تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تارىم نېفىتلىكىدە 100 مىليارد كۇب مېتىر دەرىجىلىك چوڭ گاز زاپىسى بايقالدى

  30 مىليون توننىلىق نېفىت - گازلىق قۇرۇلۇشىغا «ئىشەنچ قوشۇلدى»

  مۇخبىرىمىز ما يىنىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 12- ئاينىڭ 12- كۈنى، جۇڭگو نېفىتى تارىم نېفىتلىكىنىڭ كۇچا ئولتۇرۇشمىسى چۆلتاغ تۈزۈلمە بەلبېغىنىڭ ئوتتۇرا بۆلىكىدىكى تەۋەككۈل قىلىپ قېزىلغان تەكشۈرۈش قۇدۇقى ــــ جۇڭچيۇ 1- نومۇرلۇق قۇدۇقنى سىناق قىلىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، ئۇنىڭدىن كۈنىگە 330 مىڭ كۇب مېتىر تەبىئىي گاز، 21.4 كۇب مېتىر ئۇيۇپ ئاجرىلىپ چىقىدىغان ماي ئېلىنىپ، يۇقىرى مەھسۇلاتلىق سانائەت گاز ئېقىمىغا ئېرىشىپ، 30 مىليون توننىلىق نېفىت - گازلىق قۇرۇلۇشىغا «ئىشەنچ قوشۇلدى».

  تارىم نېفىتلىكى شىركىتى چارلاش ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى سەي جېنجۇڭ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى قۇدۇق سىنىقىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى بۇ جايدا 100 مىليارد كۇب مېتىر دەرىجىلىك ئۇيۇپ ئاجرىلىپ چىقىدىغان گاز زاپىسى بارلىقىدىن، چۆلتاغ تۈزۈلمە بەلبېغىدىكى نېفىت- گازنى چارلاپ تەكشۈرۈش ۋە ئومۇميۈزلۈك باھالاش ئۈچۈن بۆسۈش ئېغىزى ئېچىپ بېرىلگەنلىكىدىن، بىزنىڭ يەنە بىر يېڭى نېفىت - گاز توپلانغان رايون بەلبېغىنى ئاچقانلىقىمىزدىن دېرەك بېرىدۇ».

  تارىم نېفىتلىكى شىركىتىدىن ئىگىلىشىمچە، چۆلتاغ تۈزۈلمە بەلبېغى كۇچا ئولتۇرۇشمىسىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، چارلاپ تەكشۈرۈش كۆلىمى 5200 كىۋادرات كىلومېتىرغا، تەبىئىي گاز بايلىقى مىقدارى 1 تىرىليون 430 مىليارد كۇب مېتىرغا، نېفىت بايلىقى مىقدارى 283 مىليون توننىغا يېتىدىكەن. كۇچا ئولتۇرۇشمىسى شىمالدىن جەنۇبقا «ئۈچ بەلباغ، ئۈچ ئويمانلىق»قا بۆلۈنگەن بولۇپ، ئۇلار ئايرىم- ئايرىم ھالدا قاراسۇ، ئۆشكىلىك، چۆلتاغ تۈزۈلمە بەلبېغى ۋە ئۇچتۇرپان، باي، يېڭىسار ئويمانلىقىدىن ئىبارەت. بۇنىڭ ئىچىدە قاراسۇ تۈزۈلمە بەلبېغىنى 20 يىلدىن ئارتۇق جاپالىق چارلاپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق پۈتۈن لىنىيەدە بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، كېلا 2، كېشېن 2، كېشېن 8 قاتارلىق 22 نېفىت - گاز زاپىسى بايقالغان، بايلىق كۆلىمى 1 تىرىليون كۇب مېتىردىن ئاشىدىغان چوڭ گازلىق تېپىلىپ، كۇچا ئولتۇرۇشمىسىدا غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش گاز مەنبەسىگە بايلىق ئاساسى سېلىنغان.

  تارىم نېفىتلىكى جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز پاي ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ «چارلاش - ئېچىش - ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە يۇقىرى ئۈنۈملۈك چارلاشتا چىڭ تۇرۇپ، كۇچادا تەبىئىي گازنى چارلاش سالمىقىنى پائال ئاشۇردى، نۆۋەتتە چۆلتاغ تۈزۈلمە بەلبېغىنى چارلاشنى تېزلەتتى، جۇڭچيۇ 1- نومۇرلۇق قۇدۇقىنىڭ غەربىي قىسمىغا يېڭىدىن جۇڭچيۇ 2 - نومۇرلۇق قۇدۇقىنى چارلاشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، چارلاش نەتىجىسىنى كېڭەيتىپ، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش ۋە شىنجاڭدا يەرلىكنىڭ گاز ئىشلىتىشى ئۈچۈن يېڭى گاز مەنبەسى ئاچتى.

  ئېلىمىزدىكى مۇھىم نېفىت - گاز ئىشلەپچىقىرىش بازىسى ۋە غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈشتىكى ئاساسلىق گاز مەنبەلىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تارىم نېفىتلىكىنىڭ ھەر يىلى غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش گاز بىلەن تەمىنلەش مىقدارى ئەڭ دەسلەپتىكى 351 مىليون كۇب مېتىردىن 20 نەچچە مىليارد كۇب مېتىرغا كۆپەيدى، 14 يىلدا جەمئىي غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش تۇرۇبا تورى ئارقىلىق تەمىنلەنگەن گاز 220 مىليارد كۇب مېتىردىن ئېشىپ، 15 ئۆلكە، شەھەر، 120 نەچچە چوڭ، ئوتتۇرا شەھەردىكى تەخمىنەن 400 مىليون ئاھالىگە نەپ يەتكۈزدى.

  بۇ يىل دىنار نېفىت - گاز بىرتەرەپ قىلىش زاۋۇتىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، تارىم نېفىتلىكىدە يېڭىدىن بىر يۈرۈش 4 مىليون كۇب مېتىرلىق قۇرۇلما كۆپىيىپ، تەبىئىي گازنى كۈندىلىك بىرتەرەپ قىلىش مىقدارى 20 مىليون كۇب مېتىرغا يەتتى، بۇنىڭغا كېشېندىن كېلاغىچە بولغان ئالاقە لىنىيەسىنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكىنى قوشقاندا، قىش پەسلىدە گاز بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارى زور دەرىجىدە ئۆستى. نۆۋەتتە، تارىم نېفىتلىكى 27 مىليارد كۇب مېتىرلىق يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان بولۇپ، ھەر كۈنى غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش بويىچە 65 مىليون كۇب مېتىردىن ئارتۇق گاز بىلەن تەمىنلەيدۇ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنى 14 مىليون كۇب مېتىردىن ئارتۇق گاز بىلەن تەمىنلەپ، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈشنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى 400 مىليون ئاھالە ۋە جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى 4 مىليون پۇقرانىڭ قىشنى ئىللىق ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىۋاتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى