تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

باش نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاكتىپ تۆھپە قوشىمەن

  قومۇل شەھەرلىك ئەدلىيە ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى يۈسۈپ ئابلىز

  نۆۋەتتە، شىنجاڭ يەنىلا «ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كەتكەن» ئالاھىدە مەزگىلدە تۇرماقتا، شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش ۋەزىپىسى يەنىلا مۈشكۈل. بىز سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغدىشىمىز، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغدىشىمىز، ئىدىيەمىزنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى تەھلىلى، ھۆكۈمىگە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، ھەر مىللەت ئاممىغا زىچ تايىنىپ، باشتىن- ئاخىر قاتتىق زەربە بېرىش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاپ، بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداشتىن ئىبارەت بۇ قاتتىق جەڭنى ياخشى قىلىشىمىز كېرەك. پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىدە ئاتاكىغا ئۆتۈپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشۇش مەسئۇلىيىتىم ۋە مەجبۇرىيىتىم بار.

  بىرىنچى، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ئېلىپ كەلگەن ئاپەتنى چوڭقۇر تونۇش كېرەك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىر قىسىم كىشىلەر دىن بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، دىنىي تەلۋىلىككە قۇتراتتى. مەقسەتلىك ھالدا زامانغا لايىق تۇرمۇشنى دىنىيلاشتۇرۇشقا ئاستىرتىن كۈچەپ، جەمئىيەت تەرتىپىنى ئېغىر قالايمىقانلاشتۇردى؛ بىر قىسىم كىشىلەر ئاستىرتىن ماسلىشىپ، دىنىي قائىدە ھەممىدىن ئەلا، دىنىي قائىدە دۆلەت قانۇنىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، دېگەننى ھە دەپ تەرغىب قىلىپ، دۆلەتنىڭ قانۇن- نىزاملىرىغا توسقۇنلۇق قىلدى، ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇشى بىلەن قارشىلاشتى؛ بىر قىسىم كىشىلەر دىنىي ئەقىدىلەرنى بۇرمىلاپ، باشقىلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ئارىلىشىپ، بېكىنمىچىلىك، قالاقلىق، نادانلىق، چېكىنىش قارىشىنى تارقىتىپ، بارلىق زامانىۋى مەدەنىيەت ۋە مۇنەۋۋەر مەدەنىيەتنى چەتكە قاقتى. دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ شىنجاڭغا ئېلىپ كېلىدىغىنى ئىناقلىق، مۇقىملىق ۋە خاتىرجەملىك، ئىتتىپاقلىق ئەمەس، گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىش ۋە مەدەنىيلىك، ئىلگىرىلەشمۇ ئەمەس، ئېلىپ كېلىدىغىنى پەقەت نادانلىق، نامراتلىق ۋە قالاقلىق، ئەسەبىيلىكتىن ئىبارەت. بۈگۈنكى كۈندە بىز ئاشۇ سۇيىقەستلەرنى چوقۇم ئېنىق تونۇپ، بىلىپ ۋە ئېچىپ تاشلاپ، ھەرىكىتىمىز، ساداقىتىمىز ئارقىلىق دۆلەت مەنپەئىتىنى قوغدىشىمىز، قانۇننىڭ ئىززەت- ھۆرمىتىنى قوغدىشىمىز كېرەك. مەن پارتىيە يېتىشتۈرگەن كادىر، مەن كوممۇنىزمغا ئېتىقاد قىلىمەن، ھېچقانداق دىنغا ئېتىقاد قىلمايمەن. مەن تارىخىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممەمگە ئېلىپ، تېخىمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھەرىكەتكە كېلىپ، قەتئىي ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى كۈرەش قىلىمەن.

  ئىككىنچى، قالاق ئادەتلەرنى دادىل تۈگىتىپ، ساغلام، مەدەنىي يېڭى تۇرمۇشقا يۈزلىنىش كېرەك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش «بىرىكمە مۇشت» تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇردى، ئەمەلىيلەشتۈردى، ئىجتىمائىي مۇھىت يەنىمۇ ئىناق، تىنچ بولدى، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى يەنىمۇ ئۆستى، ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى يەنىمۇ كۈچەيدى. بىر قىسىم ئۇيغۇر كادىر، ئامما باتۇرلۇق بىلەن ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ كۆڭلىدىكى ھەقىقىي ئويلىغانلىرىنى بىلدۈردى، مەن بۇنىڭدىن چوڭقۇر تەربىيە ۋە ئىلھام ئالدىم. قېرىنداشلار، بىز قەتئىي ھالدا «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىپ»، كونا قائىدە، قالاق ئادەتلەرنى تۈگىتىپ، ساغلام، مەدەنىي يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈشىمىز كېرەك.

  ئۈچىنچى، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈپ، ماھىيەتنى ئېنىق تونۇپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىش كېرەك. «ئۈچ خىل كۈچ» شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان مەنبە، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكىتى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىدىكى رېئال خەۋپ. كادىرلار قوشۇنىدىكى «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ياخشى سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش شوئارىنى توۋلىسىمۇ، ئەمەلىيەتتە تەشكىلگە ئاسىيلىق قىلىدىغان، خەلققە ئاسىيلىق قىلىدىغان قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللاندى. خالىغانچە ۋەقە سادىر قىلىدىغان زوراۋان- تېررورچىلارغا سېلىشتۇرغاندا، كادىرلار قوشۇنىغا يوشۇرۇنۇۋالغان «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ خەۋپى تېخىمۇ زور. بىز كۆزىمىزنى روشەنلەشتۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ جىنايى مەقسىتىنىڭ شىنجاڭنى ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىدىن پارچىلاپ چىقىپ كېتىشكە تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇش ئىكەنلىكىنى ئېنىق تونۇپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ خەۋپىنى ئېنىق تونۇپ، ئۇلارنىڭ يالغانچىلىقى ۋە سۇيىقەستىنى ئېچىپ تاشلاپ، بەختلىك تۇرمۇشىمىزنى ئورتاق ياخشى قوغدىشىمىز، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ئورتاق قوغدىشىمىز كېرەك. بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى قاتارلىق چوڭ ھەق- چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە، تۆۋەن چەك، قىزىل سىزىق ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، باشتىن- ئاخىر بايرىقىمىزنى روشەن، مەيدانىمىزنى مۇستەھكەم، ئىچى- تېشىمىزنى بىردەك قىلىپ، قەتئىي مۈجمەل گەپ قىلماي، پوزىتسىيەدە تۇتۇق بولماي، قەتئىي ھالدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرۇپ، ھالقىلىق پەيتتە ئاتاكىغا ئۆتۈپ، زەربىدار بولۇپ، قورقماي، چېكىنمەي، پارتىيەگە، دۆلەتكە ئۆزىمىزنى بېغىشلاپ، پارتىيەگە، دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىشقا قەسەم قىلىشىمىز كېرەك.

  پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيە ماڭا ئاتا قىلغان مۇقەددەس بۇرچنى ھەر ۋاقىت ئۇنتۇماي، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى كۆزلەپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي مەيدانى مۇستەھكەم بولۇشنىڭ ئۈلگىسى، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۈلگىسى، سادىقلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنىڭ ئۈلگىسى، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئۈلگىسى، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ ئۈلگىسى بولىمەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش توغرىسىدىكى تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بارلىق دۈشمەن ئۇنسۇرلارغا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بارلىق سۆز- ھەرىكەتلەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئائىلەمدىكىلەرنى، ئۇرۇق- تۇغقانلىرىمنى، دوستلىرىمنى ۋە ئەتراپىمدىكى ئاممىنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەپ، تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسى، تېخىمۇ پۇختا ئىستىل ئارقىلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى يوقىتىپ، «ئىككى پان» ئىدىيەسىنىڭ زەھىرىنى تازىلاپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاكتىپ تۆھپە قوشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى