تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خەلق ئۇرۇشىدا قەتئىي غەلىبە قىلايلى

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مىللەتلەر كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى نەيىم ياسىن

  «ئۈچ خىل كۈچ» بىر كۈن يوقىتىلمايدىكەن، شىنجاڭدا ئەمىنلىك بولمايدۇ، تەرەققىياتتا ياخشى مۇھىت بولمايدۇ، ھەر مىللەت ئامما خاتىرجەم ياشىيالمايدۇ. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بولۇپمۇ ئاپتونوم رايونلۇق 9- قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي، كەسكىن، كەم- كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، پائال نەتىجە يارىتىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش «بىرىكمە مۇشت»ىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئېتىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى كۈچلۈك قوغداپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىدە مۇھىم، زور باسقۇچلۇق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، شىنجاڭنىڭ پۈتكۈل جەمئىيىتىدە ئومۇمىي ۋەزىيەت مۇقىم بولغان، ۋەزىيەت كونتروللۇقىمىزدا بولغان، ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەن ياخشى ھالەت نامايان بولۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، شىنجاڭ ئەمدى زوراۋانلىق، تېررورلۇق كۆپ، ئۈزۈلمەي يۈز بېرىدىغان جاي ئەمەس.

  بۇ يىل، مەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنلىرىدا ۋە سەككىز ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەردىكى تۈرلۈك پائالىيەتلەردە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى سۆزلىدىم، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈش، «بىرىكمە مۇشت»نى ياخشى ئېتىش توغرىسىدىكى يۈرۈشلۈك خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى سۆزلىدىم، شىنجاڭدىكى كىشىنى خۇشال قىلىدىغان ئۆزگىرىشلەرنى ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتنى سۆزلىدىم. ئىچكىرى جايلاردىكى ھەر دەرىجىلىك كادىرلار، ئاممىنىڭ ھەممىسى شىنجاڭنىڭ ئۇسۇلىنى ماختىشىپ، بىردەك شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم چەكسىز ساداقىتى ۋە كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىقى بىلەن قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپتۇ، «بىر قولدا زەربە بېرىشنى تۇتۇش، بىر قولدا ئالدىنى ئېلىش- مۇداپىئە كۆرۈش»تە چىڭ تۇرۇپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە يامرىشىنى ئۈنۈملۈك توسۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، «قەددىنى رۇسلاش جېڭى» قىلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ پولات سېپىلىنى مۇستەھكەملەپتۇ، دەپ قارىدى؛ كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ھازىر شىنجاڭ ناھايىتى ياخشى ئىدارە قىلىنىپتۇ، شىنجاڭ ھازىر ئىنتايىن بىخەتەر، شىنجاڭ ناھايىتى گۈزەل، چوقۇم شىنجاڭغا ساياھەتكە بېرىپ، شىنجاڭنىڭ تەبىئىي شارائىتى ۋە ئۆرپ- ئادىتى، تەرەققىيات، ئۆزگىرىشىنى كۆرۈپ كېلىمىز، دېيىشتى.

  ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى ھۆكۈمى ئىلمىي ئالدىن كۆرەرلىككە، چوڭقۇر كۆزىتىش كۈچىگە ئىگە، ئىنتايىن توغرا، ئىنتايىن دانا بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە تامامەن ئۇيغۇن، جەزمەن قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ھەرقانداق ۋاقىتتا بىز باش شۇجىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشىمىز، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشىمىز، باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزلىرىنى قان تومۇرىمىزغا سىڭدۈرۈپ، روھىمىزغا ئورنىتىپ، قەلبىمىزگە سىڭدۈرۈپ، ھەرىكىتىمىزگە ئايلاندۇرۇپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، كەم- كوتسىز ھالدا «ئىككىنى ھىمايە قىلىش»نى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشىمىز كېرەك؛ نۆۋەتتىكى «مۇقىملىق پايدىسى»نى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، قوغداپ، خەۋپ ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، باسقۇچلۇق غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەنسېرى قىلچە بوشىشىپ قالماي، كىرىچنى شۇنچە چىڭىتىپ، غەيرەتنى ئاشۇرۇپ، تولۇق تەييارلىق قىلىپ، ئۇزاققىچە جەڭ قىلىشنىڭ ئىدىيەۋى تەييارلىقى ۋە خىزمەت تەييارلىقىنى ياخشى قىلىپ، سىجىل كۈچەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى خاتىرجەم قىلىشىمىز كېرەك.

  بىرىنچى، جەزمەن باشتىن- ئاخىر دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنىڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش، تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك

  ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىزگە تاپشۇرغان سىياسىي ۋەزىپە، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى بولۇپ، ھازىر ئەسقاتىدۇ، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇزاققىچە ئەسقاتىدۇ، ھەرقانداق ۋاقىتتا، ھەرقانداق ئەھۋالدا قىلچىمۇ بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا، قىلچىمۇ تەۋرىنىشكە بولمايدۇ. شىنجاڭنىڭ بۆلگۈنچىلىك ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكى، مۇرەككەپلىكى، ئۆتكۈرلۈكىنى تولۇق تونۇش كېرەك، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئاسانلا داقا- دۇمباق چېلىش بىلەنلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ، بەلكى ئۇزاققا سوزۇلغان ئۇرۇش قىلىش ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. قەتئىي، كەسكىن ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باشتىن- ئاخىر باش نىشاننى ئومۇمىي پىروگرامما، يادرولۇق ۋەزىپە، كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خىزمەتنىڭ ئۈنۈم - نەتىجىسىنى ئۆلچەشنىڭ ئەڭ مۇھىم ئۆلچىمى قىلىپ، بوشاڭلىق، بىخۇدلۇق، جەڭدىن بىزار بولۇش كەيپىياتىنى قەتئىي يېڭىپ، باشتىن- ئاخىر زوراۋانلىق، تېررورلۇق شايكىلىرى ۋە زوراۋان- تېررورچى ئۇنسۇرلارغا قاتتىق زەربە بېرىش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاپ، قەتئىي تاقەت قىلمايدىغان پوزىتسىيە ۋە تەدبىر ئارقىلىق كادىرلار قوشۇنىدىكى «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر ۋە «ئىككى يۈزلىمىچىلىك»نى تولۇق تازىلاپ، ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىنى ئاداققىچە ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك؛ قەتئىي ھالدا بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلارغا ۋە دۈشمەن كۈچلەرگە ھېچقانداق پۇرسەت، تىنىۋالىدىغان پۇرسەت، قايتىدىن باش كۆتۈرىدىغان پۇرسەت، قايتا تىرىلىدىغان پۇرسەت بەرمەي، زوراۋانلىق، تېررورلۇقنىڭ ئۈزۈلمەي يۈز بېرىشىنى تارىخقا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك. كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە مەركىزىدە تەربىيەلەپ ئۆزگەرتىش خىزمەت ئۇسۇلى ئارقىلىق، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجە- ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلۈپلا قالماي، يەنە چوڭقۇر زەھەرلەنگەن زور بىر تۈركۈم ئامما قۇتقۇزۇۋېلىندى، بۇ، ھالقىنى تۇتقانلىق، نېگىزنى تۇتقانلىق، مەنبەنى تۇتقانلىق بولۇپ، ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش، چىڭ تۇتۇپ قويۇپ بەرمەسلىك كېرەك. ئۇزاقنى كۆزلەپ، تەدبىرلەرنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ سىياسەتلىرىدىن ھەقىقىي ياخشى پايدىلىنىپ، تىرىشىپ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، ئىجتىمائىي ئىناقلىق، مۇقىملىقنى ئالغا سىلجىتىشقا كۈچەپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئاممىغا نەپ يەتكۈزۈپ، ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ ئۇلىنى پۇختىلاش كېرەك.

  ئىككىنچى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى كۈچەيتىش كېرەك

  جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالى ۋە تارىخىي ئەنئەنىسىنى توغرا ئىگىلەش ئاساسىدا چىقارغان مۇھىم، زور ھۆكۈمى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئىتتىپاقلىشىش، ئىلگىرىلەش قانۇنىيىتىگە بولغان چوڭقۇر شەرھىسى. شىنجاڭ ئەزەلدىن جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، شىنجاڭدىكى مىللەتلەر جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قان قېرىنداش ئائىلە ئەزالىرى، شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەركىبىي قىسمى. شىنجاڭ تارىخىنى توغرا تونۇپ، كۆپ مىللەت بۈيۈك بىرلىكى ئەندىزىسىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئۇزاق مەزگىل ئورتاق كۈرەش قىلىش داۋامىدا شەكىللەندۈرگەن ئېسىل ئەنئەنىنى قەدىرلەپ ۋە ئەۋج ئالدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇش، خاتا پىكىر ئېقىمىنىڭ يىلتىزىنى چوڭقۇر قېزىشقا كۈچەش كېرەك. پارتىيەنىڭ بارلىق خىزمەتلەرگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، بايراق روشەن ھالدا ئىدىيەۋى يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، توغرا جامائەت پىكرى يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى، قانۇنچىللىق ئېڭى تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنى ئاكتىپ كۈچكە تولدۇرۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانۇنلۇقلىرىنى قوغداش، قانۇنسىزلىرىنى چەكلەش، ئەسەبىيلىكنى توسۇش، سىڭدۈرمىچىلىككە تاقابىل تۇرۇش، جىنايەتكە زەربە بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرنى قانۇن بويىچە تۈزەپ، يەر ئاستى تەپسىر، دىنىي تەلىم پائالىيىتىنى قەتئىي بىكار قىلىپ، ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ پەيدا بولۇش، يامراش ۋە تارقىلىش، سىڭىپ كىرىش تۇپرىقىنى تەلتۆكۈس يوقىتىش كېرەك. دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئۆگىنىش، كېڭەيتىش ۋە ئىشلىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئومۇملاشتۇرۇپ، ئاز سانلىق مىللەت كادىرلارنىڭ ھەممىسى خىزمەتتە دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئىشلىتىشى كېرەك؛ پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن تىل كۆۋرۈكى بەرپا قىلىش ئارقىلىق، شىنجاڭدىكى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ ئىلىم- پەن بىلىملىرىنى قوبۇل قىلىشى، مەدەنىيلىك نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشى، زامانىۋى جەمئىيەتكە سىڭىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. بارلىق مىللىي بۆلگۈنچىلىك پائالىيەتلىرىگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، مىللەت، دىن، كىشىلىك ھوقۇقنى باھانە قىلغان جۇڭگونى پارچىلاش، چەكلەش سۇيىقەستىگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا خەۋپ يەتكۈزىدىغان بارلىق سۆز- ھەرىكەتلەرگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكىگە پايدىسىز بارلىق پاسسىپ ئامىللارنى قەتئىي يېڭىپ ۋە يوقىتىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقنىڭ پولات سېپىلىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ باشتىن- ئاخىر شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى، ئىلگىرىلىشىنىڭ ئۇل تېشى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، ھەر مىللەت ئامما جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، كۆزىنى روشەنلەشتۈرۈپ، ھەق- ناھەقنى پەرقلەندۈرۈپ، «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى كۈچەيتىپ، ماركسىزملىق «بەش قاراش»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسرىشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھاياتىنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلىشى، مىللەتلەر ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشى كېرەك.

  ئۈچىنچى، جەزمەن خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ يىلتىز تارتىشىغا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇش كېرەك

  تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش بىر مەيدان چوقۇم غەلىبە قىلىدىغان جەڭ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق تەھدىتى بىر كۈن يوقىتىلمايدىكەن، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشى كىرىچىنى دەقىقىمۇ بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ. خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى مۇھىم سىياسىي ئورگان بولۇپ، جەزمەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە، مۇھىم، زور سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىشى، ئەڭ مۇھىم سىياسىي ئىنتىزام، سىياسىي قائىدە قىلىشى كېرەك. باشتىن- ئاخىر پارتىيەنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان، ئاخىرقى قارار چىقىرىدىغان نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، بارلىق ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نىزام چىقىرىش ھوقۇقى، نازارەت قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەت ھوقۇقلىرىنى قانۇن بويىچە ياخشى يۈرگۈزۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى كەم- كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. خەلق «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك»تىن ئەڭ نەپرەتلىنىدۇ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى خەلققە ۋەكىللىك قىلىدۇ، مۇقىملىقنى قوغداشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى ھەر ۋاقىت چىڭىتىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتكوملارنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش «بىرىكمە مۇشت»ىنى ياخشى ئېتىشىغا پائال ماسلىشىپ، مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشنىڭ سادىق ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىسى ۋە كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرگۈچىسى بولۇشى كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئەۋزەللىكى ۋە ئۈلگىلىك، باشلامچىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى، شۇنداقلا ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئاڭلىق ھالدا باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ تەشۋىقاتچىسى، نازارەتچىسى، خەۋەرچىسى، جەڭچىسى بولۇشى كېرەك؛ دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «ئىككى پان» خاتا ئىدىيەسىگە چوڭقۇر رەددىيە بېرىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى تەرغىب قىلغان «غازات يولىدا شېھىت بولغانلار جەننەتكە كىرىدۇ» دېگەن بىمەنە سەپسەتىنى ئېچىپ تاشلاپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى، جەمئىيەتكە قارشى، مەدەنىيلىككە قارشى ماھىيىتىنى پاش قىلىپ، تەنقىد قىلىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنىڭ كۈچلۈك ھەيۋىسىنى ساقلىشى كېرەك؛ جەمئىيەت ئەھۋالى ۋە ئەلرايىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، تۈرلۈك مۇقىمسىزلىق ئامىللىرى ئىنكاس قىلىنغان ئۇچۇرلارنى يىغىپ، مۇقىملىققا تەسىر يەتكۈزىدىغان، بىخ خاراكتېرلىك، خاھىش خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بايقاپ، باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيەت بىلەن ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنى پەسەيتىشى كېرەك؛ كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، باشتىن- ئاخىر خەلق ئاممىسى بىلەن قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى ساقلاپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئويى، ئارزۇسى، ئۈمىدىنى تولۇق ئىگىلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە مەنپەئەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، «خەلق ۋاكالەتچىسى»گە خاس تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، سەمىمىي غەمخورلۇقى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ توغرا رەھبەرلىكى، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلىشى نەتىجىسىدە، غەلىبە چوقۇم بىزگە مەنسۇپ بولىدۇ. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرۇپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلسىلا، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىن ئىبارەت بۇ مەيدان قاتتىق جەڭدە جەزمەن غەلىبە قىلغىلى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى جەزمەن ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى