تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپا يىغىنى ئاچتى

  مۇخبىرىمىز جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 12- ئاينىڭ 5- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىرنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنى ئېچىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تاشقى ئىشلار خىزمىتى كومىتېتى يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق دەريا (كۆل) باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنىنىڭ روھى قاتارلىقلار يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرى مۇزاكىرە قىلىندى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تاشقى ئىشلار خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىگە قەتئىي بويسۇنۇپ، بارلىق ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇيرۇقى ۋە قوماندانلىقىغا بويسۇنۇپ، قىل دېگەننى قىلىش، قىلما دېگەننى قىلماسلىق، قەدەمنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، تاشقى ئىشلار خىزمىتى ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، شىنجاڭنىڭ تاشقى ئىشلار خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش كېرەك. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، پائال «كىرگۈزۈپ»، «چىقىرىپ»، تاشقى ئالاقە- ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئومۇمىي دىپلوماتىيە چوڭ ۋەزىيىتى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشقا پائال تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: دەريا (كۆل) باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش سىياسىي ئاڭلىقلىقى، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىپ، بۇ مۇھىم، زور سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي، كەسكىن ھالدا زىممىگە ئېلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دەريا باشلىقى تۈزۈمى، كۆل باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ شىنجاڭدا ئەمەلىيلىشىپ، ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، دۆلەتنىڭ دەريا، كۆلگە چېتىلىدىغان مۇناسىۋەتلىك قانۇن- نىزاملىرىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئالاقىدار قانۇن- تۈزۈملەرنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىرلىشىپ قانۇن ئىجرا قىلىش مېخانىزمىنى مۇنتىزىملاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دەريا- ئېقىنلارغا چېتىلىدىغان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك. يەرلىك بىلەن شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ بىر گەۋدىلەشكەن تۆت دەرىجىلىك دەريا باشلىقى، كۆل باشلىقى تۈزۈمى تەشكىلىي سىستېمىسى، خىزمەت تۈزۈمى سىستېمىسى ۋە تۈزەش، قوغداش سىستېمىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىپ، بىرلەشمە يىغىن، چارلاش- تەكشۈرۈش، بىرلىشىپ قانۇن ئىجرا قىلىش، تەكشۈرۈش- باھالاش، ئۇچۇرنى مەلۇم قىلىش، ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىلىنىش قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تۈزۈملەرنى ئورنىتىش، مۇنتىزىملاشتۇرۇش كېرەك. پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى يادرو قىلغان مەسئۇلىيەت سىستېمىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىپ، دەريا (كۆل) باشلىقى تۈزۈمى مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ ئىنچىكىلەشتۈرۈش كېرەك. نازارەت قىلىش- تەكشۈرۈش ۋە باھالاشنى كۈچەيتىپ، دەريا (كۆل) باشلىقى تۈزۈمى خىزمىتىنىڭ نەتىجە- ئۈنۈمىنى ئىلمىي، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، باھالاپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى