تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

سىياسىي مەيدانىمنى مۇستەھكەملەپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغدايمەن

  ئاقسۇ گېزىتخانىسى تەھرىر مەركىزىنىڭ مۇھەررىرى ئۆمەر ئوسمان

  جۇڭگو كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەت، بۇ زېمىندا 56 مىللەت ياشاۋاتىدۇ، شىنجاڭ ۋەتىنىمىز زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، شۇنداقلا كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جاي. جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز ھەممەيلەن چوقۇم «مىللەتلەر ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشى كېرەك» دېگەن بۇ سۆزنى ئەستە چىڭ ساقلىشىمىز كېرەك.

  شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ۋە كۆپ خىل دىنىي ئېتىقاد تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان رايون، مىللەتلەر تارىختا ئوخشاش بولمىغان دىنلارغا ئېتىقاد قىلغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىل ئېتىقادمۇ ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تۇرغان. مەسىلەن: ئۇيغۇرلار تارىختا ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ ئىپتىدائىي دىن، شامان دىنى، زوروئاستىر دىنى، بۇددا دىنى، مانى دىنى، نېستورىيان دىنى قاتارلىق كۆپ خىل دىنغا ئېتىقاد قىلغان، ئەڭ ئاخىرىدا ئاندىن ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش شىنجاڭنىڭ دىن ئەندىزىسىنىڭ تارىخىي ئالاھىدىلىكى، شۇنداقلا مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان پاكىت. لېكىن «ئۈچ خىل كۈچ» تارىخىي پاكىتلارغا قارىماي، شىنجاڭدىكى دىنلارنىڭ ئۆزگىرىش تارىخىنى بۇرمىلاپ ۋە ئويدۇرۇپ چىقىپ، دىندىن پايدىلىنىپ بۆلگۈنچىلىك، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى.

  «ئۈچ خىل كۈچ» زەھەرلىك ئۆسمە، ئۇلار «مىللەت» بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، «دىن» تونىغا ئورىنىۋېلىپ، بىمەنە سەپسەتە ئويدۇرۇپ ئاممىنى قايمۇقتۇرۇپ، دىنىي تەلۋىلىكنى تەرغىب قىلىپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، ۋەتەننى پارچىلاش جىنايى مەقسىتىگە يېتىشكە تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى، شىنجاڭنى ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ چوڭ لاگېرىغا ئايلاندۇرۇشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى، ئۇلارنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مىللەتلەر خۇشال - خۇرام، ئىناق ئۆتۈۋاتقان بۇ زېمىندا قىلمىغان ئەسكىلىكى قالماي، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك نەپرىتىنى قوزغىدى. بىز جەزمەن مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ماركسىزملىق دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى ۋە دىن قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىشقا قەسەم قىلىشىمىز كېرەك. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋەزىيەتنىڭ يۈزلىنىشى، خەلقنىڭ ئارزۇسى. مىللەتلەرنىڭ ئىناق ئۆتۈشى بولمىسا، جەمئىيەتنىڭ تىنچلىقى، ئىتتىپاقلىقى بولمايدۇ؛ جەمئىيەتنىڭ تىنچلىقى، ئىتتىپاقلىقى بولمىسا، دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىياتى بولمايدۇ؛ دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىياتى بولمىسا، مىللەتلەرنىڭ گۈللىنىشى، روناق تېپىشى بولمايدۇ. پارتىيە شىنجاڭنىڭ گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن بىر قاتار ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى تۈزۈپ چىقتى، بىز ئۇنىڭدىن چەكسىز مەنپەئەتلەندۇق، مۇرەككەپ، مۈشكۈل بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىگە دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەتتە، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىزنىڭ ۋەتىنىمىزنىڭ تىنچلىقى، ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ بەختى ئۈچۈن دادىل، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، ئېغىر يۈكنى كۆتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ، سىياسىي مەيدانىمىزنى مۇستەھكەملەپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قەتئىي قوغداش مەسئۇلىيىتىمىز بار، مەجبۇرىيىتىمىزمۇ بار.

  پارتىيەنىڭ ئاخبارات خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن بۇرچۇمنى ھەر ۋاقىت ئەستە چىڭ ساقلايمەن. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئاتاكا سىگنالىنى ياڭراتتى، ئاخبارات خىزمەتچىلىرى تەشۋىقات سېپىدىكى ئاساسىي قوشۇن بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، تېخىمۇ مۇھىمى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئاخبارات، تەشۋىقات خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىشىمىز، ئۇنى ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دەۋرنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، ئۇدا جەڭ قىلىدىغان، مەڭگۈ بوشاشمايدىغان خىزمەت ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق يېڭى دەۋرنى كۈيلەپ، يېڭى بۇرچنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىپ، يېڭى نىشان، يېڭى مۇساپىگە قاراپ چوڭ قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك. ئاخبارات خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز سىياسىيدا ئىشەنچلىك ئادەم، ئىدىيەدە زېرەك ئادەم، ئەمەلىيەتتە باشلامچى ئادەم بولۇپ، پائال ئاكتىپ كۈچ تارقىتىپ، ئىتتىپاق- ئىناق، ئاۋات- باي، مەدەنىي- ئالغا باسقان، خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى