تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ پورتۇگالىيە پارلامېنتىنىڭ پارلامېنت باشلىقى رودرېگىس بىلەن كۆرۈشتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، لىسبون، 12- ئاينىڭ 5- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار چيەن تۇڭ، سۈن يى). شۇ يەر ۋاقتى 12- ئاينىڭ 5- كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ لىسبوندا پورتۇگالىيە پارلامېنتىنىڭ پارلامېنت باشلىقى رودرېگىس بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پورتۇگالىيە جۇڭگونىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ياخشى دوستى، ياخشى ھەمراھى. 1999- يىلى، جۇڭگو- پورتۇگالىيە ئاۋمېن مەسىلىسىنى مۇۋاپىق ھەل قىلىپ، خەلقئارادا دوستانە كېڭىشىش ئارقىلىق تارىختا قېپقالغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلەپ بەردى، شۇنداقلا جۇڭگو- پورتۇگالىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆزئارا ئىشىنىش ۋە ھەمكارلىق ئاساسى سالدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى پورتۇگالىيە پارلامېنتى بىلەن قويۇق ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، ئىجابىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. جۇڭگو تەرەپ ئىككى دۆلەت قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ قانۇن چىقىرىشنى نازارەت قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش- ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، دۆلەت ئىقتىسادى ۋە خەلق تۇرمۇشى قاتارلىق مۇھىم قارالمىلاردا ئۆزئارا ئۆگىنىپ ئۆرنەك ئېلىشىنى قوللايدۇ. ئىككى دۆلەت قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرى ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىشكە تۈرتكە بولۇپ، قانۇن ۋە سىياسەت مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، قارشى تەرەپ مەبلەغ سالغان كارخانا ۋە خادىملارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك. ئىككى تەرەپ ھەرقايسى دۆلەت پارلامېنتلىرى ئىتتىپاقى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك تەشكىلاتلاردىكى ئالاقىلىشىش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئورتاق مەنپەئەتنى قوغدىشى ھەم دۇنيانىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى قوغداش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگونىڭ تەرەققىيات يولى مىسلى كۆرۈلمىگەن يول، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان يول، 1 مىليارد 400 مىليونغا يېقىن جۇڭگو خەلقى ئورتاق تاللىغان يول. بۇ يىل جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشىنىڭ 40 يىللىقى. جۇڭگو داۋاملىق ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى سىجىل قويۇپ بېرىپ، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق سىرتقا ئېچىۋېتىش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ. بۇ جۇڭگونىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشىگە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ بېرىدۇ، جۇڭگو- پورتۇگالىيە ھەمكارلىقىمۇ يېڭى پۇرسەتكە يۈزلىنىدۇ.

  رودرېگىس مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پورتۇگالىيە پارلامېنتى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتى پورتۇگالىيە- جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بەردى. جۇڭگو پورتۇگالىيەنىڭ ئاساسلىق سودا ھەمراھى. ئىككىلا تەرەپ كۆپ تەرەپچىللىكنى تەشەببۇس قىلىدۇ. پورتۇگالىيە جۇڭگونىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى تەرىپلەيدۇ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى دوستلۇق، ئۆزئارا ئىشىنىشنى تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق نەتىجىسىگە ئايلاندۇرۇشنى، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد- سودا، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. پورتۇگالىيە تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى قوللايدۇ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نىڭ ياۋروپادىكى تۈگۈنىگە ئايلانسا بولىدۇ. پورتۇگالىيە پارلامېنتى پورتۇگالىيە- جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدۇ، كېلەر يىلىدىكى ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، پورتۇگالىيە- جۇڭگو دوستلۇقىنى مۇستەھكەملەيدۇ، جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن مول، ئۈنۈملۈك سۆزلىشىش ۋە ئالاقىنى داۋاملىق كۈچەيتىشنى خالايدۇ.

  كۆرۈشۈشتىن بۇرۇن، رودرېگىس پارلامېنت بىناسى ئالدىدا داغدۇغىلىق مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، شى جىنپىڭنى قارشى ئالدى. ئوركېستىر جۇڭگو، پورتۇگالىيە ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى. شى جىنپىڭ رودرېگىسنىڭ ھەمراھلىقىدا ھۆرمەت قاراۋۇلىنى كۆزدىن كەچۈردى.

  دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى» دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى