تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىمەن

جىڭ ناھىيەسى داخىيەنزى بازارلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بازار باشلىقى يارمەمەت مامۇت

  مەن شىنجاڭدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، مېنىڭ بارلىق ئۆسۈپ يېتىلىشىم، ئىلگىرىلىشىم پارتىيەنىڭ ئىللىق نۇرىغا چۆمۈلگەن. پارتىيە تەشكىلىنىڭ كۆپ يىل كۆڭۈل قويۇپ يېتىشتۈرۈشىدە، مەن قەدەممۇ قەدەم ھازىرقى خىزمەت ئورنىغا چىقتىم، قەلبىم پارتىيەگە بولغان چوڭقۇر مىننەتدارلىق ھېسسىياتىغا تولدى. مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى، مېنىڭ ئېتىقادىم ماركسىزم، مەن ھەرقانداق دىنغا ئېتىقاد قىلمايمەن.

  ئېسىمدە قېلىشىچە، كىچىكىمدە تۇرمۇش جاپالىق بولغاچقا، نۇرغۇن تەڭتۇش دوستلىرىم تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتكۈزۈپلا جەمئىيەتكە قەدەم قويۇپ، كالا بېقىپ، يەر تېرىپ، ئۆيىدىكىلەرگە ياردەملىشىپ تۇرمۇشىنى قامدىغانىدى، سىرتقا چىقىپ ئوقۇيدىغانلار كەمدىن - كەم ئۇچرايتتى، ئەتراپىمدىكى نۇرغۇن ياشانغان كىشى ھەتتا بىر ئۆمۈر بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىن چىقىپ باقمىغانىدى. ھازىرغا قارايدىغان بولساق، بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىدى، ئىجتىمائىي كاپالەت ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى، داۋالاش سەۋىيەسى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئاشتى. مەسىلەن، بالىلار مەكتەپكە بارسا مەكتەپ ئاپتوموبىلى ئاپىرىپ ئەكىلىدۇ، رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپى، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى بار، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى بار، نۇرغۇن بالا بورتالا ئوبلاستىدىن، شىنجاڭدىن چىقىپ بىلىم ئالماقتا. شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت ئامما ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك ياردەمدىن بەھرىمەن بولماقتا، ھەر يىلى يەنە سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرتەلەيدۇ. ئاممىغا ئايان بولغان بۇ بارلىق ئۆزگىرىشلەر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى، كۆيۈنۈشىدىن كەلگەن. شۇڭا، مەن چوقۇم پۈتكۈل بازاردىكى ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، دېھقان- چارۋىچى ئاممىنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەيمەن.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، غەربتىكى دۈشمەن كۈچلەر، دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ قايمۇقتۇرۇشى، تىزگىنلىشىدە، «ئۈچ خىل كۈچ» «مىللەت» «دىن»نى دەستەك قىلىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلىپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلدى، ئۇلارنىڭ جىنايى قىلمىشى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان، كىشىنى غەزەپلەندۈرىدىغان بولۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزدى. ھەتتا، بەزى پارتىيەلىك كادىرلار كومپارتىيەنىڭ تامىقىنى يەپ، كومپارتىيەنىڭ قازىنىنى چېقىپ، ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ» بىلەن تىلىنى بىر قىلىۋېلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان يامان ئىشلارنى قىلدى. «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر زوراۋان- تېررورچىلاردىنمۇ ھىيلىگەر، قۇۋ، ئۇلارنىڭ خەۋپى تېخىمۇ رېئال، تېخىمۇ ئېغىر، بالايىئاپىتى تېخىمۇ ئۇزاققا سوزۇلغان. بىز ھازىر دۇچ كەلگەن بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋەزىيىتى كەسكىن، مۇرەككەپ، ھەتتا ئىنتايىن ئۆتكۈر، بىز چوقۇم ھەر ۋاقىت ئاگاھ سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىپ، ئۇزاققىچە ھوشيار بولۇپ، كۆزىمىزنى روشەنلەشتۈرۈپ، ھەق- ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ ئەپت- بەشىرىسىنى ئېنىق كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ ماھىيىتىنى ئېنىق تونۇپ، زوراۋان- تېررورچىلارغا قاتتىق زەربە بېرىش بىلەن بىللە، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى چوڭقۇر قېزىش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ئۇلارنى قەتئىي تارتىپ چىقىشىمىز، پاكىز يوقىتىشىمىز كېرەك. مۇشۇنداق قىلمىساق، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ئەڭ ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولمايدۇ؛ مۇشۇنداق قىلمىساق، شىنجاڭدا مەڭگۈ ئەمىنلىك بولمايدۇ.

  كومپارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن شۇنداق تەنتەنىلىك ۋەدە بېرىمەنكى: سىياسىي ئاڭ، ئومۇملۇق ئېڭى، يادرو ئېڭى ۋە بىردەكلىك ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، مەيدانىمنى مۇستەھكەم، بايرىقىمنى روشەن قىلىپ، باشلامچىلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى بازىسىنى قەتئىي ساقلايمەن؛ تەشەببۇسكارلىق بىلەن باشلامچى بولۇپ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىنى، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى