تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى پۇختا ئىگىلىشىمىز كېرەك

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر سو يۆ

  قەدىمدىن تارتىپلا چېگرا رايون مۇقىم بولسا، دۆلەت تىنچ بولغان؛ چېگرا رايون مالىمان بولسا، دۆلەتنى تىنچلاندۇرۇش تەس بولغان. شىنجاڭ خىزمىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇملۇقىغا مۇناسىۋەتلىك، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا ئالاقىدار تۈرلۈك خىزمەتلەرگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كۆڭۈل بۆلۈپ، شىنجاڭ خىزمىتىگە نۇرغۇن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە چوڭقۇر غەمخورلۇق قىلىپ، بىر قاتار مۇھىم، زور تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئوتتۇرىغا قويدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭغا رىشتە باغلاپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، ئۆزى شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈردى، مەركەزنىڭ 2- قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، شىنجاڭ ۋەزىيىتىنى ئىلمىي تەھلىل قىلىپ، شىنجاڭ خىزمىتىدىكى بىر قاتار مۇھىم، زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىنى چوڭقۇر چۈشەندۈرۈپ، پارتىيەمىزنىڭ يېڭى مەزگىلدىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېكىتتى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت بۇ شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇردى، شىنجاڭ خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەشكە نىشان- يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، ئۇنى تۈپ مىزان ۋە قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق 9- قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، بىر قاتار تاش- تۆمۈردە ئىز قالدۇرغۇدەك پۇختا تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا ئالاقىدار تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ۋەزىيەت ياراتتى. شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇھىتىدا كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بولۇپ، زامانىۋى پەن- تېخنىكا بىلىملىرىنى، مەدەنىي تۇرمۇش ئادىتىنى قوغلىشىدىغان ئىجتىمائىي كەيپىيات كۈنسېرى قويۇقلاشتى، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ تارقىلىشى ئاڭلىق توسۇلدى، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشى تېخىمۇ قويۇقلاشتى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنىڭ ئاممىۋى ئاساسى تېخىمۇ پۇختىلاندى، ھەر مىللەت ئامما كەلگۈسى گۈزەل تۇرمۇشقا نىسبەتەن ئۈمىدكە تولدى. پاكىتلار شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە تامامەن ئۇيغۇن، تامامەن دانا، توغرا، ئۇنىڭدا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش، قىلچە تەۋرەنمەسلىك شەرت.

  نەتىجىلەر ئاسان قولغا كەلمىگەن، تېخىمۇ ھەسسىلەپ قەدىرلەش كېرەك. 2017- يىلى 3- ئاينىڭ 10- كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5- يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇھىم سۆز قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىز پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، مۇقىملىقنى قوغداشنى سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بالدۇر تۇتۇش، كىچىكىدىن باشلاپ تۇتۇش، تېز تۇتۇش، ياخشى تۇتۇشنى مەۋقە قىلىپ، كەلگۈسى پىلان تۈزۈش، ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش، ئەبەدىي ئەمىنلىك ۋەزىيىتى يارىتىش، ئەبەدىي ئەمىنلىك ئىشلىرىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش كېرەكلىكىنى كۆرسەتتى. بۇ بىز ئۈچۈن ھەم ئىلھام، تېخىمۇ مۇھىمى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، ھەم رىغبەت، تېخىمۇ مۇھىمى تۈرتكە، بىز تەجرىبىلەرنى ئۈزلۈكسىز يەكۈنلەپ، ئۇزاققىچە جەڭ قىلىش ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش «بىرىكمە مۇشت»ىنى ياخشى ئېتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل ئىناق، مۇقىم بولۇشىغا پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى خاتىرجەم قىلىشىمىز، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بەخت يارىتىشىمىز كېرەك.

  بىرىنچى، باشتىن- ئاخىر تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى چىڭىتىپ، باش نىشان ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشىمىز كېرەك

  باش نىشان شوئار ئەمەس، بەلكى بىرتۇتاش يېتەكچىلىك، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تۇتقىسى، تۇتقا تۇتۇلسا، ھەممە ئىش يۈرۈشۈپ كېتىدۇ. شىنجاڭنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت بۇ باش نىشاننى چۆرىدەپ قانات يايدۇرۇش كېرەك. شىنجاڭدا، مۇقىملىق بولمىسا ھەممە ئىش نۆلگە تەڭ، ھەر قانچە ياخشى يىرىك پىلان ۋە لايىھەنىمۇ ئىشقا ئاشۇرۇش تەس، قولغا كەلتۈرۈلگەن تەرەققىيات نەتىجىلىرىمۇ قولدىن كېتىدۇ. نۆۋەتتە، شىنجاڭدا ئومۇملۇق مۇقىم بولغان، ۋەزىيەت كونتروللۇقىمىزدا بولغان، ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەن ھالەت بارلىققا كەلدى، ئۇدا 23 ئاي زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرى يۈزبەرمىدى، بىخەتەرلىككە خەۋپ يەتكۈزۈش دېلولىرى، ئاممىۋى بىخەتەرلىك ۋەقەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جىنايى ئىشلار دېلولىرى، ئامانلىق ساقلاش دېلولىرى زور مىقداردا ئازايدى، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ساقلاش ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكى ئۈنۈملۈك توسۇلدى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ بەخت تۇيغۇسى، ئېرىشىش تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى. لېكىن شۇنىمۇ سەگەكلىك بىلەن كۆرۈشىمىز كېرەككى، شىنجاڭنىڭ «ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كەتكەن» ۋەزىيىتىدە تۈپتىن ئۆزگىرىش بولغىنى يوق، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى كۈرەش ئۇزاق مۇددەتلىك، مۇرەككەپ، ئۆتكۈر، بەزىدە ھەتتا ناھايىتى كەسكىنلىشىپ كېتىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىز ئۇزاقتىن بۇيان كادىرلار قوشۇنىغا يوشۇرۇنۇۋېلىپ، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ مالىمانچىلىق تۇغدۇرماقچى بولغان بىر تۈركۈم «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدۇق. پاكىت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، دۈشمەن يېنىمىزدىلا، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتى دۇچ كېلىۋاتقان خىرىس يەنىلا كەسكىن، مۇرەككەپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىپىسى يەنىلا مۈشكۈل، ئېغىر، ئەبەدىي ئەمىنلىكتىكى چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرنى يەنە ئۈنۈملۈك ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، يەنىلا پۈتۈن شىنجاڭدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، ئۇزاققىچە جەڭ قىلىش ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، ئاگاھ سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىپ، ھەر ۋاقىت ھوشيارلىقنى ساقلاپ، دادىل مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئۆزىنى پارتىيەگە، دۆلەتكە بېغىشلايدىغان، پارتىيەگە، دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرىدىغان ئائىلە دۆلەت مۇھەببىتى، «دۆلەت ئۈچۈن ئۆلۈمگە پىسەنت قىلماسلىق»تەك قورقماس مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  مەرد مەيداندا سىنىلار، ھەقىقىي ئالتۇن كۈچلۈك ئوتتا تاۋلىنار. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىزگە تاپشۇرغان مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى كادىرلار قوشۇنىنى سىنايدىغان مۇھىم، زور سىناق. سىياسىيدا مۇستەھكەم، كۈچلۈك، بوران- چاپقۇننىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنى قۇرۇش شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىدا ئىنتايىن مۇھىم. نۆۋەتتە، بىزنىڭ قوشۇنىمىزدا باش نىشاننى تونۇش دەل جايىدا بولماسلىق، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە كەمتۈكلۈك بولۇش ئەھۋاللىرى يەنىلا مەۋجۇت، ئىدىيەدە بىخۇدلۇق قىلىش، ئىستىلدا لەيلىمىچىلىك قىلىش، تەدبىردە شەكىلۋازلىق قىلىش، بوشاڭلىق قىلىش، جەڭدىن بىزار بولۇش كۆرۈلۈپ تۇرۇۋاتىدۇ. ئىش ۋۇجۇدقا چىقمىغۇچە بەل قويۇۋەتمەسلىك كېرەك. بىز ھەرگىزمۇ دەسلەپكى جەڭدە غەلىبە قىلىپلا قورال- ياراغلارنى ئامبارغا سولىۋەتمەسلىكىمىز، جاھان تىنچلاندى، دەپ بىخۇدلاشماسلىقىمىز، ھەرگىزمۇ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتا دەسلەپكى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپلا قىلچە بوشىشىپ قالماسلىقىمىز، ھەرگىزمۇ ۋاقىتلىق مۇقىم بولۇش سەۋەبىدىن قىلچە بوشاڭلىق قىلماسلىقىمىز، ھەرگىزمۇ زوراۋان- تېررورچىلار، بۆلگۈنچىلەرنىڭ ۋاقىتلىق يوشۇرۇنۇۋېلىشى بىلەن ھوشيارلىقىمىزنى بوشاشتۇرۇپ قويماسلىقىمىز كېرەك. بىز ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، تېخىمۇ قەتئىي پوزىتسىيە، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر، تېخىمۇ قاتتىق ئىنتىزام، تېخىمۇ ئەمەلىيەتچىل ئىستىل بىلەن، كۆڭلىمىزنى توختىتىپ، بېسىمغا تاقابىل تۇرۇپ، توسالغۇلارنى يېڭىپ، سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىشىمىز، بۆلگۈنچىلەر ۋە دۈشمەن كۈچلەرگە پايدىلانغۇدەك پۇرسەت بەرمەسلىكىمىز، تىنىۋالغۇدەك پۇرسەت بەرمەسلىكىمىز، قايتا باش كۆتۈرۈپ چىقىش پۇرسىتى بەرمەسلىكىمىز، قايتا تىرىلىش پۇرسىتى بەرمەسلىكىمىز، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەپ، قەتئىي ئاداققىچە كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

  ئىككىنچى، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى كۈچەيتىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي ئاداققىچە كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك

  ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى سىڭدۈرمىچىلىك قىلىش بىلەن سىڭدۈرمىچىلىككە قارشى تۇرۇش، ئاغدۇرمىچىلىق قىلىش بىلەن ئاغدۇرمىچىلىققا قارشى تۇرۇش، بۆلگۈنچىلىك قىلىش بىلەن بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى بىر مەيدان ھايات- ماماتلىق سىياسىي كۈرەش. ئىدېئولوگىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش پارتىيەنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك، مىللەتنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە مەركەزگە ئىنتىلىشچانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك. ئىدېئولوگىيە كۈرىشىدە، بىز ھېچقانداق مۇرەسسە قىلىش، يول قويۇش ئىمكانىيىتى قالدۇرماسلىقىمىز، جەزمەن رەھبەرلىك ھوقۇقى، باشقۇرۇش ھوقۇقى، سۆز ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئاساسىي مېلودىيەنى ياڭرىتىپ، ئاكتىپ كۈچنى زورايتىپ، توغرا ئاممىۋى پىكىر يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جەڭگىۋارلىق روھىغا ئىلھام بېرىشىمىز، روھىنى ئۇرغۇتۇشىمىز، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئىتتىپاق- ئىناق، ئاۋات- باي، مەدەنىي- ئالغا باسقان، خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك. شىنجاڭدا مىللىي بۆلگۈنچىلىك ئۇزاقتىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن، چوڭقۇر يىلتىز تارتقان، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ تارقىلىش ۋاقتى ئۇزاق، يۇقۇملانغۇچىلار كۆپ، سىڭىپ كىرىشى چوڭقۇر بولۇپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە زەھەرنىڭ تەسىرىنى تازىلاش ۋەزىپىسى يەنىلا ناھايىتى مۈشكۈل. يۈرەك كېسىلىنى يۈرەك كېسىلى دورىسى بىلەن داۋالاش كېرەك. شىنجاڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەڭ ياخشى يۈرەك كېسىلى دورىسى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى تەربىيەسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا، «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشكە، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشقا، ھەر بىر مىللەت، ھەر بىر پۇقرانى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشقا، ۋەتەننىڭ گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىش شان- شەرىپىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشكە يېتەكلەش. شىنجاڭنىڭ تارىخىي مەسىلىلىرىنى توغرا تونۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ماركسىزملىق دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىگە ئاڭلىق تاقابىل تۇرۇشقا، قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن پارتىيەنى سۆيۈشكە، دۆلەتنى سۆيۈشكە، سوتسىيالىزمنى سۆيۈشكە يېتەكلەش كېرەك.

  «ئۈچ خىل كۈچ» شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا خەۋپ يەتكۈزىدىغان ئەڭ چوڭ بالايىئاپەت، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. «ئۈچ خىل كۈچ» شىنجاڭ تارىخى، مىللەتلەرنىڭ تەرەققىيات تارىخى، دىنلارنىڭ ئۆزگىرىش تارىخى ۋە مەدەنىيەتنىڭ يۇغۇرۇلۇش تارىخىنى ئىنكار قىلىپ، بۇرمىلاپ ۋە ئۆزگەرتىپ، سەپسەتە ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، كىشىلەر قەلبىنى قايمۇقتۇرۇپ، ئاممىنى ئالداپ، بىزدىن كىشىلەر قەلبىنى تالاشماقچى، ئاممىنى تالاشماقچى، بازىنى تالاشماقچى بولدى، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىن باشلاپ چىرىتمەكچى، سىڭدۈرمىچىلىك قىلماقچى بولدى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلماقچى، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا خەۋپ يەتكۈزمەكچى بولدى، شىنجاڭنى ۋەتىنىمىز قوينىدىن پارچىلاپ چىقىپ كەتمەكچى بولدى. «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ خىرىسىنى تارمار قىلمىساق، شىنجاڭدا ئەمىنلىك بولمايدۇ، تەرەققىياتقا ياخشى مۇھىت بولمايدۇ، ئامما خاتىرجەم ياشىيالمايدۇ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇملۇقى تەسىرگە ئۇچرايدۇ. بىز ئاڭلىق ھالدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، سىڭدۈرمىچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرۇپ، سىياسىي مەيدانىمىزنى مۇستەھكەملەپ، بۇرچ، مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ، بايرىقىمىز روشەن ھالدا «ئىككى پان» ئىدىيەسىگە رەددىيە بېرىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ دىندىن پايدىلىنىپ ئاممىنى مەجبۇرىي ئەگەشتۈرۈش، بۆلگۈنچىلىك قىلىشقا ئۇرۇنۇشتەك رەزىل نىيىتىنى چوڭقۇر پاش قىلىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى، جەمئىيەتكە قارشى، مەدەنىيلىككە قارشى ماھىيىتىنى ئېچىپ تاشلاپ، تەنقىدلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئۇلارنىڭ رەزىل ئەپت- بەشىرىسىنى ئېنىق تونۇپ يېتىشكە، مالىمانچىلىقنىڭ بالايىئاپەت، مۇقىملىقنىڭ خاتىرجەملىك ئىكەنلىكىدەك چوڭقۇر داۋلىنى ئېنىق تونۇپ يېتىشكە، يامانغا لەنەت ئوقۇپ، ياخشىغا مەدەت بېرىپ، ئادالەتنى ياقلاپ، ناھەقچىلىكنى تۈگىتىشكە يېتەكلەپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىن ئىبارەت بۇ مەيدان خەلق ئۇرۇشىدا قەتئىي غەلىبە قىلىشىمىز كېرەك. دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، توغرا كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كادىرلارنى چېنىقتۇرۇپ، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە داۋاملىق «ئۈچ خىل كۈچ»نى پاش قىلىدىغان، تەنقىدلەيدىغان، ئەيىبلەيدىغان كۈچلۈك داغدۇغا شەكىللەندۈرۈپ، ھەر مىللەت خەلق ئورتاق ھالدا ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغدايدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايدىغان، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدايدىغان پولات سېپىل قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

  ئۈچىنچى، نىزام چىقىرىش، نازارەت قىلىش فۇنكسىيەلىك رولىمىزنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ قانۇنچىلىق ئاساسىنى پۇختىلىشىمىز كېرەك

  باشتىن- ئاخىر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈش، «بىرىكمە مۇشت»نى ياخشى ئېتىش تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، كونكرېت خىزمەتلەردە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نىزام چىقىرىش، نازارەت قىلىش خىزمىتىدە ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ھەقىقىي تۈردە ياخشى نىزامدىن پايدىلىنىپ مۇقىملىقنى قوغدىشىمىز، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز، ماھىرلىق بىلەن ئىدارە قىلىشنى كاپالەتلەندۈرۈشىمىز كېرەك. شىنجاڭنىڭ مەسىلىسىدە ئەڭ ئۇزاققا سوزۇلىدىغىنى يەنىلا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەسىلىسى، قانۇندىن پايدىلىنىپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قانۇن ئېڭىنى كۈچەيتىش كېرەك. بىز باشتىن- ئاخىر پارتىيەنىڭ نىزام چىقىرىش خىزمىتىگە بولغان كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ «ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كەتكەن» ئالاھىدە ۋەزىيىتىگە ۋە يېڭى دەۋردىكى مىللەتلەر خىزمىتىگە قويۇلىدىغان يېڭى تەلەپكە بىرلەشتۈرۈپ، يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشىمىز، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئاپتونوم رايوننىڭ شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە تەسىر كۆرسىتىشكە چېتىلىدىغان بەزى مۇھىم، زور مەسىلىلەر، مۇھىم ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى نىزام چىقىرىش مۇساپىسىنى تېزلىتىشىمىز، بولۇپمۇ زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قانۇن بويىچە زەربە بېرىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە يۈرەكلىك سىناق قىلىپ، ئەمەلىيەت جەريانىدا قائىدە - نىزاملارنى ئۈزلۈكسىز تۈزىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك قانۇنچىلىق كاپالىتىگە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك.

  توغرا نازارەت قىلىش، ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قوللاشنى نازارەت قىلىش ئىچىگە قويۇپ، خىزمەتنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى نازارەت قىلىش خىزمىتىدە گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشتىكى «قانۇننى كۆزىتىش» ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇپ، نۇقتىلىق ھالدا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى»، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى» قاتارلىق قائىدە- نىزاملارنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىغا قارىتا قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە خىزمىتىنى قانۇن بويىچە ئالغا سىلجىتىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، تېررورىزم ۋە ئەسەبىزمنىڭ سىڭىدۈرمىچىلىكىگە تاقابىل تۇرۇش مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنىڭ ئالغا سىلجىتىلىش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنىڭ چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىنىڭ ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىغا تېخىمۇ كۆپ مەنپەئەت يەتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پائال تىرىشىش كېرەك.

  مۇقىملىق خەلقنىڭ ئارزۇسى، ۋەزىيەتنىڭ يۈزلىنىشى. مۇقىملىق بولسىلا، ئاندىن ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدىغىلى بولىدۇ؛ مۇقىملىق بولسىلا، ئاندىن تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرغىلى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى سىجىل ياخشىلىغىلى بولىدۇ؛ مۇقىملىق بولسىلا، ئاندىن پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىققىلى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پائال كۈچ قوشقىلى بولىدۇ. بىزنىڭ شىنجاڭ ياخشى جاي، پەقەت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدىلا، ياخشى جاي ھەممىلا جايدا ياخشى قىياپىتىنى نامايان قىلالايدۇ. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى بىلەن، بىزنىڭ نىشانىمىز چوقۇم ئىشقا ئاشىدۇ، شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى