايىپ داستان پۈتۈلدى؛ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، گۈللىنىش مۇساپىسى مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدۇ. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكى «بىزنىڭ 40 يىلىمىز» 12-ئاينىڭ 14-كۈنى كەچتە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى 3000 دىن ئارتۇق تاماشىبىن بىلەن بىللە ئويۇننى كۆرۈپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىكى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى بىرلىكتە ئەسلىدى.

  خەلق سارىيىنىڭ 10 مىڭ كىشىلىك زالىدا چىراغلار كۆزنى قاماشتۇراتتى، ئىككىنچى قەۋەتتىكى كۆرۈش سۇپىسىغا ئېسىلغان لوزۇنكىغا: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتايلى! دېگەن خەتلەر يېزىلغانىدى. سەھنىنىڭ مەركىزىدە «1978»، «1979»... 40 يىل يىل تەرتىپى بويىچە تىزىلغان بولۇپ، شانلىق كۈرەش ئىزلىرى نامايان بولۇپ تۇراتتى. سەھنىنىڭ ئىككى تەرىپىدە، 18 ھۆرمەت قاراۋۇلىنىڭ ھىمايىسىدە، ئالتۇن رەڭلىك بۇغداي دولقۇنى دەۋر ئابىدىسىنى نامايان قىلىپ، قىپقىزىل بەش يۇلتۇز بوشلۇقتا چاقناپ تۇراتتى.

  سائەت 19 دىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە، شادىيانە مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلار زالغا كىرىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە گەۋدىلىك تۆھپە قوشۇپ تەقدىرلەنگەنلەر ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، ئۇلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

  «قەدىمىي زېمىننى ئويغاتتى مەيىن باھار شامىلى، يېڭى ھاياتقا ئېرىشتى ئېرىپ گۈزەل دەريا ئېقىنى. ئۆرلەيلى، 5000 يىل دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىگەنلەر، مىللەتنىڭ گۈللىنىش يولىدا يېڭى سەپەرگە ئاتلىنىپ»... ئالتۇن رەڭلىك پارتىيە گېربى سەھنە ئوتتۇرىسىدا چاقناپ تۇراتتى، «بىزنىڭ يولىمىز» دېگەن خور بىلەن كېچىلىك باشلاندى.

  كېچىلىك مۇقەددىمە، بىرىنچى، ئىككىنچى قىسىم ۋە خاتىمىگە بۆلۈنگەن. بىرىنچى قىسىم «ھەيۋەتلىك شەرق دولقۇنى» مۇزىكىلىق دىراما شەكلىدە ئورۇنلىنىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان جۇڭگودا يۈز بەرگەن ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر قايتا نامايان قىلىندى. «ياش دوستلار جەم بولايلى»، «تۇرمۇشىمىز قۇياش نۇرىغا تولدى»، «ئالتۇن مۇكا ۋە كۈمۈش مۇكا»، «ياخشىلار بىر ئۆمۈر ئامان بولسۇن» قاتارلىق ناخشا- مۇزىكىلاردا ئىسلاھاتنىڭ باھار شامىلى كېزىپ ئۆتكەن جۇڭگو زېمىنىدىكى ئاممىنىڭ ئۇرغۇغان كەيپىياتى قايتا ئەسلەپ ئۆتۈلدى. «دېگۈم يوق»، «بېكەت»، «سىرتقى دۇنيا»، «باھاردىكى ھېكايە» قاتارلىق ناخشا- ئۇسسۇللاردا كەڭ قۇرۇلۇشچىلارنىڭ ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون مۇنبەت تۇپرىقىدا تىرىشىپ قوشقان تۆھپىسى مەدھىيەلەندى. «ئۈمىدلىك دالىدا»، «سۆيىمەن سېنى سەيبېي قارلىرى»، «شىنتيەنيوۋ»... بۇ نادىر ناخشىلاردا يېزا ئىسلاھاتىنىڭ جۇشقۇن كارتىنىسى سۈرەتلەندى؛ «مېنىڭ جۇڭگو قەلبىم»، «يېڭى دەۋرگە كىرىش»، «بېيجىڭ سىزنى قارشى ئالىدۇ»، «جياڭشەن»... بۇ ئېسىل نومۇرلاردا خەلقنىڭ بېيىپ، دۆلەتنىڭ قۇدرەت تاپقانلىقىدەك شانلىق ئىزنالار قايتا نامايان قىلىندى... تەسۋىرىي شېئىر دېكلاماتسىيە «ئۇلۇغ ئويغىنىش» كېچىلىكنىڭ بىرىنچى قىسمىنىڭ كەيپىياتىنى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە بولغان «چوڭقۇر مىننەتدارلىقى ۋە مەڭگۈلۈك ھۆرمىتى»نى بايان قىلدى.

  ئىككىنچى قىسىم «جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان يېڭى دەۋر» ئالتە بۆلەككە بۆلۈنگەن بولۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىرىپ، ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالغانلىقى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىندى. «يېڭى زېمىن»دا «بىز ئۆزىمىزگە ئىشىنىمىز، بىز ئىلگىرىلەيمىز» دېگەن مەردانە ھېسسىيات ئىپادىلەندى، «دەۋر ناخشىسى»دا «كۈرەش قىلغاندىلا بەختلىك بولغىلى بولىدۇ، ئەمگەك ئەڭ قالتىس» دېگەن كۆتۈرەڭگۈ روھ ئۇرغۇتۇلدى، «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىتابنامىسى»دا «جۇڭخۇا ئوغۇل- قىزلىرىنىڭ 1000 يىللىق ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش» كۈيلەندى، «ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش جەڭ مارشى»دا «ۋەتەن ئۈچۈن جەڭ مەيدانىدا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش» قەتئىي قەسىمى ئىپادىلەندى... «بىر بەلباغ، بىر يول ئەركىن تەسەۋۋۇر مارشى» ۋە «دۇنيا بىلەن ۋەدىلىشىش»تىن ئىبارەت ئىككى نومۇردىكى «يېڭى يىپەك يولىنىڭ بىپايان زېمىنغا يېيىلغانلىقى»دەك كۆرۈنۈش كىشىلەرنى مەپتۇن قىلدى، «بىز تەقدىرداش ئورتاق گەۋدە» دېگەن يۈرەك سادا كەلگۈسىگە يەتكۈزۈلدى. گو لەنيىڭ قاتارلىق ئون نەچچە پېشقەدەم سەنئەتكار پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئورۇنلىغان نادىر ناخشا «سۆيىمەن سېنى جۇڭگو»دا ۋەتەنگە ۋە خەلققە بولغان چوڭقۇر مۇھەببەت ئىپادىلەندى. كېچىلىك «دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ قايتا ئاتلىنىش» دېگەن ناخشا بىلەن ئاياغلىشىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ قايتا يەلكەن چىقىرىش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە قايتا ئاتلىنىشتەك پارلاق مەنزىلنى ئىپادىلىدى.

  پۈتۈن كېچىلىك مۇزىكا، ئۇسسۇل، دىراما، شېئىر دېكلاماتسىيە، تەسۋىرىي ئويۇن، كۆپ ۋاسىتە قاتارلىق سەھنە شەكىللىرىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ، 40 يىلدىن بۇيانقى مەملىكىتىمىزدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى جانلىق، قايتا نامايان قىلىپ، 40 يىلدىن بۇيان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنى يېتەكلەپ گۈللىنىش ئارزۇسىغا قاراپ داۋاملىق كۈرەش قىلغانلىقىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ مۇساپىنى ئوبرازلىق ئەكس ئەتتۈرۈپ، مىليونلىغان خەلقنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرۇش ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىنى تولۇق ئىپادىلىدى.

  بېيجىڭدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن كومىتېت باشلىقلىرى، دۆلەت كومىسسارلىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى ھەمدە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى كېچىلىكنى كۆردى.

  كېچىلىكنى كۆرۈشكە قاتناشقانلاردىن يەنە: مەركەزدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى ۋە بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلىرى، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلارنىڭ مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى مەسئۇللىرى ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى، پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى، پېشقەدەم كادىرلار ۋەكىللىرى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە گەۋدىلىك تۆھپە قوشۇپ تەقدىرلەنگەنلەر ھەم ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، شياڭگاڭلىق، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلار، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار، چەت ئەلدىكى چياۋمىن قېرىنداشلار ھەم ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار، چياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرى ۋەكىللىرى، پايتەختتىكى ھەر ساھە ئامما ۋەكىللىرى، ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر ۋەكىللىرى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى، ھەرقايسى خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى ۋە جۇڭگودا خىزمەت قىلىۋاتقان چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەر ۋەكىللىرى بار.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.