تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

گۇاڭشىدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلىدى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت تېلېگرامما ئەۋەتىپ تەبرىكلىدى، ۋاڭ ياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، نەننىڭ، 12- ئاينىڭ 10- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ياڭ ۋېيخەن، جياڭ شياۋ، چىن شىڭشىڭ). گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن 60 يىلدا، گۇاڭشى تۇپرىقىدا يېڭى قىياپەت نامايان بولدى. 12- ئاينىڭ 10- كۈنى چۈشتىن كېيىن، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى گۇاڭشى تەنتەربىيە مەركىزىدە داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى ۋاڭ ياڭ تەبرىكلەش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  بۈگۈنكى نەننىڭ رەڭگارەڭ گۈللەرگە پۈركىنىپ، شاد- خۇراملىققا تولغانىدى، ھەممە جايدا خۇشال بايرام كەيپىياتى نامايان بولۇپ تۇراتتى. چىرايلىق كىيىنگەن ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى تەخمىنەن 22 مىڭ كادىر، ئامما گۇاڭشى تەنتەربىيە مەركىزىگە خۇشال جەم بولۇپ، كاتتا كۈننى ئورتاق تەبرىكلىدى. رەئىس سەھنىسىنىڭ ئۈستىگە جۇاڭزۇچە، خەنزۇچە ئىككى خىل يېزىقتا «گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى» دېگەن خەتلەر يېزىلغان لوزۇنكا ئېسىلغانىدى. «يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشايلى»، «يېڭى دەۋردە گۇاڭشىنىڭ تەرەققىيات يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتەيلى» دېگەن خەتلەر يېزىلغان زور لوزۇنكا ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق قەلب ساداسىنى ئىپادىلىگەنىدى. «ھەيۋەتلىك، گۈزەل گۇاڭشى قۇرۇپ، گۈللىنىش ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرايلى» دېگەن 12 چوڭ خەت ئېگىز ئېسىلغانىدى، ئۇنىڭ ئىككى تەرىپىدە «1958»، «2018» دېگەن رەقەملەر ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى.

  چۈشتىن كېيىن سائەت 3 ئەتراپىدا، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى چېن ۋۇ يىغىننىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى. ياڭراق دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ئاستا- ئاستا كۆككە كۆتۈرۈلدى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سۈن چۈنلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش توغرىسىدىكى تەبرىك تېلېگراممىسىنى ئوقۇدى.

  قىزغىن ئالقىش ساداسى ئىچىدە، ۋاڭ ياڭ تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: جەنۇبىي دىيار نەننىڭدا بارچە گۈللەر تەكشى ئېچىلىپ، گۇاڭشى تۇپرىقىدا ھەممەيلەن شادلىققا چۆمدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى ئېلىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تىلىكىنى ئېلىپ، گۇاڭشىدىكى ھەر مىللەت خەلق بىلەن ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى ئورتاق تەبرىكلىگەنلىكىمدىن ناھايىتى خۇشالمەن. مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن، گۇاڭشىدىكى 56 مىليون ھەر مىللەت كادىر، ئاممىدىن بايراملىق ھال سورايمەن ۋە ئۇلارغا ياخشى تىلەكلەرنى بىلدۈرىمەن.

  ۋاڭ ياڭ مۇنداق دېدى: گۇاڭشى ۋەتىنىمىزنىڭ جەنۇبىدىكى گۆھەر زېمىن، قەدىمدىن تارتىپ ھەرقايسى مىللەتلەر رەڭگارەڭ كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەتنى ياراتقان. يېقىنقى دەۋردىن بۇيان، گۇاڭشىدىكى باتۇر ھەر مىللەت ئوغۇل- قىزلىرى باشتىن- ئاخىر يۇرتنى، ۋەتەننى قوغداش ئالدىنقى سېپىدە مەزمۇت تۇرۇپ، ئىنقىلابىي كۈرەش دولقۇنىغا ئاتلاندى، تۈركۈم- تۈركۈم قەيسەر، سەمىمىي، سادىق بولغان غايىلىك ۋە ئىرادىلىك كىشىلەر بارلىققا كېلىپ، يەر- جاھاننى تەسىرلەندۈرىدىغان، تاغنى تالقان، چۆلنى بوستان قىلىدىغان جاسارەت بىلەن ۋەتەنپەرۋەرلىك سەھىپىلىرىنى پۈتتى. 60 يىل ئىلگىرى، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقى جاكارلىنىپ، ئىتتىپاقلىشىپ ئىلگىرىلەش، گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىش يېڭى مۇساپىسى باشلاندى. پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ پارلاق نۇرىدا، ئاپتونوم رايون ئاجايىپ كۈرەش مۇساپىلىرىنى بېسىپ ئۆتۈپ، تارىخ سەھىپىسىدە چاقناپ تۇرىدىغان شانلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى زور دەرىجىدە ئېشىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چوڭ قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەپ، خەلق تۇرمۇشى ناھايىتى زور دەرىجىدە ياخشىلىنىپ، ئېكولوگىيەنى تۈزەش نەتىجە- ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەندى. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايون جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يېڭى تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى.

  ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئاپتونوم رايوننىڭ 60 يىللىق شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ نەتىجىسى، گۇاڭشىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، بۇ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ غايەت زور ئەۋزەللىكىنى تولۇق گەۋدىلەندۈردى، مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمىنىڭ كۈچلۈك ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى. ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىياتىنى، ئىلگىرىلىشىنى باشتىن كەچۈرگەن بارلىق كادىرلار، ئامما، گۇاڭشىنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلگەن ۋە ئۇنى قوللىغان بارلىق ھەر ساھە زاتلىرى بۇنىڭدىن خۇشال بولۇشقا ۋە ئىپتىخارلىنىشقا ھەقلىق.

  ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى دەۋرگە كىرىپ، گۇاڭشى تارىخىي تەرەققىيات پۇرسىتىنى كۈتۈۋېلىپ، يېڭى تەرەققىيات باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ 2017- يىلى گۇاڭشىغا كېلىپ خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە، بىر قاتار مۇھىم يوليورۇقلارنى بېرىپ، خەلقنى بېيىتىپ گۇاڭشىنى گۈللەندۈرۈشكە ئائىت تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشكە ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئۈچ چوڭ ئورۇن»دىن ئىبارەت يېڭى بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، «بەشتە پۇختا بولۇش» يېڭى تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جاسارەت بىلەن گۇاڭشىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈش كېرەك. پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك مۇھىم سىياسەت- فاڭجېنلىرىنىڭ كەم- كوتسىز، دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيەنىڭ باشتىن- ئاخىر ھەر مىللەت خەلقنىڭ تايانچىسىغا ئايلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىغا سوتسىيالىستىك چوڭ ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك؛ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ سىلىق، مۇقىم ئېشىشى بىلەن سۈپەت، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئۆزئارا تۈرتكە بولۇشىنى، ئورتاق ئىلگىرىلىشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؛ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، مۇھىم ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ھەر تەرەپلىمە ئوچۇق تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتىنى بەرپا قىلىش كېرەك؛ تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىغا تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل نەپ يەتكۈزۈش كېرەك؛ مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك.

  ۋاڭ ياڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: 60 يىلدا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، يېڭى دەۋر كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، بىر نىيەت - بىر مەقسەتتە بولۇپ، كۆپنىڭ ئەقىل- پاراسىتى ۋە كۈچ- قۇدرىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ھەيۋەتلىك، گۈزەل گۇاڭشى قۇرۇپ، گۈللىنىش ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلايلى.

  گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى لۇ شىنشې يىغىندا سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ چوڭقۇر مېھىر- مۇھەببىتى ۋە گۈزەل تىلەكلىرىنى ئېلىپ كەلدى. بىز چوقۇم باش شۇجى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىنى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەردانە ئىلگىرىلىشىدىكى قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، «ئۈچ چوڭ ئورۇن»دىن ئىبارەت يېڭى بۇرچنى قەتئىي ئادا قىلىپ، «بەشتە پۇختا بولۇش» يېڭى تەلىپىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، تىرىشىپ گۇاڭشىنى تېخىمۇ گۈللەنگەن، باي، تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن، يېڭىلىق يارىتىشچان، تېخىمۇ ئىتتىپاق، ئىناق، تېخىمۇ گۈزەل، ئىشەنچكە تولغان قىلىپ قۇرۇپ، جاسارەت بىلەن يېڭى دەۋردە گۇاڭشىنىڭ تەرەققىيات يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ، ھەيۋەتلىك، گۈزەل گۇاڭشى قۇرۇش، گۈللىنىش ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

  ئامما ۋەكىللىرىدىن پەن چىڭبياۋ، شيا سىچۇ يىغىندا سۆز قىلدى.

  ئارقىدىن، «جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان يېڭى دەۋر، ھەيۋەتلىك، گۈزەل يېڭى گۇاڭشى» تېمىسىدىكى ئاممىۋى ئەدەبىيات- سەنئەت نومۇرى ئورۇنلاندى. ئەدەبىيات- سەنئەت نومۇرىدا «گۈل دېڭىزى مېھمانلارنى، دوستلارنى قارشى ئالىدۇ» مۇقەددىمە قىلىنغان، ئۇ «ئىناق چوڭ ئائىلە»، «ھەيۋەتلىك، گۈزەل يېڭى گۇاڭشى»، «جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان يېڭى دەۋر»دىن ئىبارەت ئۈچ بۆلەككە بۆلۈنگەن. ئاخىرىدا، پۈتۈن مەيداندىكىلەر يۇقىرى ئاۋازدا «ۋەتەنگە مەدھىيە»نى ئېيتىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللەپ ياشنىشى، گۇاڭشىنىڭ ئەتىسىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

  مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرىدىن يوۋ چۈەن، بەيماچىلىن، ما بياۋ، باتېر، مياۋ خۇا ۋە مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بارلىق ئەزالىرى ھەم گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى