تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەيمەن

ئاۋات ناھىيەسى دولان يېزىلىق پارتكومنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات كادىرى ئالمىنىسا ئابلا

  مەن پارتىيە كۆپ يىل تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن پارتىيەلىك كادىر، پارتىيەگە تەشەككۈر ئېيتىش ھېسسىياتىم، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش قەلبىم تولۇپ تاشقان، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى بولغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن ۋە ئىپتىخارلىنىمەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت بىر قاتار ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى يولغا قويدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى. پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىدىن بىۋاسىتە نەپكە ئېرىشكۈچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن بۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم.

  2001-يىلى، مەن شاڭخەي شەھەرلىك چىباۋ ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئۆتتۈم، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، دۇڭخۇا داشۆسىگە ئۆتۈپ، شاڭخەيدە داۋاملىق ئوقۇدۇم، تۇرمۇش كەچۈردۈم. مەكتەپتە ھەر مىللەت ساۋاقداشلار بىللە ئۆگىنىپ، بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈپ، ئۆزئارا غەمخورلۇق قىلدۇق، بىزدە مىللەت ئايرىمىسى يوق ئىدى، پەقەت ياخشى ئۆگىنىپ، ئەلا نەتىجىمىز بىلەن پارتىيەگە جاۋاب قايتۇرۇش، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇشنىلا ئويلايتتۇق.

  ئىچكىرىدىكى سەككىز يىللىق ئوقۇشۇم ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مەن يۇرتۇمغا قايتىپ، پارتىيە تەشكىلىنىڭ يېتىشتۈرۈشىدە، ھازىرقى خىزمەت ئورنۇمغا قەدەم قويدۇم. مېنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىمدىكى ھەر بىر قەدىمىم، ھەر بىر باسقۇچۇم پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىدىن ئايرىلالمايدۇ، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە يېتىشتۈرۈشىدىن ئايرىلالمايدۇ، ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچىلىرىم، ساۋاقداشلىرىم، خىزمەتداشلىرىم ۋە دوستلىرىمنىڭ ياردىمىدىن ئايرىلالمايدۇ، ئۇلۇغ جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىدىن ئايرىلالمايدۇ.

  نۆۋەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئىچكىرىدىكى ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن ياردەم بېرىشىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، تىيانشاننىڭ جەنۇبى، شىمالىدا كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدىغان ئۆزگىرىشلەر بولۇپ، ئىقتىسادتا زور ھالقىش، خەلق تۇرمۇشىدا زور ياخشىلىنىش، شەھەر-يېزىلاردا زور ئۆزگىرىش، مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىدا چوڭ ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. بىراق بىز يەنىلا مۇرەككەپ، مۈشكۈل بولغان بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋەزىپىسىگە دۇچ كېلىۋاتىمىز. بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر ۋەتىنىمىزنى پارچىلاش جىنايى مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، دىنىي ئەقىدىلەرنى ھەدەپ بۇرمىلاپ، بىدئەت تەلىمات توقۇپ چىقىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى سىڭدۈردى، ھەتتا قارا قولىنى ياش-ئۆسمۈرلەرگە سوزۇپ، بارلىق ئامال-چارىلەر بىلەن دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ۋە «ئىككى پان» ئىدىيەسى ئارقىلىق ياش-ئۆسمۈرلەرنى زەھەرلەپ، چىرىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقتىكى ئەڭ زور تەھدىتكە ئايلاندى، شۇڭا جەزمەن «ئۈچ خىل كۈچ»،«ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قەتئىي زەربە بېرىشىمىز كېرەك.

  پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ئاكتىپ ھالدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ يېتەكلىگۈچىلىرىدىن، ئىجرا قىلغۇچىلىرىدىن بولىمەن، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنىڭ سادىق ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىلىرىدىن، ئالغا سىلجىتقۇچىلىرىدىن بولىمەن.

  مەن مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى يەنىمۇ تۇرغۇزۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئۇلۇغ ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشقا، ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىقنىڭ−بەخت، بۆلگۈنچىلىك، مالىمانچىلىقنىڭ−ئاپەت ئىكەنلىكىنى ئەستە چىڭ ساقلاشقا، ئۆزئارا چۈشىنىش، ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، ئۆزئارا كەڭ قورساق بولۇش، ئۆزئارا زوقلىنىش، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ياردەم بېرىشكە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسراشقا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھاياتىنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەشكە تەربىيەلەيمەن، يېتەكلەيمەن.

  چوڭ ھەق-چوڭ ناھەق مەسىلىلىرى ئالدىدا، مەن مەيدانىمنى ئىنتايىن مۇستەھكەم، كاللامنى ئىنتايىن سەگەك قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئورنۇمدىن دەس تۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ئاممىنىڭ يول باشلىغۇچىلىرىدىن، باشلامچىلىرىدىن بولۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئۆزۈم ئۈلگە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشكە، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاشقا، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرىمەن، يېتەكلەيمەن. مەن شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، مىللەتلەر بىر نىيەتتە زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، تىرىشىپ كۈرەش قىلساقلا، چوقۇم ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرالايمىز، شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ.

  مەن «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىلەن ئۆزئارا ياردەملىشىپ، ئۆزئارا ھۆرمەتلەپ، ئۆزئارا قەدىرلەپ، بىر قېتىملىق تېلېفونلىشىش، بىر قېتىملىق ھال سوراش، بىر قېتىملىق يوقلاش، بىر قېتىملىق جەم بولۇش قاتارلىق «مىكرو ھەرىكەت» ئارقىلىق ئاڭلىق ھالدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا ھەممە كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى بولۇش، ھەممە كىشى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتەك قۇدرەتلىك ئىجتىمائىي ئاكتىپ كۈچنى شەكىللەندۈرىمەن. ئىشنى ئۆزۈمدىن باشلاشتا، كىچىك ئىشلاردىن باشلاشتا، ئازغىنا ئىشلاردىن باشلاشتا چىڭ تۇرۇپ، دائىم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا دائىر سۆزلەرنى قىلىپ، دائىم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا دائىر ئىشلارنى قىلىپ، تىرىشىپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ياخشى كادىر، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىدىغان، قانۇنغا بويسۇنىدىغان ياخشى پۇقرا بولىمەن، تىرىشىپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى ئىشلىرىنىڭ تەشۋىقاتچىلىرىدىن، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىلىرىدىن ۋە ئىلگىرى سۈرگۈچىلىرىدىن بولىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى