تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

سادىقلىق، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ پولات ئىستىھكامىنى قۇرۇپ چىقايلى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر گۈلشات ئابدۇقادىر

«ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. بىز جەزمەن بىر نىيەتتە كۈچ چىقىرىپ، دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرۇپ، پولات ئىستىھكام قۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىن ئىبارەت بۇ مەيدان خەلق ئۇرۇشىدا قەتئىي غەلىبە قىلىشىمىز كېرەك.

   پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېكىتتى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانى قىلىپ ئايدىڭلاشتۇردى، شىنجاڭ خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەشكە يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، ئۇنى تۈپ مىزان ۋە قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋاقىتنى غەنىيمەت بىلىدىغان، مىنۇت- سېكۇنتنى قولدىن بەرمەيدىغان روھ بىلەن، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى باش نىشاننى زىچ چۆرىدەشكە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، بىر قاتار ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەيدىغان، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىدىغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش «بىرىكمە مۇشت»نى ئۇدا ئېتىپ، دۈشمەننىڭ ھەيۋىسىنى قاتتىق يەرگە ئۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش بوشلۇقىنى تۈگىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ ئىناق، مۇقىم بولۇشىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. نۆۋەتتە، شىنجاڭدا جەمئىيەت سىجىل مۇقىم بولۇۋاتىدۇ، ئىقتىساد سىلىق، ساغلام راۋاجلىنىۋاتىدۇ، ھەر مىللەت ئامما خاتىرجەم ياشاۋاتىدۇ، تۈرلۈك ئىشلار ئومۇميۈزلۈك يۈكسىلىۋاتىدۇ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق كۈنسېرى يېڭىلىنىۋاتقان غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى ھېس قىلىۋاتىدۇ، مۇقىملىق ئېلىپ كەلگەن پايدا ئۈزلۈكسىز تارقىتىلىۋاتىدۇ. ئۇدا 23 ئاي زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرى يۈز بەرمىدى، جەمئىيەت ئامانلىقى ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكى ئۈنۈملۈك توسۇلدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، ئەبەدىي ئەمىنلىككە تەسىر يەتكۈزىدىغان چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرنى تۈپتىن ھەل قىلىشقا ياخشى ئاساس سېلىندى.

   باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭ ئېلىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى مۇھىم بىخەتەرلىك توسۇقى، ئىستراتېگىيەلىك ئورنى ئالاھىدە، دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىمۇ ئالاھىدە، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى مۇھىم، زور. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممەيلەننى بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىش، جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىشقا يېتەكلەپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىدە مۇھىم، زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بىز مەيلى ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆككەندە، كەنتلەرگە بېرىپ ئائىلىلەرنى زىيارەت قىلغاندا، ھەر مىللەت كادىرلار، ئىشچى- خىزمەتچىلەر، دېھقان- چارۋىچىلار بىلەن يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇرغاندا بولسۇن ياكى نەق مەيداندا تەكشۈرگەندە بولسۇن، جەمئىيەت قىياپىتىنىڭ يېڭى تۈسكە كىرگەنلىكىنى، پۇقرالار تۇرمۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى، شەھەر- يېزا مۇھىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كەيپىياتىنىڭ تېخىمۇ قويۇقلىشىۋاتقانلىقىنى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئىشەنچىسىنىڭ تېخىمۇ چىڭىۋاتقانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلىمىز. سانسىز پاكىتلار مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ھالدا شۇنى ئىسپاتلىدىكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى تامامەن توغرا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈش، «بىرىكمە مۇشت»نى ياخشى ئېتىشتىكى يۈرۈشلۈك مۇھىم، زور تەدبىرلىرى مەركەزنىڭ تەلىپىگە تامامەن ئۇيغۇن، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئارزۇسى ۋە ئۈمىدىگە ئۇيغۇن بولۇپ، قەتئىي كۈچلۈك، مول ئۈنۈملۈك بولغان. ھازىرقى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش چوڭ ياخشى ۋەزىيىتى دەل بۇ تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتقانلىقىنىڭ جانلىق ئىپادىسى، جەزمەن ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ساقلىشىمىز، جەزمەن قىلچە تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز، ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

   شىنجاڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چوڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ھەر مىللەت ساۋاقداشلىرىم، خىزمەتداشلىرىم، قوشنىلىرىم، دوستلىرىم بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈپ، خىزمەت قىلىپ، ئۆزئارا ياردەملىشىپ، ئۆزئارا ھۆرمەتلىشىپ، ئۆزئارا كۆيۈنۈپ، شىنجاڭدا يۈز بەرگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەرگە گۇۋاھ بولدۇم. مەن باشتىن- ئاخىر شۇنداق قارايمەنكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىلا بىزنى بۈگۈنكى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈردى. كۆپ رايون، كۆپ تارماقتىكى ئوخشاش بولمىغان ئىش ئورۇنلىرىدا چېنىقىش ئارقىلىق، مەن تەدرىجىي ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىرلىقتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم ئىش ئورنىغا قەدەم قويدۇم، بۇ، پارتىيە تەشكىلىنىڭ كۆپ يىل كۆڭۈل قويۇپ تەربىيەلىگەنلىكى، تولۇق ئىشەنگەنلىكى، ھەقىقىي غەمخورلۇق قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. مەن پەقەت مىننەتدارلىق ھېسسىياتىمنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇپ، ئۆزۈمنى پارتىيەگە، دۆلەتكە بېغىشلاپ، پارتىيەگە، دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرساملا، قەتئىي، كەسكىن ھالدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرۇپ، دادىل، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە ياراتساملا، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى جان تىكىپ كۈرەش قىلىشقا قەسەم قىلساملا، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى تەلتۆكۈس تازىلاشقا قەسەم قىلساملا، ئاندىن كومپارتىيە ئەزاسىلىق نامىمغا يۈز كېلەلەيمەن، ئاندىن پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ماڭا بولغان ئىشەنچىسىنى ۋە مۇھىم تاپشۇرۇقىنى ئاقلىيالايمەن. مەن بايرىقىم روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم- كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمەن.

   بىز ۋەزىيەتنى ئېنىق تونۇپ، ئاگاھ سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىپ، ھوشيارلىقنى دائىم ساقلىشىمىز كېرەك. شىنجاڭنىڭ «ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كەتكەن» ۋەزىيىتىدە تۈپتىن ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى، مۇرەككەپلىكى، ئۆتكۈرلۈكى، بەزىدە ھەتتا ئىنتايىن كەسكىنلىشىپ كېتىدىغانلىقىنى چوڭقۇر تونۇشىمىز كېرەك. بىز تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتا دەسلەپكى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈپلا ھوشيارلىقىمىزنى بوشاشتۇرۇپ قويماسلىقىمىز، بىپەرۋالىق قىلماسلىقىمىز، جەزمەن ھەرۋاقىت كاللىمىزنى سەگەك تۇتۇشىمىز ۋە يۈكسەك ھوشيار بولۇشىمىز كېرەك. جەزمەن تېخىمۇ قەتئىي پوزىتسىيە، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر، تېخىمۇ قاتتىق ئىنتىزام، تېخىمۇ ئەمەلىيەتچىل ئىستىل بىلەن دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈشىمىز، باش نىشانغا مۇلازىمەت قىلىشىمىز، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. جەزمەن ئۆتكۈر كۆزىمىزنى تاۋلاپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ نىقابىنى يىرتىپ تاشلاپ، كادىرلار قوشۇنىدىكى «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى تەلتۆكۈس تارتىپ چىقىرىپ، قوشۇنىمىزنى ساپلاشتۇرۇشىمىز، ئۇنى باشتىن- ئاخىر تولۇپ تاشقان ئىجادىيلىققا، ئۇيۇشۇشچانلىققا، جەڭگىۋارلىققا ئىگە قىلىشىمىز كېرەك.

   بىز مەيدانىمىزنى مۇستەھكەملەپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىشىمىز كېرەك. سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىشنى، بولۇپمۇ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى چىڭىتىپ، سىياسىي سەزگۈرلۈك ۋە سىياسىي پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىمىزنى كۈچەيتىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش قاتارلىق مۇھىم، زور سىياسىي پىرىنسىپ مەسىلىلىرىدە باشتىن- ئاخىر بايرىقىمىزنى روشەن، مەيدانىمىزنى مۇستەھكەم قىلىپ، تونۇشىمىزنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىچىمىز بىلەن تېشىمىزنى بىردەك، پوزىتسىيەمىزنى قەتئىي، قەدىمىمىزنى بىردەك قىلىپ، ئاڭلىق ھالدا سىياسىيدا زېرەك ئادەم، سەمىمىي ئادەم بولۇپ، ساداقەتمەنلىك روھىمىزنى تاۋلىشىمىز كېرەك. قەتئىي، كەسكىن ھالدا يادرونى قەلبىمىزدىن ئېتىراپ قىلىپ، يادرونى قوغداپ، يادروغا بويسۇنۇپ، يادرونى ھىمايە قىلىپ، يادروغا مۇتلەق سادىق بولۇپ، مەڭگۈ يادروغا يېقىندىن ئەگىشىپ مېڭىشىمىز، باشتىن- ئاخىر سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يولدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، بارلىق ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇيرۇقى ۋە قوماندانلىقىغا بويسۇنۇشىمىز كېرەك.

   بىز سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاق- مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قانۇن قورالىدىن پايدىلىنىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىنى قاتتىق جازالاپ، قانۇنچىللىق كۈچى ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھىمايە قىلىشىمىز كېرەك. قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق ئۇسۇلىدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىپ مۇقىملىقنى قوغداپ، دۆلىتىمىزنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇن- نىزاملىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە قانۇنچىللىق ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى قانۇن ئۆگىنىش، قانۇننى ھۆرمەتلەش، قانۇنغا رىئايە قىلىش، قانۇننى قوللىنىشقا تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ قانۇندىن پايدىلىنىپ ھەق- ناھەقنى پەرقلەندۈرۈشى، مۈجمەل تونۇشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى، قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتلەردىن يىراق تۇرۇشى، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىگە ئاڭلىق تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى قانۇن شەمشىرىنى قولىغا ئېلىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئاڭلىق قوغدىيالايدىغان قىلىشىمىز كېرەك.


   بىز تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىدە سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، ياخشى ئۈلگىلەردىن بولۇشىمىز كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىتتىپاقلاشتۇرۇشى، يېتەكلىشىدە، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى قوغداش، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ يول ئاچقۇچىلىرىدىن، باشلامچىلىرىدىن بولۇشىمىز، «ئەڭ ئۇلۇغ ئىش ئۈچۈن قىلغاچقا مەردلەر جان پىدا، يېڭى بىر دۇنيا ياراتتى مىسلىسىز جۈرئەت بىلەن» دېگەن مۇستەھكەم ئېتىقاد ۋە قەيسەر ئىرادىمىز بىلەن، «تۆھپىدە مەن بولمىساممۇ بولىدۇ» دېگەن كەڭ قورساقلىقىمىز ۋە «تۆھپە يارىتىشتا چوقۇم مەن بولۇشۇم كېرەك» دېگەن بۇرچىمىز، مەسئۇلىيەتچانلىقىمىز بىلەن، ئاڭلىق ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى كۈرەش قىلىش، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە جەڭ ئېلان قىلىشنىڭ تارىخىي ئېغىر مەسئۇلىيىتىنى زىممىمىزگە ئېلىپ، جەڭدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلمىغۇچە جەڭنى ھەرگىز توختاتماي، قەتئىي ھالدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك «بىرىكمە مۇشت» تەدبىرلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇ مەيدان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خەلق ئۇرۇشىدا قەتئىي غەلىبە قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق دۈشمەن كۈچلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىقى ۋە توسقۇنلۇقىغا كۈچلۈك قايتۇرما زەربە بېرىپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە زەربە بېرىشنىڭ پولات ئىستىھكامىنى قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى