تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

جاراڭلىق ئوقۇغان ئاۋاز ئەڭ تەسىرلىك ئاۋازغا ئايلاندى

11-ئاينىڭ 25-كۈنى، كونا شەھەر ناھىيەسىنىڭ يۇقىرىقى كاپا كەنتىدە، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى-يېزا نازارىتىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى كىچىك دەرسخانا ئېچىپ، كەنتتىكىلەرگە دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئۆگەتمەكتە. (مۇخبىرىمىز شيې لۇڭ فوتوسى)

«ياخشىمۇسىز»، «خەيرلىك سەھەر»، ھەر كۈنى ئەتىگەندە، خوتەن ناھىيەسىنىڭ باغچى بازىرى يۇقىرى باغچى كەنتىدىكى ئاھالىلەر مانا مۇشۇنداق پۇتۇڭخۇا سۆزلەپ ئۆزئارا ھال- ئەھۋال سورىشىدۇ، يېزا يوللىرىدا يەسلىگە ماڭغان بالىلارمۇ ئۆلچەملىك پۇتۇڭخۇادا كىشىلەرگە ئەدەپ بىلەن سالام قىلىدۇ. ھازىر، جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىدا دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئۆگىنىش ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلاندى، دېھقانلارنىڭ كەچلىك كۇرستا جاراڭلىق ئوقۇغان ئاۋازى جىمجىت قىش كېچىسىدىكى ئەڭ تەسىرلىك ئاۋازغا ئايلاندى. 

  كەچلىك كۇرسنىڭ ئىچى-سىرتىدىكى «بىلىم تولۇقلاش» ئالدىراشچىلىقى

  11-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەردە، قەشقەر شەھىرى دۆلەتباغ يېزىسى يار كۆلبېشى كەنتىنىڭ ئاھالىسى قېيۇم مەمەت تاللا بازىرىنىڭ يۆگىمە ئىشىكىنى ئېچىپ، ياڭراتقۇنىڭ كۇنۇپكىسىنى باستى، «ياخشىمۇسىز! سىزگە نېمە كېرەك؟» «ھازىر ئالدىراش، كېيىن پاراڭلىشايلى» ياڭراتقۇدىن بىر جۈملە پۇتۇڭخۇا ئاڭلانسا، ئارقىدىن ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ئاڭلىنىپ تۇراتتى، قېيۇم تازىلىق قىلغاچ، رىتىملىق ئەگىشىپ ئوقۇپ، بىر كۈنلۈك تۇرمۇشىنى باشلىدى.

  «كۈندۈزى بىكار ۋاقتىمدا ئوقۇش-يېزىشنى ئازراق ئۆگىنىمەن، كەچ كۇرستا مۇئەللىم ئۆگىتىدۇ.» دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئۆگىنىش تەسىراتى توغرىسىدا توختالغاندا، 43 ياشلىق قېيۇم قورۇنۇپ تۇرۇپ يېنىدىكى كىچىك ئاق دوسكىغا رەتلىك يازغان خېتىنى كۆرسەتتى.

  قېيۇم ئىلگىرى يەرلىكتىكى توقۇمىچىلىق زاۋۇتىنىڭ ئىشچىسى ئىدى، 2014-يىلىدىن باشلاپ، مۇشۇ تاللا بازىرىنى ئاچتى، «خەنزۇ دوستلار دائىم كېلىپ نەرسە سېتىۋالىدۇ، بەزىدە قول ئىشارىتى قىلىپ چۈشەندۈرسىمۇ، نېمە ئالىدىغانلىقىنى بىلەلمەي قالاتتىم.» قېيۇم دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئۆگىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يېتىپتۇ، 2016-يىلى، كەنتتە دېھقانلار كەچلىك كۇرسى ئېچىلغاندا، ئۇ بىرىنچى بولۇپ تىزىملاتقان ۋە كەنتتىكى 500 دىن كۆپرەك ئاھالە بىلەن بىللە يېڭىباشتىن دەرسخانىغا قەدەم قويۇپ، «a،o،e»دىن باشلاپ، بىر خەت، بىر سۆزدىن ئەگىشىپ ئوقۇدى.

  قېيۇم كەچلىك كۇرستىكى ئۆگىنىشكە قانماي، بۇ يىل 9-ئايدا دەرسخانىنى تاللا بازىرىغا كۆچۈرۈپ كىردى. ئۇ دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىدىكى ئاۋازلىق ئۆگىتىش ماتېرىياللىرىنى تېپىپ كەلدى، يەنە تاللا بازىرىنىڭ بىر بۇلۇڭىغا كىچىك ئاق دوسكا ئېسىپ خەت يېزىشنى مەشىق قىلدى. ئۇنىڭ ئۆگىنىشكە بولغان قىزغىنلىقىنى كۆرگەن بەزى خېرىدارلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇنىڭ تەلەپپۇزىنى، خەنزۇچە خەت يېزىش تەرتىپىنى توغرىلاپ بەردى، بەزىلىرى ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ئولتۇرۇپ بىللە ئۆگەندى.

  «پۇتۇڭخۇانى ياخشى ئۆگەنسەم، ئىچكىرىدىن مال كىرگۈزۈشۈمگە تېخىمۇ قولايلىق بولىدۇ. كېلەر يىلى كەلگىنىڭىزدە، تاللا بازىرىمنىڭ تېخىمۇ چوڭايغانلىقىنى كۆرىسىز!» زىيارەت ئاخىرلاشقاندا، قېيۇم مۇخبىر بىلەن قول ئېلىشىپ قايتا كۆرۈشۈشكە كېلىشتى.

  قىش كېچىسى سىرتنىڭ ھاۋاسى ئىنتايىن سوغۇق بولسىمۇ، لېكىن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئۆگىنىش قىزغىنلىقىغا قىلچە تەسىر كۆرسىتەلمىدى. 11- ئاينىڭ 25- كۈنى كەچ سائەت 10 دا، كونا شەھەر ناھىيەسىنىڭ زەمىن يېزىسى بوستان كەنتىدىكى دېھقانلار كەچلىك كۇرس دەرسخانىسىدا، خەتنى تونۇپ ئەگىشىپ ئوقۇش، ئاددىي سۆزلىشىش، بىرلىكتە ئويۇن ئويناش قاتارلىق دەرس ئۆتۈش شەكلى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى قوزغىدى.

  كەنتتىكى پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى تۇرسۇن كېرەم مۇنداق دېدى: «ئوقۇغۇچى ۋاقتىمىزدا ياخشى ئوقۇماپتىكەنمىز، ھازىر كەم قالغان بىلىملەرنى تولۇقلاۋاتىمىز، بىز يەنە پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى چۈشىنىپ، قانۇن- نىزاملارنى ئۆگىنىۋاتىمىز. قانداق يولدا مېڭىش توغرىسىدا كۆڭلىمىزدە نىشان بار بولدى.» ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ياخشى ئۆگەنسە، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ھەممە ئائىلىلەرگە يەتكۈزەلەيدىكەن، شۇنداقلا كۆڭلىدىكى گەپلىرىنى پۇتۇڭخۇادا دېيەلەيدىكەن، ھەر مىللەت كەنت ئاھالىلىرىنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا ئۈندىيەلەيدىكەن.

  پۇتۇڭخۇانى ياخشى ئۆگىنىپ بېيىش ئىشىكىنى ئېچىش

  قاراقاش ناھىيەسىنىڭ پۇرچاقچى يېزىسى بازاربويى كەنتىدىكى 26 ياشلىق ئەنۋەرجان ئەركىن تاپقاق، كاللىسى ئۆتكۈر بولۇپ، ئۇ پۇتۇڭخۇادا راۋان سۆزلەپلا قالماستىن يەنە كەنت ئاھالىلىرىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا يېتەكلىدى.

  ئەنۋەرجان تۇرۇشلۇق بازاربويى كەنتى ئاپتونوم رايون بويىچە ئېغىر نامرات كەنت، نامرات نوپۇس %20 نى ئىگىلەيدۇ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر يېرىم موغىمۇ يەتمەيدىغان بولۇپ، كېۋەز، بۇغداي قاتارلىق زىرائەتلەرنى تېرىشنى ئاساس قىلىدۇ.

  «نامراتلىقتىن قۇتۇلىمەن دەيدىكەنمىز، ئالدى بىلەن كاللىمىزنى <بېيىتىشىمىز> كېرەك.» 2016-يىلى، ئەنۋەرجان ئەنخۈيدىكى ئاپتوماتىك يوتقان تېشى تىكىش ماشىنىسى ۋە پاختا ئېتىش ماشىنىسى سېتىش سودىگىرى بىلەن تونۇشۇپ قالغانىدى. «قارشى تەرەپ مېنىڭ پۇتۇڭخۇانى يامان ئەمەس سۆزلەيدىغانلىقىمنى ھەم ياش ئىكەنلىكىمنى كۆرۈپ، شىنجاڭ بازىرىنىڭ سېتىش ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقىنى ماڭا بېرىشنى قارار قىلدى.» شۇ يىلى 10-ئايدا، ئەنۋەرجان قاراقاش ناھىيەسىدە تۇنجى ئاپتوماتىك يوتقان تېشى تىكىش ماشىنىسىنى ساتتى. كىشىلەرگە بولغان مۇئامىلىسى سەمىمىي، ئۇنىڭ ئۈستىگە سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمىتى ئەتراپلىق بولغاچقا، ئەنۋەرجانغا ئۈزۈلمەي زاكاز كېلىشكە باشلىدى. تىجارەت تەجرىبىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز توپلىنىشى ئەنۋەرجاننىڭ تەپەككۇر يولىنى ئاچتى، ئۇ نەزەرىنى توردا سېتىشقا ئاغدۇردى.

  «كەنتىمىزنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى نېمە ئۈچۈن سىرتقا چىقىرالمايمىز؟ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئەۋەتسەك چوقۇم ياخشى باھادا ساتقىلى بولاتتى». بۇ يىل 4-ئاينىڭ 13-كۈنى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، ئەنۋەرجان قاراقاش ناھىيەسى «نۈەنشىنچۈن» سودا چەكلىك شىركىتىنى قۇردى. ھازىر ئۇ كەنتتە 100 توننىدىن ئارتۇق ياڭاق، چىلان سېتىۋېلىپ، چېڭدۇ، خاڭجوۋ قاتارلىق جايلاردىكى توردا زاكاز قىلغان كارخانىلارغا يەتكۈزۈپ بېرىشكە تەييارلاندى.

  «پۇتۇڭخۇادا سۆزلىيەلىسەم، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى دوستلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرالايمەن ھەم نۇرغۇن تىجارەت يوللىرىنى ئۆگىنەلەيمەن. ئۇلار يەنە مېنى كېلەر يىلى ئىچكىرى ئۆلكىگە بېرىپ بازار تەكشۈرۈپ، تاشقى دۇنيانى كۆرۈپ كېلىشكە تەكلىپ قىلدى». ئەنۋەرجان ئىچكىرى ئۆلكىدىكى سودىگەرلەر بىلەن ئالاقە قىلغان مۇشۇ بىر نەچچە يىلدا، پۇتۇڭخۇاسى بارغانسېرى ياخشىلاندى، پىنيىندا خەت ئۇرۇش سۈرئىتىمۇ بارغانسېرى تېزلەشتى.

  قەشقەر شەھىرى يېڭىئۆستەڭ يېزىسى يىڭنەقاش كەنتىنىڭ ئاھالىسى گۈلبوستان روزى ئەنۋەرجانغا ئوخشاش پۇتۇڭخۇا، تېخنىكا بىلگەچكە، ئۇنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش يولىمۇ ئۆزگەردى.

  «ئەسلىي ماتېرىيال بۇ يەردە ئوراپ قاچىلىنىدۇ، ئاندىن مايسا كۆچۈرۈلۈپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا ئېچىتىلىدۇ، زەمبۇرۇغ يىپچىسى ئون كۈن ئەتراپىدا ئاقىرىدۇ، ئاندىن پارنىكقا ئەكىرسەك بولىدۇ». 11-ئاينىڭ 28-كۈنى، قىزىل رەڭلىك ئىش كىيىمى كىيگەن، چېچىنى ئېگىز تۈرمەكلىۋالغان گۈلبوستاننىڭ تۇرقىدىن خىزمەتچى ئاياللارغا خاس ئىشقا پىشقانلىقى بىلىنىپ تۇراتتى. گۈلبوستان موگۇ تېرىش تېخنىكىسىنى خۇددى كەسىپ ئەھلىدەكلا تونۇشتۇردى، بىر يىل ئىلگىرى ئۇ تېخى ئوچاق بېشىنى چۆرگۈلەپ كېتەلمەيدىغان ئائىلە ئايالى ئىدى.

  بۇ يىل، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش قەدىمىنى تېزلىتىش ئۈچۈن، شىنجاڭ مەبلەغ سېلىش تەرەققىيات (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ قەشقەر شەھىرى يېڭىئۆستەڭ يېزىسى يىڭنەقاش كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى كەنتتە موگۇ ئۆستۈرۈش بازىسى قۇردى. گۈلبوستان دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى بىلگەچكە، ئالدىن قوبۇل قىلىندى. ئۈچ ئاي تەربىيەلىنىش ئارقىلىق ئۇ تېخنىك خادىمغا ئايلىنىپ، كىشىلىك تۇرمۇشىدىكى تۇنجى خىزمەتكە ئېرىشتى.

  «ئېرىم يېزىدا ئاشپەزلىك قىلىدۇ، ئىككىمىز ئايدا 5000 يۈەن كىرىم قىلىمىز. پارتىيەنىڭ سىياسىتى مۇشۇنداق ياخشى بولغاچقا، كۈنلىرىمىز بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ». گۈلبوستاننىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچى تولۇپ تاشقانىدى. شىنجاڭ مەبلەغ سېلىش تەرەققىيات (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ يىڭنەقاش كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى ليۇ يۈەنشىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېقىنقى بىر قانچە يىلدا، ئەتراپتىكى كەنتلەردە كەينى-كەينىدىن ھەمراھ زاۋۇتلار قۇرۇلۇپ، كەنت ئاھالىلىرى، بولۇپمۇ نامرات ئاھالىلەر ئۈچۈن ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىلدى. كەنتتىكى بارغانسېرى كۆپ ئاھالە دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئۆگىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتتى، ھەر كۈنى كەچلىك كۇرستا تېخى دەرس باشلانماي تۇرۇپلا، دەرسخانا كىشىلەرگە لىق تولۇپ كېتىدۇ.


 جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقىنى چېچىش

  «يىراقتىكى كوچا چىراغلىرى نۇر چېچىپ، ئوخشار پارلىغان سانسىز نۇرلۇق يۇلتۇزغا. كۆكتە زاھىر بولغان نۇرلۇق يۇلتۇزلار، ئوخشار تۇتاشقاندەك سانسىز كوچا چىراغلىرىغا...» 11-ئاينىڭ 27-كۈنى، كوناشەھەر ناھىيەسى توققۇزاق بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇزىكا سىنىپىدا، لەرزان مۇزىكىغا ئەگىشىپ، بالىلار گومورونىڭ «كۆكتىكى بازار» ناملىق شېئىرىنى تېخىمۇ قويۇق شېئىرىي مەنىگە ئىگە قىلدى.

  بىر تەرەپتە، گۇاڭدۇڭدىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن ئوقۇتقۇچى ما شاۋفاڭ ئۇدارغا كەلتۈرگەچ، ئوقۇغۇچىلارنى چىراي ئىپادىسىدىكى ئۆزگىرىشكە دىققەت قىلىشنى ئەسكەرتتى. «بىز دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئۆگىنىشنى مەكتەپ مەدەنىيەت پائالىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقىنى بالىلارنىڭ قەلبىگە چېچىپ، ئۇلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى كۈچەيتىمىز»، دېدى ما شاۋفاڭ. كىلاسسىك نەسىرلەرنى دېكلاماتسىيە قىلىشتىن باشقا، مەكتەپ يەنە خەتتاتلىق، كۇەيبەر، ئەلنەغمە قاتارلىق ئون نەچچە كۇرۇژوك قۇرۇپ، دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى ئوقۇتۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزدى.

  2014-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە كونا شەھەر ناھىيەسى توققۇزاق بازىرى مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتىپىگە كېلىپ، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنى يوقلاپ، قوش تىل ئوقۇتۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىگەنىدى. ئارىدىن تۆت يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتتى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى، كۆيۈنۈشى بىلەن، ھازىرقى توققۇزاق بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ دۆلەتنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپ قۇرۇش ئۆلچىمىگە يېتىپلا قالماي، يەنە ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسى ۋە قوش تىل بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش باشلانغۇچ مەكتىپىگە ئايلاندى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆلچەمگە يېتىش نىسبىتى %100 كە يەتتى، ئوقۇتۇش سۈپىتى تېز ئۆستى، بۇ يەردىكى ھەر بىر بالا دۆلەتنىڭ قوش تىل مائارىپى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىن ئەڭ بىۋاسىتە مەنپەئەتلەنگۈچىلەرگە ئايلاندى. 2014-يىلىدىن ھازىرغىچە، بۇ مەكتەپتىكى 162 بالا شىنجاڭ رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپىغا ئۆتتى.

  جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ سېھرىي كۈچى دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە ئۆگىنىشكە ئەگىشىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلب ئېتىزىنى سۇغارماقتا.

  11-ئاينىڭ 25-كۈنى، قەشقەر شەھىرى دۆلەتباغ يېزىسى يار كۆلبېشى كەنتىنىڭ مەدەنىيەت پائالىيەت ھەپتىلىكى نەق مەيدانىدا، ھەرمىللەت كەنت ئاھالىلىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، پۇتۇڭخۇادا جىڭجۈي ئېيتىشتى، قىزىل ناخشا ئېيتىش، كىلاسسىك ئەسەرلەرنى دېكلاماتسىيە قىلىشتا مۇسابىقىلەشتى، كەيپىيات ئىنتايىن قىزغىن بولۇپ، كىشىنى روھلاندۇراتتى.


 يېقىندا، كەنت ئاھالىسى ئابدۇقېيۇم قادىرنىڭ «ئىناق قەشقەر»، «ۋەتەن مېنىڭ قەلبىمدە» دېگەن ھۆسنخەت ئەسەرلىرى كەنت كادىرلىرى تەرىپىدىن رامكىغا ئېلىنىپ مەدەنىيەت پائالىيەت ئۆيىگە ئېسىپ قويۇلدى. ئابدۇقېيۇم مۇنداق دېدى: «ھەر قېتىم ئەسەرلىرىمنى كۆرسەم ئىنتايىن ھاياجانلىنىمەن، بەكلا پەخىرلىنىمەن! خەتتاتلىق دۆلىتىمىز مەدەنىيەت جەۋھەرلىرىنىڭ بىرى، ھەربىر جۇڭگولۇقنىڭ ئۇنىڭغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىش مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى بار».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى