تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

قەتئىي، كەسكىن ھالدا باش نىشاننىڭ قوغدىغۇچىسى بولىمەن

  ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ئىلھام ئوسمان

  شىنجاڭ قەدىمدىن تارتىپ ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، تارىختىن بۇيان كۆپ مىللەت، كۆپ دىن، كۆپ مەدەنىيەت سىڭىشكەن، ئۇچراشقان جاي. شىنجاڭدىكى مىللەتلەر جۇڭخۇا مىللىتى ئائىلىسىنىڭ قان قېرىنداش ئەزالىرى. ئۇيغۇر مىللىتى ئۇزاق مەزگىللىك كۆچۈش، مىللەتلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇشى نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن، تۈركلەرنىڭ ئەۋلادى ئەمەس. كۆپ دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش شىنجاڭنىڭ دىن ئەندىزىسىنىڭ تارىخىي ئالاھىدىلىكى، ئىسلام دىنى ھەم ئۇيغۇر مىللىتى ئەلمىساقتىن تارتىپ ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن دىن ئەمەس، ھەم بىردىنبىر ئېتىقاد قىلغان دىنمۇ ئەمەس. شىنجاڭدا ياشاۋاتقان ھەر مىللەت جۇڭخۇا ئوغۇل- قىزلىرى شىنجاڭنى ئورتاق ئېچىپ، قۇرۇپ، پارلاق، شانلىق جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئورتاق ياراتقان.

  «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر شىنجاڭنى ۋەتىنىمىز قوينىدىن پارچىلاپ چىقىپ كېتىش جىنايى مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، «مىللەت» بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، «دىن» تونىغا ئورىنىۋېلىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ۋە «ئىككى پان» ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، بىگۇناھ ئاممىنى خالىغانچە ئۆلتۈرۈپ، چېكىدىن ئاشقان جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزدى. قانلىق پاكىت بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ قىلىۋاتقىنى ئىنسانىيەتكە قارشى، جەمئىيەتكە قارشى، مەدەنىيلىككە قارشى جىنايى زوراۋان قىلمىش، ئۇلار ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، ۋەتەننى پارچىلاش، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈشنى مەقسەت قىلغان ھەرقانداق جىنايى قىلمىش جەزمەن قانۇننىڭ قاتتىق جازاسىغا ئۇچرايدۇ.

  يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىدا، بولۇپمۇ ئاپتونوم رايونلۇق 9- قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنىڭ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىنى سىجىل قانات يايدۇردى، بۈگۈنكى شىنجاڭدا ئومۇمىي ۋەزىيەت مۇقىم بولغان، ۋەزىيەت كونتروللۇقىمىزدا بولغان، ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەن ھالەت نامايان بولدى، ئۇدا 23 ئاي زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى يۈز بەرمىدى، قانۇنسىز يەرئاستى تەپسىر پائالىيىتى يۈز بەرمىدى، جىنايى ئىشلار دېلولىرى، ئامانلىق ساقلاش دېلولىرى، خەۋپسىزلىككە خەۋپ يەتكۈزۈش دېلولىرى، ئاممىۋى بىخەتەرلىك ۋەقەلىرى زور دەرىجىدە ئازايدى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە بولغان ئىشەنچى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، شىنجاڭ ئىقتىسادى تەكشى، ساغلام تەرەققىي قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى، تۈرلۈك ئىشلار ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىدى. تارىخ شۇنى كۈچلۈك ئىسپاتلىدىكى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى شىنجاڭ خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان بايراق ۋە يۆنىلىش، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدىلا، شىنجاڭ گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ. مەن ھەر مىللەت ئاممىنى «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ جىنايى ماھىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، دۈشمەننىڭ رەزىل غەرىزى ۋە رەزىل ئەپت - بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلاپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ ھەيۋىسىنى قەتئىي يەرگە ئۇرۇپ، ئۈزۈل- كېسىل تولۇق يوقىتىشقا پائال يېتەكلەيمەن.

  مەن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى داۋاملىق چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، باشتىن - ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا باش نىشاننى ئىزچىللاشتۇرىمەن، ئەمەلىيلەشتۈرىمەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، مۇستەھكەم سىياسىي مەيدان، كۈچلۈك ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىقى، ئەمەلىي خىزمەت ئىستىلى، روشەن ھەق - ناھەق ئۆلچىمى ۋە سەمىمىي خەلقچىللىق ھېسسىياتىنى ساقلاپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىن ئىبارەت بۇ مۇھىم، زور پىرىنسىپال مەسىلىدە باشتىن- ئاخىر بايرىقى روشەن، مەيدانى مۇستەھكەم، تونۇشى بىردەك، ئىچى بىلەن تېشى بىردەك، پوزىتسىيەدە قەتئىي، قەدەمدە بىردەك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۆز ئەمەلىيىتىم بىلەن ئۈلگە بولۇپ، يۇقىرىدىن تۆۋەندىكىلەرگە يېتەكچىلىك قىلىپ، دادىل، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي، قەتئىي، كەسكىن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى ئاداققىچە قانلىق جەڭ قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنىڭ پولات سېپىلىنى بەرپا قىلىشقا يېتەكلەيمەن.

  باش نىشاننىڭ قەتئىي قوغدىغۇچىسى بولىمەن. قەتئىي تەۋرەنمەي ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئومۇمىي پىروگرامما، يادرولۇق ۋەزىپە، كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، باشتىن- ئاخىر مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، يۈكسەك ھوشيار بولۇپ، ئاگاھ سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش «بىرىكمە مۇشت» تەدبىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرىمەن، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پىلانلاپ، قانات يايدۇرۇپ، ئالغا سىلجىتىپ، «ئەترەت ئەزالىرى ۋەكىل بولۇش، ئورۇنلار تىرەك بولۇش، بىرىنچى قول رەھبەر باش مەسئۇل بولۇش» تەلىپىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، داۋاملىق «ئەڭ جەڭ قىلالايدىغان كىشىلەر»نى تاللاپ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش، ئېغىر نامرات كەنتلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرگە قاتنىشىشقا تاللاپ ئەۋەتىپ، قەرەللىك زىيارەت قىلىش، دائىم يېتەكلەش، پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك يۈكسەلدۈرۈش، كېڭەيتىشكە سىجىل تۈرتكە بولۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىمەن.

  بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرگۈچى بولىمەن. باشتىن- ئاخىر پارتىيەگە سادىق بولۇش، ۋەتەنگە سادىق بولۇش، خەلققە سادىق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پەيتنى قولدىن بەرمەيدىغان روھ، ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ دەيدىغان ئىستىل، ھەققانىيەت يولىدىن قايتمايدىغان مەنزىل ئارقىلىق بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىگە ئاتلىنىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بارلىق دۈشمەن ئۇنسۇرلارغا قارشى قەتئىي، كەسكىن كۈرەش قىلىمەن! دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى سىجىل چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، بايرىقىم روشەن ھالدا «ئىككى پان» ئىدىيەسى ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تەنقىد قىلىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ رەزىل ئەپت - بەشىرىسىنى چوڭقۇر ئېچىپ تاشلاپ ۋە تەنقىد قىلىپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى چوڭقۇر قېزىپ، ئېچىپ تاشلاپ، تەنقىد قىلىپ، قاتتىق تەكشۈرۈپ، باشتىن- ئاخىر بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشتە ئاۋانگارت بولۇش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتا زەربىدار بولۇش، ئاممىنى يېتەكلەشتە بايراقدار بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ئۈچۈن ئاكتىپ تۆھپە قوشىمەن.

  جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنىڭ سادىق قوغدىغۇچىسى بولىمەن. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ۋە جۇڭگو ئارزۇسى تەشۋىق - تەربىيەسىنى سىجىل چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەشكە يېتەكلەيمەن. باشتىن- ئاخىر مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، باشلامچىلىق بىلەن «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، ۋاڭ ۋېي خاتىرە سارىيى قاتارلىق ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى تەربىيەسى بازىلىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھاياتىنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، مىللەتلەر ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىش ياخشى ۋەزىيىتىنى پائال يارىتىشقا يېتەكلەپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بارلىق كۈچۈمنى قوشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى