تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«يېشىل يول» يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت - ئېكسپورت قىلىشقا كۈچ قوشتى

  ئالدىنقى ئون ئايدا شىنجاڭ ئىمپورت - ئېكسپورت قىلغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سودا سوممىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.95 ئاشتى

  مۇخبىرىمىز چېن چياڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ: بۇ يىل 1- ئايدىن 10- ئايغىچە، «يېشىل يول» ئارقىلىق شىنجاڭ ئىمپورت- ئېكسپورت قىلغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سودا سوممىسى 661 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.95 ئاشتى.

  2013- يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۇنجى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تېز سۈرئەتتە تاموژنىدىن ئۆتكۈزىدىغان «يېشىل يول» باقتۇ پورتىدا ئېچىلغاندىن بۇيان، جۇڭگو شىنجاڭ نۆۋەتتە جۇڭگو- قازاقىستان، جۇڭگو- تاجىكىستان، جۇڭگو- قىرغىزىستاندىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت بىلەن تۆت لىنىيەلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى پورت «يېشىل يول» ھەرىكەت مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تاموژنىدىن تېز سۈرئەتتە ئۆتۈشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

  ئۈرۈمچى تاموژنىسى ھەرقايسى پورتلاردىكى «يېشىل يول» كەسپى نەق مەيدانىدا مەخسۇس كۆزنەك تەسىس قىلىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت- ئېكسپورت قىلىش كەسپىنى ئالدىن بېجىردى. مېۋە، كۆكتات تۈرىدىكى ئاسان توڭلايدىغان، ئاسان سېسىيدىغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا ئالدىن بېجىرىش تەرتىپىنى تەسىس قىلىپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش رەسمىيىتىنى بېجىرىش ۋاقتىنى قىسقارتتى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باقتۇ پورتى جايلاشقان تارباغاتاي ۋىلايىتىدە «يېشىل يول» ئەۋزەللىكىنىڭ ياردىمىدە، شۇ جايدىكى ئىمپورت- ئېكسپورت كارخانىلىرى ھەمدە ئېكسپورت تېرىقچىلىق بازىسىدىكى تېرىقچىلىق ئائىلىلىرى پورتنىڭ پايدىسىنى كۆردى.

  چۆچەك شەھەرلىك يۇڭلى سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ تاموژنا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەيدانىدا، قازاقىستاننىڭ «يېشىل يول» بەلگىسى چاپلانغان بەش- ئالتە چوڭ تىپتىكى ساندۇقسىمان يۈك ئاپتوموبىلى رەتلىك تىزىلىپ تۇراتتى، باقتۇ تاموژنىسى تەكشۈرۈشنى تاماملىغاندىن كېيىن، مېۋە- چېۋە قاچىلانغان بۇ يۈك ئاپتوموبىللىرى قازاقىستانغا ماڭىدۇ. «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تاموژنىدىن ئۆتۈش ۋاقتى بارغانسېرى تېز بولۇپ، بىز <يېشىل يول>نىڭ قولايلىقىدىن بەھرىمەن بولدۇق. شىركىتىمىز ئىمپورت- ئېكسپورت قىلغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ مىقدارى 2013- يىلى 800 ~ 700 توننا ئىدى، 2017- يىلى ئېكسپورت قىلغان مېۋە، كۆكتات مىقدارى 165 مىڭ توننىغا يەتتى» دېدى بۇ شىركەتنىڭ كەسپىي دىرېكتورى ليۇ جۈنيى.

  تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، تېرىقچىلىق بازىسىنى كۈندىلىك نازارەت قىلىش- باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى تاموژنىسى «ئېكسپورت قىلىنىدىغان يېمەكلىك، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سۈپەت بىخەتەرلىكى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى» قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، تاموژنىنىڭ نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ھالقىسىنى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىغىچە كېڭەيتتى.

  بىڭتۈەن 9- شىسى ئىتتىپاق دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ ئىشچىسى تاڭ مىڭشۆ مۇشۇ تەدبىردىن نەپ ئالدى. «مېنىڭ 16 پارنىكىم بار، بۇنىڭ ئىچىدىكى يەتتە پارنىكقا ئېكسپورت قىلىنىدىغان كۆكتات تېرىدىم. بىر پارنىكتىكى ئېكسپورت قىلىنىدىغان كۆكتاتلارنى 2000 ~ 1000 يۈەندىن ئارتۇق باھادا ساتقىلى بولىدۇ» دېدى تاڭ مىڭشۆ كۈلۈمسىرىگەن ھالدا.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۈرۈمچى تاموژنىسى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تاموژنىدىن تېز ئۆتكۈزىدىغان «يېشىل يول»نى ساغلام يۈرۈشتۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ چېگرا تاموژنىسى بىلەن بولغان خەلقئارا ھەمكارلىق قاتلىمى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. ھازىر جۇڭگو شىنجاڭ قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان قاتارلىق ئۈچ دۆلەت بىلەن باقتۇ، قاراسۇ، تورغات، ئەركەشتام پورتىدا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تاموژنىدىن تېز ئۆتكۈزىدىغان تۆت «يېشىل يول»نى ئاچتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى