شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12-ئاينىڭ 6-كۈنى تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى 2019-يىلىدىكى قىسمەن بايرام-دەم ئېلىش كۈنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى ئېلان قىلدى.
گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن، ھازىر 2019-يىلىدىكى يېڭى يىل، چاغان، چىڭمىڭ بايرىمى، ئەمگەكچىلەر بايرىمى، دۈەنۋۇ بايرىمى، جۇڭچيۇ بايرىمى ۋە دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش كۈنلىرىنى تەڭشەش توغرىسىدىكى كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇش تۆۋەندىكىچە ئۇقتۇرۇلدى.
1. يېڭى يىلدا: 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن 2019-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە جەمئىي ئۈچ كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىپ، دەم ئېلىش كۈنلىرى تەڭشىلىدۇ. 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى(شەنبە) خىزمەت قىلىنىدۇ.
2. چاغاندا: 2-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 10-كۈنىگىچە جەمئىي يەتتە كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىپ، دەم ئېلىش كۈنلىرى تەڭشىلىدۇ. 2-ئاينىڭ 2-كۈنى (شەنبە)، 2-ئاينىڭ 3-كۈنى (يەكشەنبە) خىزمەت قىلىنىدۇ.
3. چىڭمىڭ بايرىمىدا: 4-ئاينىڭ 5-كۈنى دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىپ، شەنبە، يەكشەنبە ئۇلاپ دەم ئېلىنىدۇ.
4. ئەمگەكچىلەر بايرىمىدا: 5-ئاينىڭ 1-كۈنى دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ.
5. دۈەنۋۇ بايرىمىدا: 6-ئاينىڭ 7-كۈنى دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىپ، شەنبە، يەكشەنبە ئۇلاپ دەم ئېلىنىدۇ.
6. جۇڭچيۇ بايرىمىدا: 9-ئاينىڭ 13-كۈنى دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىپ، شەنبە، يەكشەنبە ئۇلاپ دەم ئېلىنىدۇ.
7. دۆلەت بايرىمىدا: 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 7-كۈنىگىچە جەمئىي يەتتە كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىپ، دەم ئېلىش كۈنلىرى تەڭشىلىدۇ. 9-ئاينىڭ 29-كۈنى (يەكشەنبە)، 10-ئاينىڭ 12-كۈنى (شەنبە) خىزمەت قىلىنىدۇ.
بايرام-دەم ئېلىش مەزگىلىدە جايلار، تارماقلار نۆۋەتچىلىك ۋە بىخەتەرلىك، قوغداش قاتارلىق خىزمەتلەرنى مۇۋاپىق ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشى، زور تاسادىپىي ۋەقەلەرگە يولۇققاندا، بەلگىلىمە بويىچە ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى ۋە مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشى، ئاممىنىڭ بايرام-دەم ئېلىش كۈنلىرىنى تىنچ-ئامان، ياخشى ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.