تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش

سادىقلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئېلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغدايمەن

  فۇكاڭ شەھىرى چېڭگۇەن بازارلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى ما جيەنمىڭ

  مەن مىچۈەندە تۇغۇلغان، بالىلىقتىكى ئەسلىمەمدە، ھەر مىللەت كىچىك دوستلار بىللە ئويناپ، بىللە ئۆگىنىپ، بىللە ئۆسۈپ يېتىلدۇق، ئىدىيەمىزدە ئەزەلدىن مىللەت ئايرىمىسى يوق ئىدى. خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن فۇكاڭ شەھىرىگە كېلىپ، 17 يىل ئاساسىي قاتلامدا خىزمەت قىلىش جەريانىدا ھەر مىللەتتىن نۇرغۇن دوست تۇتتۇم. مەيلى بالىلىق دەۋرىم ياكى قۇرامىمغا يەتكەندە بولسۇن، مەن بۇرادەرلىرىم، دوستلىرىمنىڭ ھەممىسى بىلەن چىن قەلبىمدىن ئالاقىلىشىپ، سەمىمىي ئالماشتۇرۇپ، چىن ھېسسىياتىم بىلەن سىڭىشىپ، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مېنىڭ ھەر بىر ئۆسۈپ يېتىلىش قەدىمىم پارتىيەنىڭ يېتىشتۈرۈشىدىن ئايرىلالمايدۇ، ھەر بىر ئالغا ئىلگىرىلەش قەدىمىمدە پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىدىن نەپكە ئېرىشتىم، مەن قەتئىي ھالدا پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن.

  چېگرا ئىچى- سىرتىدىكى «ئۈچ خىل كۈچ» دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ۋە «ئىككى پان» ئىدىيەسىنى ئاساس قىلىپ، بىر يۈرۈش سىستېمىلىق، ئەكسىيەتچىل ئىدىيە سىستېمىسىنى توقۇپ چىقتى، «مىللەت»نى دەستەك قىلىپ، «دىن» تونىغا ئورىنىۋېلىپ، ئاممىنى قايمۇقتۇرۇپ، قۇترىتىپ، كىشىنى غەزەپلەندۈرىدىغان زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ئەڭ زور رېئال تەھدىتكە ئايلاندى. سەگەكلىك بىلەن شۇنى تونۇپ يەتتىمكى، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ۋە «ئىككى پان» ئىدىيەسىنى يىلتىزىدىن يوقاتمىغۇچە، «ئۈچ خىل كۈچ» تەلتۆكۈس يوقالمايدۇ، شىنجاڭدا مەڭگۈ خاتىرجەملىك بولمايدۇ. ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ئىشەنچىمنى چىڭىتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالدىدا ماڭىمەن، تىرىشىپ باشلامچىلاردىن، سەركىلەردىن بولۇپ، باشتىن- ئاخىر سىياسىيدا قەتئىي بولۇش، مەسئۇلىيەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىگە ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ۋە زوراۋان- تېررورچىلارنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكى، بۇزغۇنچىلىقىغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشقا، بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ تىنچ - ئىناق يۇرت - ماكان قۇرۇشقا يېتەكلەيمەن.

  سىياسىي مەيدانىمنى مۇستەھكەملەپ، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولىمەن. مەن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇشنى پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇشنىڭ ئۆلچىمى قىلىپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا سادىق بولۇش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى قوغداش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا زىچ ئەگىشىش ئاڭلىقلىقىم ۋە قەتئىيلىكىمنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئىدىيەمنى يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرىمەن، تونۇشۇمنى يەنىمۇ ئۆستۈرىمەن، پوزىتسىيەمنى تېخىمۇ قەتئىيلەشتۈرىمەن. قەتئىي، كەسكىن ھالدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش «بىرىكمە مۇشت» تەدبىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەۋرەنمەي، بوشاڭلىق قىلماي، ئىككىلەنمەي، شەكىلۋازلىق قىلماي، بايرىقىم روشەن ھالدا يىلتىزىدىن قېزىپ چىقىپ، زەھەرلىك ئۆسمىنى تازىلاپ، ھەقىقىي تۈردە دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ۋە «ئىككى پان» ئىدىيەسىنى تۈپ يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلاپ، تەلتۆكۈس يوقىتىمەن.

  ئىقتىدارىمنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئاممىنى توغرا يېتەكلەيمەن. مەن باشلامچىلىق رولۇمنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، قەتئىي ھالدا ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى، ئىنچىكە، ئەمەلىي ئىشلەپ، «يېۋېلىش، ئېلىۋېلىش، قىسىۋېلىش، تەلەپ قىلىش» قاتارلىق ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى قەتئىي توسىمەن؛ بەنزە ئەزالىرى ۋە پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئەۋزەللىكىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، زېھنىم، كۈچۈم، ھېسسىياتىم بىلەن ئاممىغا تايىنىپ، ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، دادىل ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، دادىل كۈرەش قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى كۆزىنى روشەنلەشتۈرۈشكە، ھەق- ناھەقنى ئېنىق ئايرىشقا، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ۋە «ئىككى پان» ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكى ۋە بۇزغۇنچىلىقىغا ئاڭلىق تاقابىل تۇرۇشقا، «ئۈچ خىل كۈچ»كە زەربە بېرىش، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتەك كونكرېت ئەمەلىيەتكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىشقا پائال يېتەكلەيمەن.

  ھەر ۋاقىت كۆزۈمنى روشەنلەشتۈرۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرىمەن. مەن ھەر ۋاقىت كۆزۈمنى روشەنلەشتۈرۈپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك»نىڭ خەۋپى ۋە ساختىلىقىنى ئېنىق تونۇيمەن ۋە ئۇنى ئېچىپ تاشلايمەن. «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر زوراۋان- تېررورچىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ يوشۇرۇن، تېخىمۇ خەۋپلىك، تېخىمۇ زەھەرلىك، چوقۇم ئۇلارنى پەرقلەندۈرۈپ، پاكىز تازىلايمەن. مەن ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرگۈچىلەردىن، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدىغۇچىلاردىن بولۇپ، قەتئىي ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى خەلق ئۇرۇشىنىڭ بىپايان دېڭىزىغا تەلتۆكۈس غەرق قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • يېڭىسارنىڭ تونۇر كاۋىپى
  • ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان چوڭ جىلغىسى ساياھەت مەخسۇس لىنىيەسىنى ئاچتى
  • سايرام كۆلىنىڭ قىش مەنزىرىسى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى