تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

سارقامىس كەنتى: كەسىپلەر ئارقىلىق كەنت گۈللەندى، پۇقرالار بېيىدى

بىرىنچى سەپتە غايەت زور ئۆزگىرىشلەرگە نەزەر . كەنت-مەھەللە بۆلىكى(5)

  قاردىن كېيىن ھاۋا ئېچىلىپ كەتكەنىدى، ئالتاي شەھىرىنىڭ قىزىل تاش بازىرى سارقامىس كەنتى ئىللىق قۇياش نۇرىدا جىمجىت ۋە گۈزەل كۆرۈنەتتى.

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، سارقامىس كەنتىنىڭ قىياپىتىدە غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بولدى، ئۇل ئەسلىھەلىرى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولىدا پۇختا قەدەم تاشلاندى.

  12-ئاينىڭ 5-كۈنى سەھەردىلا، 50 ياشلىق ساغىم ئېرشىكەن ئۆزىنىڭ موگۇ ئۆستۈرۈش ئۆيىدە ئالدىراش بولۇپ كەتتى. 40 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان كىچىك ئۆيدە، موگۇ ئۆستۈرۈش جازىسىغا قويۇلغان زەمبۇرۇغلار ئىچىدىن چوڭ- كىچىك موگۇلار ئۆسۈپ چىققانىدى. ساغىم غىڭشىپ ناخشا ئېيتقاچ موگۇ ئۈزۈۋاتاتتى، ئۇ بىردەمدىلا سېۋەتكە ئىككى، ئۈچ كىلو موگۇ ئۈزدى. «كەچتە يەنە بىر قېتىم ئۈزگىلى بولىدۇ، ئەتە ئەتىگەندە شىركەت خادىملىرى ئۆيىمىزگە سېتىۋالغىلى كېلىدۇ» دېدى ساغىم.

  موگۇ ئۆستۈرۈش ساغىمنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنىڭ پەقەتلا بىر قىسمى. ئادەتتە ئۇ يەنە ئۆيىدە مۇراببا ۋە سۈتلۈك يېمەكلىكلەرنى تەييارلاپ، زاكاز بويىچە ساتىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ھويلىسىدىكى سەككىز پۇڭ يەرنىڭ پايدىسى. بۇ سەككىز پۇڭ يەر ھەر يىلى ساغىم ئائىلىسىگە 20-30 مىڭ يۈەن كىرىم يارىتىپ بېرىدۇ.

  «2013-يىلىدىن باشلاپ، مەن ھويلامدا سەي- كۆكتات تېرىپ، مېۋە- چېۋە ئۆستۈرۈپ، بۆلجۈرگەن، ئۆرۈك، ئالما قاتارلىقلاردىن مۇراببا ياسىدىم. بۇ يىل ھويلامدا يەنە 50 توخۇ بېقىپ، 5000 يۈەنگە ساتتىم» دېدى ساغىم خۇشال ھالدا كۈلۈپ تۇرۇپ.

  سارقامىس كەنتى گۈزەل يېزا- كەنت قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، بۇ يىل يول چىراغلىرىنى ئورنىتىش، ھويلا تاملىرىنى ئاقارتىش، يوللارنى گۈزەللەشتۈرۈش، كۆكەرتىشنى تاماملاپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ھەقىقىي ياخشىلىدى. «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى بىلەن، دېھقانلار ئارامگاھى ئېچىشنى خالايدىغان كەنت ئاھالىلىرى ئارامگاھ ئېچىپ، سەھرا ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇردى.

  بۇ كۈنى چۈشتە، كەنت ئاھالىسى بېكزات مامۇربېك ئاچقان دېھقانلار ئارامگاھى يەنە بىر تۈركۈم مېھمانلارنى كۈتۈۋالدى. سەمىمىي تىجارەت قىلغاچقا ۋە نامى ياخشى بولغاچقا، گەرچە قىش بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ تىجارىتى يامان ئەمەس ئىدى.

  2017- يىلى 8- ئايدا، ئۇ 300 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ھويلىسىنى دېھقانلار ئارامگاھىغا ئۆزگەرتىپ، ھويلىسىغا قارىغاي، تېرەك، ئالما كۆچىتى، قارىقات كۆچىتى قاتارلىقلارنى تىكتى، يەنە ئۆي قۇشلىرىنى باقتى. «ئالتاي شەھىرىدىن تاڭبا كۆلى مەنزىرە رايونىغا تۇتىشىدىغان يول كەنتىمىزدىن ئۆتىدۇ، ساياھەتچىلەر ئارامگاھىمغا كېلىپ تاماق يېگەچ ئارام ئالسا بولىدۇ» دېدى بېكزات، ساياھەتچىلەرنى قونالغۇ بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، ئۇ كېلەر يىلى ئائىلىۋى قونالغۇ كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرماقچى بولۇۋېتىپتۇ.

  نۆۋەتتە، كەنتتە دېھقانلار ئارامگاھىدىن بەشى بولۇپ، كېلەر يىلى يەنە بەشى كۆپەيتىلىدىكەن. سەھرا ساياھەتچىلىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى يېڭى ئېشىش نۇقتىسىغا ئايلانماقتا.

  باقمىچىلىق كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يەنە بىر كىرىم ئاشۇرۇش نۇقتىسى ئىدى.

  «بۇ يەردىن چىقىدىغان سۈتنىڭ سۈپىتى ياخشى، بەكمۇ ئىچىشلىك، ئالتاي شەھەر رايونىغا سېتىلىدىغان سۈت ئاساسلىقى مۇشۇ يەردىن تەمىنلىنىدۇ. بۇرۇن، كەنتتىكى ياشلارنىڭ ھەممىسى ۋېلىسىپىت، موتوسىكلىت مىنىپ شەھەرگە سۈت ئاپىراتتى. ھازىر، كۆلەملەشكەن باقمىچىلىق ئىشقا ئاشۇرۇلغاندىن كېيىن، بىز ئەتراپتىكى كارخانىلار بىلەن زاكاز ئىمزالاپ، سۈتنى ساتالماسلىقتىن غەم يېمەيدىغان بولدۇق» دېدى كەنت ئاھالىسى كۈرېس ئالى.

  سارقامىس كەنتى گوللاندىيەنىڭ «ئالا» ئىنىكىنى كىرگۈزۈپ، كەنتتىكى ئىنەكلەرنىڭ نەسلىنى ياخشىلىدى، نۆۋەتتە كەنتتە ئەلا نەسىللىك ئىنەكتىن 874 ى بار، كۈندىلىك سۈت مىقدارى تۆت توننا ئەتراپىدا بولۇپ، يىللىق كىرىم 4 مىليون 100 مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ.

  كۆلەملەشكەن باقمىچىلىق ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، كەنت ئاھالىلىرى بىرلىشىپ تەرەققىي قىلىشقا باشلىدى. كۈرېس مۇنداق دېدى: ھازىر مەن كەنتتىكى تۆت ئائىلىلىك بىلەن ھەمكارلاشتىم، مەن ھەر كۈنى سۈت يىغىپ، سېتىۋالىدىغان كارخانىغا بىرتۇتاش يەتكۈزۈشكە مەسئۇل. بۇلتۇر ئائىلە كىرىمىم 150 مىڭ يۈەنگە يەتتى.

 ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ بىرقانچە يىلدا كەنتتىكى باقمىچىلىق كەسپى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كۆلىمى ئۈزلۈكسىز زورايدى، نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى كوپىراتىپقا كىردى. «بېنبېن» چارۋىچىلىق كەسپى ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا 100 دىن ئارتۇق ئىنەك ئاپتاپ سۇندۇرۇلۇۋاتاتتى. بۇ يەردە يەم- بوغۇز تەڭشەش، يەم بېرىشتىن قوتان تازىلاشقىچە ماشىنىلاشقان مەشغۇلات قىلىش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلغانىدى. يەرلىكنىڭ باقمىچىلىق كەسپىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئەنئەنىۋى باقمىچىلىق ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، ئۈلگىلىك ئائىلىلەرنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، قېلىپلاشقان يەم- خەشەك ئۆلچىمىنى ئاساسلىق ئالغا سىلجىتىپ، باقمىچىلىقتا ئۈلگە كۆرسىتىش كەنتى قۇرۇلۇشىنى تەدرىجىي ئىلگىرى سۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى